< زەبۇر 106 >

ھەمدۇسانا! پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار! چۈنكى ئۇ مېھرىباندۇر، ئەبەدىيدۇر ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى. 1
پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرەتلىك قىلغانلىرىنى كىم سۆزلەپ بېرەلەيدۇ؟ ئۇنىڭ بار شان-شۆھرىتىنى كىم جاكارلاپ بېرەلەيدۇ؟ 2
بەختلىكتۇر ئادالەتنى تۇتقان، دائىم ھەققانىيلىقنى يۈرگۈزگەن كىشى! 3
خەلقىڭگە بولغان ھىممىتىڭ بىلەن مېنى ئەسلىگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ نىجاتلىقىڭ بىلەن يېنىمغا كېلىپ خەۋەر ئالغىن! 4
شۇنىڭ بىلەن، سەن تاللىغانلىرىڭنىڭ بەرىكىتىنى كۆرەي، ئۆز ئېلىڭنىڭ شادلىقى بىلەن شاد بولاي، ئۆز مىراسىڭ [بولغان خەلقىڭ] بىلەن پەخىرلىنىپ، يايراپ يۈرەي! 5
بىز ئاتا-بوۋىلىرىمىز قاتارىدا گۇناھ ئۆتكۈزدۇق، قەبىھلىك قىلدۇق، يامانلىق ئەيلىدۇق. 6
مىسىردا تۇرغان ئاتا-بوۋىلىرىمىز مۆجىزىلىرىڭنى نەزىرىگە ئالماي، كۆپ مېھرىبانلىقلىرىڭنى ئېسىگە ئالمىدى؛ بەلكى دېڭىزدا، قىزىل دېڭىز بويىدا ئىسيان كۆتۈردى. 7
بىراق ئۇ قۇدرىتىمنى نامايان قىلاي دەپ، ئۆز نامى ئۈچۈن ئۇلارنى قۇتقۇزدى. 8
ئۇنىڭ قىزىل دېڭىزغا تەنبىھ بېرىشى بىلەن، ئۇ قۇپقۇرۇق بولدى؛ خۇددى قاغجىراق چۆللۈكتىن يېتەكلەپ ماڭغاندەك، ئۇ ئۇلارنى دېڭىز تەگلىرىدىن [قۇرۇق] ئۆتكۈزدى. 9
ئۇلارنى ئۆچ كۆرگەنلەرنىڭ قولىدىن ھۆرلۈككە چىقاردى، ئۇلارغا ھەمجەمەت بولۇپ دۈشمەن چاڭگىلىدىن قۇتقۇزدى. 10
ياۋلارنى سۇلار باستى، ئۇلارنىڭ ھېچبىرسى ساق قالمىدى. 11
شۇندىلا ئۇلار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنچ قىلدى؛ ئۇلار ئۇنى كۈيلىدى. 12
ئۇلار ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى شۇنچە تېز ئۇنتۇدى، نەسىھەتىنى كۈتمىدى؛ 13
بەلكى دالادا ئاچ كۆزلۈككە بالادەك بېرىلدى، چۆل-باياۋاندا تەڭرىنى سىنىدى. 14
شۇڭا ئۇ سورىغىنىنى ئۇلارغا بەردى، بىراق جۈدەتكۈچى بىر كېسەلنى جانلىرىغا تەگكۈزدى. 15
ئۇلار بارگاھدا مۇساغا ھەسەت قىلدى، خۇدانىڭ مۇقەددەس بەندىسى ھارۇننىمۇ كۆرەلمىدى. 16
يەر ئېچىلىپ داتاننى يۇتۇۋەتتى، ئابىرامنى ئادەملىرى بىلەن قاپسىۋالدى. 17
ئەگەشكۈچىلىرى ئارىسىدا ئوت يېقىلدى؛ يالقۇن رەزىللەرنى كۆيدۈرىۋەتتى. 18
ئۇلار ھورەب تېغىدا موزاي بۇتنى ياسىدى، قۇيما ھەيكەلگە سەجدە قىلىپ، 19
ئۆزلىرىنىڭ پەخىر-شۆھرىتى بولغۇچىنىڭ ئورنىغا، ئوت-چۆپ يەيدىغان ئۆكۈزنىڭ سۈرىتىنى ئالماشتۇردى. 20
مىسىردا ئۇلۇغ ئىشلارنى كۆرسەتكەن نىجاتكارى تەڭرىنى ئۇلار ئۇنتۇدى. 21
دەرۋەقە، ھام دىيارىدا مۆجىزىلەر ياراتقان، قىزىل دېڭىز بويىدا قورقۇنچلۇق ئىشلارنى كۆرسەتكەن خۇدانى [ئۇنتۇدى]. 22
ئۇ ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن دېگەنىدى ــ ئۆز تاللىغىنى مۇسا قەھرىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدا ئارىچى بولۇپ تىك تۇرمىغان بولسا، ــ دەرۋەقە شۇنداق قىلغان بولار ئىدى. 23
ئۇلار يەنە گۈزەل زېمىننى كەمسىتىپ رەت قىلدى، ئۇنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنمىدى؛ 24
بەلكى چېدىرلىرىدا قاقشاپ يۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالمىدى. 25
شۇڭا ئۇ ئۇلارغا قەسەم قىلىپ قول كۆتۈرۈپ: ــ سىلەرنى چۆلدە يىقىتىپ تۈگەشتۈرىمەن ــ 26
ئەۋلادلىرىڭلارنىمۇ ئەللەر ئارىسىدا يىقىتىپ تۈگەشتۈرۈپ، ياقا يۇرتلار ئارا تارقىتىۋېتىمەن» ــ دېدى. 27
ئۇلار بائال-پېئور بۇتقا ئۆزىنى ئېتىپ چوقۇنۇپ، ئۆلۈكلەرگە ئاتىغان قۇربانلىقلارنى يېدى. 28
ئۇلار قىلمىشلىرى بىلەن ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈردى، ئۇلار ئارىسىدا ۋابا قوزغالدى؛ 29
فىنىھاس تۇردى-دە، ھۆكۈم يۈرگۈزدى، شۇنىڭ بىلەن ۋابا توسۇلدى؛ 30
بۇ ئىش [فىنىھاسقا] ھەققانىيەت دەپ ھېسابلاندى، ئۇنىڭ نەسلىگىمۇ ئەۋلادىدىن ئەۋلادىغىچە، ئەبەدىي شۇنداق ھېسابلاندى. 31
ئۇلار يەنە [پەرۋەردىگارنى] مېرىباھ سۇلىرى بويىدا غەزەپكە كەلتۈردى، ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن مۇساغىمۇ زەرەر يەتتى؛ 32
چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ روھىنى تېرىكتۈردى، ئۇنىڭ لەۋلىرى بىخەستىلىكتە گەپ قىلىپ سالدى. 33
ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ، [شۇ] يەردىكى قوۋملارنى يوقاتمىدى؛ 34
بەلكى يات ئەللەر بىلەن ئارىلىشىپ، ئۇلارنىڭ قىلىقلىرىنى ئۆگەندى؛ 35
ئۇلارنىڭ بۇتلىرىغا چوقۇندى، بۇلار ئۆزلىرىگە بىر تۇزاق بولۇپ چىقتى؛ 36
چۈنكى ئۇلار ئۆز ئوغۇل-قىزلىرىنى سويۇپ، جىنلارغا قۇربانلىققا بېغىشلىدى. 37
شۇنداق قىلىپ ئۇلار بىگۇناھ قاننى، يەنى قانائاندىكى بۇتلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ، ئۆز ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ قېنىنى تۆكتى؛ زېمىنى قانغا بۇلغىنىپ كەتتى. 38
ئۇلار ئۆز قىلمىشلىرى بىلەن بۇلغاندى؛ قىلىقلىرى بىلەن پاھىشە ئايالدەك بۇزۇلدى. 39
شۇڭا پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىدىن قاتتىق غەزەپلەندى، ئۇ ئۆز مىراسىدىن يىرگەندى؛ 40
ئۇلارنى يات ئەللەرنىڭ قولىغا بەردى، ئۇلارغا ئۆچمەنلەر ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 41
دۈشمەنلىرى ئۇلارنى ئەزدى، ئۇلار ياۋ قولى ئاستىدا ئېگىلىپ پۈكۈلدى. 42
كۆپ قېتىم [پەرۋەردىگار] ئۇلارنى قۇتقۇزدى؛ بىراق ئۇلار بولسا، ئۆز خاھىشلىرى بىلەن ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلدى، ئۇلار ئۆز قەبىھلىكى بىلەن پەس ھالغا چۈشتى. 43
شۇنداقتىمۇ ئۇ ئۇلارنىڭ نالە-پەريادىنى ئاڭلىغاندا، ئۇلارنىڭ جەبىر-جاپالىرىغا ئېتىبار بەردى؛ 44
ھەم ئۇلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى ئەسلىدى، زور مېھىر-شەپقىتى بىلەن، غەزىپىدىن ياندى، 45
ئۇ ئۇلارنى سۈرگۈن قىلغانلارنىڭ قەلبىدە رەھىم ئويغاتتى. 46
بىزنى قۇتقۇزغايسەن، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز! مۇقەددەس نامىڭغا تەشەككۈر ئېيتىشقا، تەنتەنە قىلىپ سېنى مەدھىيىلەشكە، بىزنى ئەللەر ئارىسىدىن يېنىڭغا يىغىۋالغايسەن! 47
ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا، ئەزەلدىن تا ئەبەدگىچە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلسۇن! پۈتكۈل خەلق «ئامىن» دېسۇن! ھەمدۇسانا! 48

< زەبۇر 106 >