< زەبۇر 109 >

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ ئى مەدھىيەمنىڭ ئىگىسى خۇدايىم، جىم تۇرما! 1
مانا رەزىللەرنىڭ ئاغزى، مەككارلارنىڭ ئاغزى كۆز ئالدىمدا يوغان ئېچىلدى؛ ئۇلار يالغانچى تىل بىلەن ماڭا قارشى سۆزلىدى. 2
نەپرەتلىك سۆزلەر بىلەن مېنى چۇلغاپ، ئۇلار بىكاردىن-بىكار ماڭا زەربە بەرمەكتە. 3
مۇھەببىتىم ئۈچۈن ئۇلار ماڭا قارشى شىكايەتچى بولدى، مەن بولسام ــ دۇئاغا بېرىلدىم. 4
ياخشىلىقىم ئۈچۈن يامانلىق، سۆيگۈم ئۈچۈن نەپرەت قايتۇردى. 5
ھەربىرىنىڭ ئۈستىدە رەزىل بىر ئادەم تەيىنلىگەيسەن، ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا بىر دەۋاگەر تۇرسۇن. 6
ئۇ سوراق قىلىنغاندا ئەيىبدار بولۇپ چىقسۇن، دۇئاسى گۇناھ دەپ ھېسابلانسۇن. 7
كۈنلىرى قىسقا بولسۇن، مەنسىپىنى باشقىسى ئىگىلىسۇن. 8
بالىلىرى يېتىم قالسۇن، خوتۇنى تۇل بولسۇن. 9
ئوغۇللىرى سەرگەردان تىلەمچى بولسۇن، تۇرغان خارابىلىكلىرىدىن نان ئىزدەپ. 10
جازانىخور ئۇنىڭ ئىگىلىكى ئۈستىگە تور تاشلىسۇن، مېھنەت ئەجرىنى ياتلار بۇلاپ-تالىسۇن. 11
ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق كۆرسىتىدىغان بىرسى بولمىسۇن، يېتىم قالغان بالىلىرىغا ئىلتىپات قىلغۇچى بولمىسۇن. 12
ئۇنىڭ نەسلى قۇرۇتۇلسۇن؛ كېلەر ئەۋلادىدا ناملىرى ئۆچۈرۈلسۇن. 13
ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبىھلىكىنىڭ ئەيىبلىرى پەرۋەردىگارنىڭ يادىدا قالسۇن، ئانىسىنىڭ گۇناھى ئۆچۈرۈلمىسۇن. 14
بۇلارنىڭ ئەيىبلىرى دائىم پەرۋەردىگارنىڭ كۆز ئالدىدا بولسۇن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنىڭ نام-ئەمىلىنى يەر يۈزىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ. 15
چۈنكى [رەزىل كىشى] مېھرىبانلىق كۆرسىتىشنى ھېچ ئېسىگە كەلتۈرمىدى، بەلكى ئېزىلگەن، يوقسۇل ھەم دىلى سۇنۇقلارنى ئۆلتۈرمەككە قوغلاپ كەلدى. 16
ئۇ لەنەت ئوقۇشقا ئامراق ئىدى، شۇڭا لەنەت ئۇنىڭ بېشىغا كېلىدۇ؛ بەخت تىلەشكە رايى يوق ئىدى، شۇڭا بەخت ئۇنىڭدىن يىراق بولىدۇ. 17
ئۇ لەنەتلەرنى ئۆزىگە كىيىم قىلىپ كىيگەن؛ شۇڭا بۇلار ئاققان سۇدەك ئۇنىڭ ئىچ-باغرىغا، مايدەك، سۆڭەكلىرىگە كىرىدۇ؛ 18
بۇلار ئۇنىڭغا يېپىنغان تونىدەك، ھەردائىم باغلانغان بەلۋېغىدەك چاپلانسۇن. 19
بۇلار بولسا مېنى ئەيىبلىگۈچىلەرگە پەرۋەردىگارنىڭ بېكىتكەن مۇكاپاتى بولسۇن! مېنىڭ يامان گېپىمنى قىلغانلارنىڭ ئىنئامى بولسۇن! 20
بىراق سەن، پەرۋەردىگار رەببىم، ئۆز نامىڭ ئۈچۈن مېنىڭ تەرىپىمدە بىر ئىش قىلغايسەن، مېھىر-مۇھەببىتىڭ ئەلا بولغاچقا، مېنى قۇتقۇزغايسەن؛ 21
چۈنكى مەن ئېزىلگەن ھەم ھاجەتمەندۇرمەن، قەلبىم خەستە بولدى. 22
مەن قۇياش ئۇزارتقان كۆلەڭگىدەك يوقىلاي دەپ قالدىم، چېكەتكە قېقىۋېتىلگەندەك چەتكە قېقىۋېتىلدىم. 23
روزا تۇتقىنىمدىن تىزلىرىم كېتىدۇ، ئەتلىرىم سىزىپ كېتىدۇ. 24
شۇڭلاشقا مەن ئۇلار ئالدىدا رەسۋا بولدۇم؛ ئۇلار ماڭا قاراشقاندا، بېشىنى سىلكىشمەكتە. 25
ماڭا ياردەملەشكەيسەن، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بويىچە مېنى قۇتقۇزغايسەن؛ 26
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇنىڭ سېنىڭ قولۇڭدىكى ئىش ئىكەنلىكىنى، بۇنى قىلغۇچىنىڭ سەن پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلسۇن. 27
ئۇلار لەنەت ئوقۇۋەرسۇن، سەن بەخت ئاتا قىلغايسەن؛ ئۇلار ھۇجۇم قىلىشقا تۇرغاندا، خىجالەتتە قالسۇن، بىراق قۇلۇڭ شادلانسۇن! 28
مېنى ئەيىبلىگۈچىلەر خىجالەت بىلەن كىيىنسۇن، ئۇلار ئۆز شەرمەندىلىكىنى ئۆزلىرىگە تون قىلىپ يېپىنسۇن. 29
ئاغزىمدا پەرۋەردىگارغا زور تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۈرىمەن؛ بەرھەق، كۆپچىلىك ئارىسىدا تۇرۇپ ئۇنى مەدھىيىلەيمەن؛ 30
چۈنكى ھاجەتمەننىڭ جېنىنى گۇناھقا بېكىتمەكچى بولغانلاردىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، [پەرۋەردىگار] ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرىدۇ. 31

< زەبۇر 109 >