< زەبۇر 110 >

داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگار مېنىڭ رەببىمگە: ــ «مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى تەختىپەرىڭ قىلغۇچە، ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن» ــ دېدى. 1
پەرۋەردىگار قۇدرىتىڭنى كۆرسىتىدىغان شاھانە ھاساڭنى زىئوندىن ئۇزىتىدۇ؛ دۈشمەنلىرىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم سۈرگىن! 2
كۈچۈڭنى كۆرسىتىدىغان كۈندە، ئۆز خەلقىڭ خالىس قۇربانلىق كەبى پىدا بولىدۇ؛ مۇقەددەس ھەيۋىتىڭدە، شۇ ياشلىق دەۋرىڭدىكىدەك، ساڭا ھازىرمۇ شەبنەملەر سەھەرنىڭ بالىياتقۇسىدىن يېڭى چىققاندەك چۈشىدۇ؛ 3
پەرۋەردىگار شۇنداق قەسەم ئىچتى، ھەم بۇنىڭدىن يانمايدۇ: ــ «سەن ئەبەدىلئەبەدگىچە مەلكىزەدەكنىڭ تىپىدىكى بىر كاھىندۇرسەن». 4
ئوڭ تەرىپىڭدە بولغان رەب غەزىپىنى كۆرسەتكەن كۈندە پادىشاھلارنى ئۇرۇپ پارە-پارە قىلىۋېتىدۇ؛ 5
ئۇ ئەللەر ئارىسىدا سوتلايدۇ؛ جاي-جايلارنى جەسەتلەر بىلەن تولدۇرىدۇ؛ كەڭ زېمىننىڭ بېشىنى يارىدۇ؛ 6
ئۇ يولدا ئېرىقتىن سۇ ئىچىدۇ؛ ئۇ شۇڭا كىشىنىڭ بېشىنى يۆلىگۈچى بولىدۇ. 7

< زەبۇر 110 >