< زەبۇر 111 >

ھەمدۇسانا! كۆڭلى دۇرۇسلارنىڭ مەشرىپىدە، ھەم جامائەتتە تۇرۇپ، پەرۋەردىگارغا پۈتۈن قەلبىم بىلەن تەشەككۈر ئېيتىمەن. 1
پەرۋەردىگارنىڭ ياسىغانلىرى ئۇلۇغدۇر؛ بۇلاردىن خۇرسەن بولغانلار ئىزدىنىپ ئۇلارنى سۈرۈشتۈرمەكتە. 2
ئۇنىڭ ئەجرى شەرەپ ۋە ھەيۋەتتۇر، ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى مەڭگۈگە تۇرىدۇ. 3
ئۇ ئۆز مۆجىزىلىرىنى ياد ئەتكۈزىدۇ؛ پەرۋەردىگار مۇھەببەتلىك ھەم رەھىمدىللىكتۇر. 4
ئۇ ئۆزىدىن ئەيمىنىدىغانلارنى ئاش بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ ئۆز ئەھدىسىنى ھەمىشە ياد ئېتىدۇ. 5
ئۇ ئەمەللىرىدىكى قۇدرىتىنى ئۆز خەلقىگە كۆرسىتىپ، باشقا ئەللەرنىڭ مىراس-زېمىنىنى ئۇلارغا تەقدىم قىلدى. 6
ئۇنىڭ قولى قىلغانلىرى ھەقىقەت-ساداقەت ۋە ئادىللىقتۇر؛ ئۇنىڭ بارلىق كۆرسەتمىلىرى ئىشەنچلىكتۇر. 7
بۇلار ئەبەدىلئەبەدگىچە ئىناۋەتلىكتۇر؛ ھەقىقەتتە ھەم دۇرۇسلۇقتا چىقىرىلغاندۇر. 8
ئۇ ئۆز خەلقىگە نىجاتلىق ئەۋەتتى؛ ئۆز ئەھدىسىنى ئەمر قىلىپ مەڭگۈگە بېكىتتى؛ مۇقەددەس ھەم سۈرلۈكتۇر ئۇنىڭ نامى. 9
پەرۋەردىگاردىن قورقۇش دانالىقنىڭ باشلىنىشىدۇر؛ ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى تۇتقانلارنىڭ ھەممىسى يورۇتۇلغان ئادەملەردۇر؛ ئۇنىڭ مەدھىيىسى مەڭگۈ تۇرىدۇ. 10

< زەبۇر 111 >