< زەبۇر 105 >

پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، ئۇنىڭ نامىنى چاقىرىپ ئىلتىجا قىلىڭلار، ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى خەلقلەر ئارىسىدا ئايان قىلىڭلار! 1
ئۇنىڭغا ناخشىلار ئېيتىپ، ئۇنى كۈيلەڭلار؛ ئۇنىڭ پۈتكۈل كارامەت مۆجىزىلىرى ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىڭلار. 2
مۇقەددەس نامىدىن پەخىرلىنىپ داڭلاڭلار، پەرۋەردىگارنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ كۆڭلى شادلانسۇن! 3
پەرۋەردىگارنى ھەمدە ئۇنىڭ كۈچىنى ئىزدەڭلار، دىدار-ھۇزۇرىنى توختىماي ئىزدەڭلار. 4
ئۇنىڭ ياراتقان مۆجىزىلىرىنى، كارامەت-ئالامەتلىرىنى ھەم ئاغزىدىن چىققان ھۆكۈملىرىنى ئەستە تۇتۇڭلار، 5
ئى ئۇنىڭ قۇلى ئىبراھىم نەسلى، ئۆزى تاللىغانلىرى، ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى! 6
ئۇ، پەرۋەردىگار ــ خۇدايىمىز، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى پۈتكۈل يەر يۈزىدىدۇر. 7
ئۆزى تۈزگەن ئەھدىسىنى ئەبەدىي يادىدا تۇتىدۇ ــ ــ بۇ ئۇنىڭ مىڭ ئەۋلادقىچە ۋەدىشلەشكەن سۆزىدۇر، ــ 8
يەنى ئىبراھىم بىلەن تۈزگەن ئەھدىسى، ئىسھاققا ئىچكەن قەسىمىدۇر. 9
ئۇ بۇنى ياقۇپقىمۇ نىزام دەپ جەزملەشتۈردى، ئىسرائىلغا ئەبەدىي ئەھدە قىلىپ بېرىپ: ــ 10
«ساڭا قانائان زېمىنىنى بېرىمەن، ئۇنى مىراسىڭ بولغان نېسىۋەڭ قىلىمەن»، ــ دېدى، 11
ــ گەرچە شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ سانى ئاز، ئېتىۋارغا ئېلىنمىغان، شۇ يەردىكى مۇساپىرلار بولسىمۇ. 12
ئۇلار ئۇ يۇرتتىن بۇ يۇرتقا، بۇ ئەلدىن ئۇ قەبىلىگە كېزىپ يۈردى؛ 13
ئۇ ھېچكىمنىڭ ئۇلارنى ئېزىشىگە يول قويمىدى، ئۇلارنى دەپ پادىشاھلارغىمۇ تەنبىھ بېرىپ: ــ 14
مەن مەسىھ قىلغانلىرىمغا تەگمە، پەيغەمبەرلىرىمگە يامان ئىش قىلما! ــ دېدى. 15
ئۇ ئاشۇ يۇرتقا ئاچارچىلىقنى بۇيرۇدى، تىرەك بولغان ئاش-ناننى قۇرۇتۇۋەتتى. 16
ئۇ ئۇلاردىن بۇرۇن بىر ئادەمنى ئەۋەتكەنىدى، يۈسۈپ قۇل قىلىپ سېتىلغانىدى. 17
ئۇنىڭ پۇتلىرى زەنجىردە ئاغرىدى، ئۇنىڭ جېنى تۆمۈرگە كىرىپ قىسىلدى؛ 18
شۇنداقلا تا ئۆزىگە ئېيتىلغان ۋەھىي ئەمەلگە ئاشۇرۇلغۇچە، پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامى ئۇنى سىناپ تاۋلىدى؛ 19
پىرەۋن ئادەملىرىنى ئەۋەتىپ ئۇنى بوشاتقۇزدى، قوۋملارنىڭ ھۆكۈمدارى ئۇنى ھۆرلۈككە چىقاردى. 20
ئۇنى ئۆز ئوردىسىغا غوجىدار قىلىپ قويدى، پۈتۈن مال-مۈلكىگە باشلىق قىلىپ تەيىنلەپ، 21
ئۆز ۋەزىرلىرىنى ئۇنىڭ ئىختىيارىدا بولۇپ تەربىيىلىنىشكە، ئاقساقاللىرىغا دانالىق ئۆگىتىشكە تاپشۇردى. 22
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل مىسىرغا كەلدى، ياقۇپلار ھامنىڭ زېمىنىدا مۇساپىر بولۇپ ياشىدى. 23
[پەرۋەردىگار] ئۆز خەلقىنى كۆپ نەسىللىك قىلىپ، ئەزگۈچىلىرىدىن كۈچلۈك قىلدى. 24
ئۇ [مىسىرلىقلارنىڭ] قەلبىدە ئۆز خەلقىگە نەپرەت ھاسىل قىلدى، ئۇلارنى ئۆز قۇللىرىغا ھىيلە-مىكىرلىك بولۇشقا مايىل قىلدى. 25
ئۇ ئۆز قۇلى بولغان مۇسانى، ئۆزىنىڭ تاللىغىنى ھارۇننى يوللىدى. 26
ئۇلار [مىسىردا] ئىلاھىي ئالامەتلەرنى ئايان قىلىپ، ھام زېمىنىدا ئۇنىڭ مۆجىزىلىرىنى ئورناتتى. 27
پەرۋەردىگار قاراڭغۇلۇقنى ئەۋەتىپ، [زېمىننى] زۇلمەتكە قاپلىتىۋەتتى؛ [مىسىرلىقلار] ئۇنىڭ ئەمرىگە قارشى تۇرغان ئەمەسمۇ؟ 28
ئۇ ئۇلارنىڭ سۇلىرىنى قانغا ئايلاندۇردى، بېلىقلىرىنى قۇرۇتىۋەتتى. 29
ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى مىژ-مىژ پاقىلار باستى، شاھ-ئەمىرلىرىنىڭ ھۇجرىلىرىغىمۇ ئۇلار تولۇپ كەتتى. 30
ئۇ بىر سۆز بىلەنلا، غۇژ-غۇژ چىۋىنلار بېسىپ كەلدى؛ ھەممە بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا غىڭ-غىڭ ئۇچار چۈمۈلىلەر. 31
ئۇ يامغۇرنىڭ ئورنىغا مۆلدۈر ياغدۇرۇپ، بۇ زېمىنغا يالقۇنلۇق ئوت چۈشۈردى. 32
ئۇ ئۈزۈم تاللىرىنى، ئەنجۇر دەرەخلىرىنى ئۇردى، زېمىندىكى دەرەخلەرنى سۇندۇرۇۋەتتى. 33
ئۇ بىر سۆز قىلىشى بىلەنلا، چېكەتكىلەر كەلدى، سانسىز يۇتقۇر ھاشارەتلەر مىژىلداپ، 34
زېمىنىدا بار بولغان گىياھلارنى يۇتۇۋەتتى، ئېتىزلارنىڭ بارلىق ھوسۇللىرىنى يەپ تۈگەتتى. 35
[ئاخىردا] زېمىنىدىكى بارلىق تۇنجى تۇغۇلغانلارنى، ئۇلارنىڭ غۇرۇرى بولغان بىرىنچى ئوغۇل بالىلىرىنى قىرىۋەتتى. 36
ئۆز خەلقىنى بولسا، ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى كۆتۈرگۈزۈپ چىقاردى، قەبىلىلىرىدە بىرسىمۇ يىقىلىپ چۈشۈپ قالغىنى يوق. 37
ئۇلارنىڭ چىققىنىغا مىسىر خۇشال بولدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ۋەھىمىسى [مىسىرلىقلارغا] چۈشتى. 38
ئۇ ئۇلارغا بۇلۇتنى سايىۋەن بولۇشقا، ئوتنى تۈندە نۇر بولۇشقا بەردى. 39
ئۇلار سورىدى، ئۇ بۆدىنىلەرنى چىقاردى، ئۇلارنى ساماۋىي نان بىلەن قاندۇردى. 40
ئۇ تاشنى ياردى، سۇلار بۇلدۇقلاپ چىقتى؛ قاقاسلىقتا دەريادەك ئاقتى. 41
چۈنكى ئۇ بەرگەن مۇقەددەس سۆزىنى، ئۆز قۇلى ئىبراھىمنى ئەستە تۇتتى. 42
ئۇ خەلقىنى شاد-خۇراملىق بىلەن، ئۆز تاللىغىنىنى شادىيانە تەنتەنىلەر بىلەن [ئازادلىققا] چىقاردى. 43
ئۇ ئۇلارغا ئەللەرنىڭ زېمىنلىرىنى بېرىپ، ئۇلارنى خەلقلەرنىڭ ئەجىر-مېھنەتلىرىگە مۇيەسسەر قىلدى، 44
بۇ، ئۇلارنىڭ ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى تۇتۇپ، قانۇنلىرىغا ئىتائەت قىلىشى ئۈچۈن ئىدى! ھەمدۇسانا! 45

< زەبۇر 105 >