< زەبۇر 100 >

تەشەككۈر ئېيتىش ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ ئى پۈتكۈل يەر-جاھان، پەرۋەردىگارغا ئاۋازىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار! 1
خۇشاللىق بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇڭلار، ھۇزۇرىغا تەنتەنە-ناخشىلار بىلەن يېقىنلىشىڭلار! 2
بىلىپ قويۇڭلاركى، پەرۋەردىگار ھەق خۇدادۇر؛ بىزنى ياراتقان ئۇنىڭ ئۆزىدۇر، بىز ئەمەس! بىز ئۇنىڭ خەلقىدۇرمىز، ئۆز يايلىقىدا باققان قويلىرىدۇرمىز. 3
دەرۋازىلىرىغا تەشەككۈر ئېيتىشلار بىلەن، ھويلىلىرىغا مەدھىيەلەر بىلەن كىرىڭلار؛ ئۇنى مەدھىيىلەپ، نامىغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار! 4
چۈنكى پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر؛ ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئەبەدىلئەبەدگىچە، ئۇنىڭ ھەقىقەت-ساداقىتى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچىدۇر! 5

< زەبۇر 100 >