< زەبۇر 112 >

ھەمدۇسانا! پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغان، ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى زور خۇرسەنلىك دەپ بىلىدىغان ئادەم بەختلىكتۇر! 1
ئۇنىڭ نەسلى زېمىندا تۇرۇپ كۈچ-قۇدرەتلىك بولىدۇ؛ دۇرۇسلارنىڭ دەۋرى بەختلىك بولىدۇ. 2
ئۇنىڭ ئۆيىدە دۆلەت ھەم بايلىقلار بولىدۇ؛ ھەققانىيلىقى مەڭگۈگە تۇرىدۇ. 3
قاراڭغۇلۇقتا تۇرغان دۇرۇس ئادەمگە نۇر پەيدا بولىدۇ؛ ئۇ شەپقەتلىك، رەھىمدىل ھەم ھەققانىيدۇر. 4
خەيرخاھ، ئۆتنە بېرىپ تۇرىدىغان ئادەمنىڭ بەختى بولىدۇ؛ ئۇ ئۆز ئىشلىرىنى ئادىللىق بىلەن يۈرگۈزىدۇ. 5
بەرھەق، ئۇ ئەبەدىي تەۋرىتىلمەيدۇ؛ ھەققانىي ئادەم مەڭگۈگە ئەسلىنىدۇ. 6
ئۇ شۇم خەۋەردىن قورقمايدۇ؛ ئۇنىڭ كۆڭلى توق ھالدا، پەرۋەردىگارغا تايانغان. 7
دىلى مەھكەم قىلىنغان، ئۇ قورقمايدۇ؛ ئاخىرىدا ئۇ رەقىبلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كۆرىدۇ. 8
ئۇ ئۆزىنىڭكىنى مەردلەرچە تارقاتقان، يوقسۇللارغا بېرىدۇ؛ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى مەڭگۈگە تۇرىدۇ؛ ئۇنىڭ مۈڭگۈزى ئىززەت-شۆھرەت بىلەن كۆتۈرۈلىدۇ. 9
رەزىل ئادەم بۇنى كۆرۈپ چىدىمايدۇ، چىشلىرىنى غۇجۇرلىتىدۇ، ئۇ ئېرىپ كېتىدۇ؛ رەزىللەرنىڭ ئارزۇ-ھەۋىسى يوقىتىلىدۇ. 10

< زەبۇر 112 >