< زەبۇر 108 >
داۋۇتنىڭ كۈي-ناخشىسى: ــ ئىرادەم چىڭ، ئى خۇدا، ئىرادەم چىڭ؛ مەن مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىپ، بەرھەق، سېنى كۈيلەيمەن، پۈتۈن روھىم بىلەن! | 1 |
Ein Psalmlied. Von David. O Gott, mein Herz ist bereit: ich will singen und spielen; wach auf, meine Seele!
ئى نەغمە-سازلىرىم، ئويغان! مەن سەھەر قۇياشىنىمۇ ئويغىتىمەن! | 2 |
Psalter und Harfe, wacht auf! Ich will die Morgenröte wecken.
خەلق-مىللەتلەر ئارىسىدا سېنى ئۇلۇغلايمەن، ئى پەرۋەردىگار؛ ئەللەر ئارىسىدا سېنى كۈيلەيمەن! | 3 |
HERR, ich will dir danken unter den Völkern und dir singen unter den Nationen;
چۈنكى ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ئەرشلەرگە يەتكۈدەك ئۇلۇغتۇر؛ ھەقىقىتىڭ بۇلۇتلارغا تاقاشتى. | 4 |
denn groß bis über den Himmel ist deine Gnade, und bis an die Wolken reicht deine Treue.
ئى خۇدا، شان-شۆھرىتىڭ ئەرشلەردىن يۇقىرى ئۇلۇغلانغاي، شان-شەرىپىڭ يەر يۈزىنى قاپلىغاي! | 5 |
Erhebe dich über die Himmel, o Gott, und über die ganze Erde deine Herrlichkeit!
ئۆز سۆيگەنلىرىڭنىڭ نىجاتلىق تېپىشى ئۈچۈن، ئوڭ قولۇڭ بىلەن قۇتقۇزغايسەن، دۇئايىمنى ئىجابەت قىلغايسەن. | 6 |
Auf daß deine Geliebten errettet werden, laß siegen deine Rechte und erhöre uns!
خۇدا ئۆز پاك-مۇقەددەسلىكىدە شۇنداق دېگەن: ــ «مەن تەنتەنە قىلىمەن، مەن شەكەم دىيارىنى بۆلۈپ بېرىمەن، سۇككوت ۋادىسىنى [تەقسىم قىلىشقا] ئۆلچەيمەن. | 7 |
Gott hat gesprochen in seinem Heiligtum: «Ich will frohlocken! Ich will Sichem verteilen und das Tal Suchot ausmessen.
گىلېئاد ماڭا مەنسۇپتۇر، ماناسسەھمۇ ماڭا مەنسۇپتۇر؛ ئەفرائىم بولسا بېشىمدىكى دۇبۇلغامدۇر، يەھۇدا مېنىڭ ئەمر-پەرمان چىقارغۇچىمدۇر؛ | 8 |
Gilead ist mein, Manasse ist mein, Ephraim ist meines Hauptes Wehr, Juda mein Herrscherstab;
موئاب مېنىڭ يۇيۇنۇش جاۋۇرۇمدۇر؛ ئېدومغا چورۇغۇمنى تاشلايمەن؛ مەن فىلىستىيە ئۈستىدىن تەنتەنە قىلىمەن!». | 9 |
Moab ist mein Waschbecken, über Edom werfe ich meinen Schuh, über Philistäa jauchze ich!»
كىم مېنى بۇ مۇستەھكەم شەھەرگە باشلاپ كىرەلىسۇن؟ كىم مېنى ئېدومغا ئېلىپ بارالىسۇن؟ | 10 |
Wer führt mich in eine feste Stadt, wer geleitet mich bis nach Edom?
ئى خۇدا، سەن بىزنى راستتىنلا چەتكە قاقتىڭمۇ؟ قوشۇنلىرىمىز بىلەن بىللە جەڭگە چىقمامسەن؟ | 11 |
Hast du, o Gott, uns nicht verstoßen und willst nicht ausziehen, o Gott, mit unserm Heer?
بىزنى زۇلۇملاردىن قۇتۇلۇشقا ياردەملەشكەيسەن، چۈنكى ئىنساننىڭ ياردىمى بىكاردۇر! | 12 |
Schaffe uns Hilfe in der Not, denn eitel ist Menschenhilfe!
خۇدا ئارقىلىق بىز چوقۇم باتۇرلۇق كۆرسىتىمىز؛ بىزگە زۇلۇم قىلغۇچىلارنى چەيلىگۈچى دەل ئۇ ئۆزىدۇر! | 13 |
Mit Gott wollen wir Taten tun; er wird unsre Feinde untertreten.