< زەبۇر 11 >

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: پەرۋەردىگارنى باشپاناھىم قىلدىم؛ ئەمدى سىلەر قانداقمۇ ماڭا: «قۇشتەك ئۆز تېغىڭغا ئۇچۇپ قاچ! 1
چۈنكى مانا، رەزىللەر كاماننى تارتىپ، قاراڭغۇلۇقتىن كۆڭلى دۇرۇسلارغا قارىتىپ ئاتماقچى بولۇپ، ئۇلار ئوقنى كىرىچقا سېلىپ قويدى؛ 2
«ئۇللار ھالاك قىلىنسا، ئەمدى ھەققانىيلار نېمىمۇ قىلار؟»» ــ دەۋاتىسىلەر؟ 3
پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدىدۇر، پەرۋەردىگارنىڭ تەختى ئاسمانلاردىدۇر؛ ئۇ نەزەر سالىدۇ، ئۇنىڭ سەزگۈر كۆزلىرى ئىنسان بالىلىرىنى كۆزىتىپ، سىنايدۇ. 4
پەرۋەردىگار ھەققانىي ئادەمنى سىنايدۇ؛ رەزىللەرگە ۋە زوراۋانلىققا خۇشتارلارغا ئۇ ئىچ-ئىچىدىن نەپرەتلىنىدۇ. 5
ئۇ رەزىللەرگە قاپقانلار، ئوت ۋە گۈڭگۈرتنى ياغدۇرىدۇ؛ پىژغىرىم قىزىق شامال ئۇلارنىڭ قەدەھىدىكى نېسىۋىسى بولىدۇ. 6
چۈنكى پەرۋەردىگار ھەققانىيدۇر؛ ھەققانىيلىق ئۇنىڭ ئامرىقىدۇر؛ كۆڭلى دۇرۇسلار ئۇنىڭ دىدارىنى كۆرىدۇ. 7

< زەبۇر 11 >