< زەبۇر 104 >

پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇر، ئى جېنىم! ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، ئىنتايىن ئۇلۇغسەن؛ شانۇ-شەۋكەت ۋە ھەيۋەت بىلەن كىيىنگەنسەن؛ 1
Bless Jehovah, my soul. Jehovah, my God, you are very great. You are clothed with splendor and majesty.
لىباس بىلەن پۈركەنگەندەك يورۇقلۇققا پۈركەنگەنسەن، ئاسمانلارنى چېدىر پەردىسى كەبى يايغانسەن. 2
He covers himself with light as with a garment. He stretches out the heavens like a curtain.
ئۇ يۇقىرىقى راۋاقلىرىنىڭ لىملىرىنى سۇلارغا ئورناتقان، بۇلۇتلارنى جەڭ ھارۋىسى قىلىپ، شامال قاناتلىرى ئۈستىدە ماڭىدۇ؛ 3
He lays the beams of his chambers in the waters. He makes the clouds his chariot. He walks on the wings of the wind.
ئۇ پەرىشتىلىرىنى شاماللار، خىزمەتكارلىرىنى ئوت يالقۇنى قىلىدۇ. 4
He makes his angels winds, and his servants flames of fire.
يەرنى ئۇ ئۇللىرى ئۈستىگە ئورناتقان؛ ئۇ ئەسلا تەۋرىنىپ كەتمەيدۇ. 5
He laid the foundations of the earth, that it should not be moved forever and ever.
لىباس بىلەن ئورالغاندەك، ئۇنى چوڭقۇر دېڭىزلار بىلەن ئورىغانسەن، سۇلار تاغلار چوققىلىرى ئۈستىدە تۇردى. 6
You covered it with the deep as with a cloak. The waters stood above the mountains.
سېنىڭ تەنبىھىڭ بىلەن سۇلار بەدەر قاچتى، گۈلدۈرماماڭنىڭ ساداسىدىن ئۇلار تېزدىن ياندى؛ 7
At your rebuke they fled. At the voice of your thunder they hurried away.
تاغلار ئۆرلەپ چىقتى، ۋادىلار چۈشۈپ كەتتى، [سۇلار] سەن بېكىتكەن جايغا چۈشۈپ كەتتى. 8
The mountains rose, the valleys sank down, to the place which you had assigned to them.
ئۇلار تېشىپ، يەرنى يەنە قاپلىمىسۇن دەپ، سەن ئۇلارغا چەكلىمە قويغانسەن. 9
You have set a boundary that they may not pass over; that they do not turn again to cover the earth.
[تەڭرى] ۋادىلاردا بۇلاقلارنى ئېچىپ ئۇرغۇتىدۇ، سۇلىرى تاغلار ئارىسىدا ئاقىدۇ. 10
He sends forth springs into the valleys. They run among the mountains.
دالادىكى ھەربىر جانىۋارغا ئۇسسۇلۇق بېرىدۇ، ياۋايى ئېشەكلەر ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرىدۇ. 11
They give drink to every animal of the field. The wild donkeys quench their thirst.
كۆكتىكى قۇشلار ئۇلارنىڭ بويىدا قونىدۇ، دەرەخ شاخلىرى ئارىسىدا سايرايدۇ. 12
The birds of the sky nest by them; among the branches they give forth a sound.
ئۇ يۇقىرىدىكى راۋاقلىرىدىن تاغلارنى سۇغىرىدۇ؛ يەر سېنىڭ ياسىغانلىرىڭنىڭ مېۋىلىرىدىن قاندۇرۇلىدۇ! 13
He waters the mountains from his chambers. The earth is filled with the fruit of your works.
ئۇ ماللار ئۈچۈن ئوت-چۆپلەرنى، ئىنسانلار ئۈچۈن كۆكتاتلارنى ئۆستۈرىدۇ، شۇنداقلا ناننى يەردىن چىقىرىدۇ؛ 14
He causes the grass to grow for the livestock, and plants for man to cultivate, that he may bring forth food out of the earth:
ئادەمنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىدىغان شارابنى، ئىنسان يۈزىنى پارقىرىتىدىغان ماينى چىقىرىدۇ؛ ئىنساننىڭ يۈرىكىگە نان بىلەن قۇۋۋەت بېرىدۇ؛ 15
wine that makes glad the heart of man, oil to make his face to shine, and bread that strengthens man's heart.
پەرۋەردىگارنىڭ دەرەخلىرى، يەنى ئۆزى تىككەن لىۋان كېدىر دەرەخلىرى [سۇ ئىچىپ] قانائەتلىنىدۇ. 16
Jehovah's trees are well watered, the cedars of Lebanon, which he has planted;
ئەنە ئاشۇلار ئارىسىغا قۇشلار ئۇۋا ياسايدۇ، لەيلەك بولسا، ئارچا دەرەخلىرىنى ماكان قىلىدۇ. 17
where the birds make their nests. The stork makes its home in the fir trees.
ئېگىز چوققىلار تاغ ئۆچكىلىرىنىڭ، تىك يارلار سۇغۇرلارنىڭ پاناھى بولىدۇ. 18
The high mountains are for the wild goats. The rocks are a refuge for the rock badgers.
پەسىللەرنى بېكىتمەك ئۈچۈن ئۇ ئاينى ياراتتى، قۇياش بولسا پېتىشىنى بىلىدۇ. 19
He appointed the moon for seasons. The sun knows when to set.
سەن قاراڭغۇلۇق چۈشۈرىسەن، تۈن بولىدۇ؛ ئورماندىكى جانىۋارلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدا شىپىر-شىپىر كېزىپ يۈرىدۇ. 20
You make darkness, and it is night, in which all the animals of the forest prowl.
ئارسلانلار ئولجا ئىزدەپ ھۆركىرەيدۇ، تەڭرىدىن ئوزۇق-تۈلۈك سورىشىدۇ؛ 21
The young lions roar after their prey, and seek their food from God.
قۇياش چىقىپلا، ئۇلار چېكىنىدۇ، قايتىپ كىرىپ ئۇۋىلىرىدا ياتىدۇ. 22
The sun rises, and they steal away, and lie down in their dens.
ئىنسان بولسا ئۆز ئىشىغا چىقىدۇ، تا كەچكىچە مېھنەتتە بولىدۇ. 23
Man goes forth to his work, to his labor until the evening.
ئى پەرۋەردىگار، ياسىغان ھەرخىل نەرسىلىرىڭ نەقەدەر كۆپتۇر! ھەممىسىنى ھېكمەت بىلەن ياراتقانسەن، يەر يۈزى ئىجات-بايلىقلىرىڭ بىلەن تولدى. 24
Jehovah, how many are your works. In wisdom have you made them all. The earth is full of your riches.
ئەنە بۈيۈك بىپايان دېڭىز تۇرىدۇ! ئۇنىڭدا سان-ساناقسىز غۇژ-غۇژ جانىۋارلار، چوڭ ۋە كىچىك ھايۋانلار بار. 25
There is the sea, great and wide, in which are innumerable living things, both small and large animals.
شۇ يەردە كېمىلەر قاتنايدۇ، ئۇنىڭدا ئويناقلىسۇن دەپ سەن ياسىغان لېۋىئاتانمۇ بار؛ 26
There the ships go, and leviathan, whom you formed to play there.
ۋاقتىدا ئوزۇق-تۈلۈك بەرگىن دەپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ساڭا قارايدۇ. 27
All of them look to you to give them their food at the proper time.
ئۇلارغا بەرگىنىڭدە، تېرىۋالىدۇ، قولۇڭنى ئاچقىنىڭدىلا، ئۇلار نازۇنېمەتلەرگە تويىدۇ. 28
You give to them; they gather. You open your hand; they are satisfied with good.
يۈزۈڭنى يوشۇرساڭ، ئۇلار دەككە-دۈككىگە چۈشىدۇ، روھلىرىنى ئالساڭ، ئۇلار جان ئۈزۈپ، يەنە تۇپراققا قايتىدۇ. 29
You hide your face: they are troubled; you take away their breath: they die, and return to the dust.
روھىڭنى ئەۋەتكىنىڭدە، ئۇلار يارىتىلىدۇ، يەر-يۈزى يېڭى [بىر دەۋر بىلەن] ئالمىشىدۇ. 30
You send forth your Spirit: they are created. You renew the face of the ground.
پەرۋەردىگارنىڭ شان-شۆھرىتى ئەبەدىيدۇر، پەرۋەردىگار ئۆز ياراتقانلىرىدىن خۇرسەن بولىدۇ. 31
Let the glory of Jehovah endure forever. Let Jehovah rejoice in his works.
ئۇ يەرگە باققىنىدا، يەر تىترەيدۇ، تاغلارغا تەگكىنىدە، ئۇلار تۈتۈن چىقىرىدۇ. 32
He looks at the earth, and it trembles. He touches the mountains, and they smoke.
ھاياتلا بولىدىكەنمەن، پەرۋەردىگارغا ناخشا ئېيتىمەن؛ ۋۇجۇدۇم بولسىلا خۇدايىمنى كۈيلەيمەن. 33
I will sing to Jehovah all my life. I will sing praise to my God as long as I exist.
ئۇ سۈرگەن ئوي-خىياللىرىمدىن سۆيۈنسە! پەرۋەردىگاردا خۇشاللىنىمەن! 34
Let your meditation be sweet to him. I will rejoice in Jehovah.
گۇناھكارلار يەر يۈزىدىن تۈگىتىلىدۇ، رەزىللەر يوق بولىدۇ. ئى جېنىم، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇر! ھەمدۇسانا! 35
Let sinners be consumed out of the earth. Let the wicked be no more. Bless Jehovah, my soul. Praise JAH.

< زەبۇر 104 >