< زەبۇر 101 >

داۋۇت يازغان كۈي: ــ مەن ئۆزگەرمەس مۇھەببەت ھەم ئادالەت توغرۇلۇق ناخشا ئېيتىمەن، سېنى، ئى پەرۋەردىگار، ناخشىلار بىلەن كۈيلەيمەن. 1
مەن مۇكەممەل يولدا ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرىمەن؛ سەن قاچانمۇ يېنىمغا كېلىسەن!؟ ئۆز ئۆي-ئوردامدا ساپ كۆڭۈل بىلەن يۈرىمەن. 2
ھېچ پاسىق نەرسىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرمەيمەن، يولدىن چەتنىگەنلەرنىڭ قىلمىشلىرىغا نەپرەتلىنىمەن؛ بۇنداقلار ماڭا ھېچ يېپىشماس ئەسلا. 3
ئەگرى كۆڭۈل مېنىڭدىن يىراق كېتىدۇ، ھېچ رەزىللىكنى تونۇغۇم يوقتۇر. 4
كىمكى ئۆز يېقىنىنىڭ كەينىدىن تۆھمەت قىلغان بولسا، مەن ئۇنى يوقىتىمەن؛ نەزىرى ئۈستۈن، دىلى تەكەببۇر ئادەمنى مەن سىغدۇرمايمەن؛ 5
كۆزلىرىم زېمىندىكى مۆمىنلەردىدۇر، ئۇلار ئوردامدا مەن بىلەن بىللە تۇرسۇن! كىم مۇكەممەل يولدا ماڭسا، ئۇ مېنىڭ خىزمىتىمدە بولىدۇ. 6
ئالدامچىلىق يۈرگۈزگەنلەرنىڭ ئۆي-ئوردامدا ئورنى بولمايدۇ، يالغان سۆزلىگەنلەر كۆز ئالدىمدا تۇرمايدۇ. 7
پەرۋەردىگارنىڭ شەھىرىدىن يامانلىق قىلغۇچىلارنى ئۈزۈپ تاشلاش ئۈچۈن، ھەر سەھەردە زېمىندىكى بارلىق رەزىل ئادەملەرنى يوقىتىمەن. 8

< زەبۇر 101 >