< زەبۇر 10 >

نېمىشقا، ئى پەرۋەردىگار، يىراقتا تۇرىسەن؟ نېمىشقا ئازابلىق كۈنلەردە ئۆزۈڭنى يوشۇرىسەن؟ 1
לָמָה יְהֹוָה תַּֽעֲמֹד בְּרָחוֹק תַּעְלִים לְעִתּוֹת בַּצָּרָֽה׃
رەزىل ئادەملەر تەكەببۇرلۇقى بىلەن ئاجىز مۆمىنلەرنى تاپ باستۇرۇپ قوغلاپ يۈرىدۇ؛ ئۇلار ئۆزلىرى تاپقان ھىيلىلەر بىلەن ئىلىنىپ، بابلىنىدۇ. 2
בְּגַאֲוַת רָשָׁע יִדְלַק עָנִי יִתָּֽפְשׂוּ ׀ בִּמְזִמּוֹת זוּ חָשָֽׁבוּ׃
چۈنكى رەزىللەر ئۆز ئارزۇ-ھەۋەسلىرى بىلەن ماختىنىدۇ؛ ئاچ كۆزلەر ئۈچۈن بەخت تىلەيدۇ؛ پەرۋەردىگارنى بولسا كۆزىگە ئىلمايدۇ. 3
כִּֽי־הִלֵּל רָשָׁע עַל־תַּאֲוַת נַפְשׁוֹ וּבֹצֵעַ בֵּרֵךְ נִאֵץ ׀ יְהֹוָֽה׃
ئۇلار چىرايىدىن ھاكاۋۇرلۇق ياغدۇرۇپ، خۇدانى ئىزدىمەيدۇ؛ ئۇلار بارلىق خىياللىرىدا: «ھېچبىر خۇدا يوقتۇر!» دەيدۇ. 4
רָשָׁע כְּגֹבַהּ אַפּוֹ בַּל־יִדְרֹשׁ אֵין אֱלֹהִים כׇּל־מְזִמּוֹתָֽיו׃
ئۇلارنىڭ يوللىرى ھەمىشە راۋان بولىدۇ؛ سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭ ئۇلارنىڭ نەزىرىدىن يىراق ۋە ئۈستۈن تۇرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ رەقىبلىرى بولسا، ئۇلارغا قاراپ «تۈفى!» دەپ مازاق قىلىدۇ. 5
יָחִילוּ דְרָכָו ׀ בְּכׇל־עֵת מָרוֹם מִשְׁפָּטֶיךָ מִנֶּגְדּוֹ כׇּל־צוֹרְרָיו יָפִיחַ בָּהֶֽם׃
[رەزىل ئادەم] كۆڭلىدە: «مەن ھېچ تەۋرەنمەي تۇرىۋېرىمەن! دەۋردىن-دەۋرگە ھېچ مۇشەققەتكە ئۇچرىمايمەن» ــ دەيدۇ. 6
אָמַר בְּלִבּוֹ בַּל־אֶמּוֹט לְדֹר וָדֹר אֲשֶׁר לֹֽא־בְרָֽע׃
ئۇنىڭ ئاغزى قارغاش، ئالدامچىلىق ھەم زۇلۇمغا تولغان؛ تىلى ئاستىدا ئەسكىلىك ۋە قەبىھلىك ياتىدۇ. 7
אָלָה ׀ פִּיהוּ מָלֵא וּמִרְמוֹת וָתֹךְ תַּחַת לְשׁוֹנוֹ עָמָל וָאָֽוֶן׃
ئۇ مەھەللىلەردە يوشۇرۇنچە ماراپ ئولتۇرىدۇ؛ ئۇ پىنھان جايلاردا گۇناھسىزلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ؛ كۆزلىرى يوقسۇللارنى كۆزلەيدۇ؛ 8
יֵשֵׁב ׀ בְּמַאְרַב חֲצֵרִים בַּֽמִּסְתָּרִים יַהֲרֹג נָקִי עֵינָיו לְֽחֵלְכָה יִצְפֹּֽנוּ׃
ئۇ چاتقاللىقىدا ياتقان شىردەك يوشۇرۇنچە پايلاپ ياتىدۇ؛ ئۇ مۆمىنلەرنى تۇتۇۋېلىش ئۈچۈن يوشۇرۇنچە ماراپ ياتىدۇ؛ مۆمىنلەرنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇلارنى ئۆز تورىغا چۈشۈرىدۇ. 9
יֶאֱרֹב בַּמִּסְתָּר ׀ כְּאַרְיֵה בְסֻכֹּה יֶאֱרֹב לַחֲטוֹף עָנִי יַחְטֹף עָנִי בְּמׇשְׁכוֹ בְרִשְׁתּֽוֹ׃
[يوقسۇللار] ئېزىلىدۇ، پۈكۈلىدۇ؛ دەردمەنلەر ئۇنىڭ ياۋۇزلۇقلىرى بىلەن يىقىلىدۇ. 10
(ודכה) [יִדְכֶּה] יָשֹׁחַ וְנָפַל בַּעֲצוּמָיו (חלכאים) [חֵל כָּאִֽים]׃
ئۇ كۆڭلىدە: «تەڭرى بۇنى ئۇنتۇپ قالدى، ئۇ يۈزىنى يېپىۋېلىپ، قارىمايدۇ؛ بۇنى ھەرگىز كۆرمەيدۇ» ــ دەيدۇ. 11
אָמַר בְּלִבּוֹ שָׁכַֽח אֵל הִסְתִּיר פָּנָיו בַּל־רָאָה לָנֶֽצַח׃
ئورنۇڭدىن تۇرغىن، ئى پەرۋەردىگار؛ ئى تەڭرىم، قولۇڭنى كۆتۈرگىن؛ ئېزىلگەن مۆمىنلەرنى ئۇنتۇما! 12
קוּמָה יְהֹוָה אֵל נְשָׂא יָדֶךָ אַל־תִּשְׁכַּח (עניים) [עֲנָוִֽים]׃
رەزىل ئادەم نېمىشقا [سەن] خۇدانى كۆزىگە ئىلمايدۇ؟ ئۇ كۆڭلىدە: «[خۇدا] بۇنى سۈرۈشتۈرمەيدۇ!» ــ دەيدۇ. 13
עַל־מֶה ׀ נִאֵץ רָשָׁע ׀ אֱלֹהִים אָמַר בְּלִבּוֹ לֹא תִדְרֹֽשׁ׃
سەن بۇنى كۆرگەنسەن؛ سەن ئۆز قولۇڭ بىلەن يامانلىق ھەم زۇلۇمنى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزۈڭ بۇلارنى كۆزلەپ يۈرىسەن؛ دەردمەنلەر ئۆزلىرىنى ساڭا ئامانەت قىلىدۇ؛ چۈنكى سەن يېتىم-يېسىرلەرگە يار-يۆلەك بولۇپ كەلگەنسەن؛ 14
רָאִתָה כִּי־אַתָּה ׀ עָמָל וָכַעַס ׀ תַּבִּיט לָתֵת בְּיָדֶךָ עָלֶיךָ יַעֲזֹב חֵלֵכָה יָתוֹם אַתָּה ׀ הָיִיתָ עוֹזֵֽר׃
رەزىل، يامان ئادەمنىڭ بىلىكىنى سۇندۇرۇۋەتكەيسەن؛ ئۇنىڭ رەزىللىكىنى بىرمۇبىر سۈرۈشتۈرۈپ، ئۈزۈل-كېسىل يوقاتقايسەن. 15
שְׁבֹר זְרוֹעַ רָשָׁע וָרָע תִּֽדְרוֹשׁ־רִשְׁעוֹ בַל־תִּמְצָֽא׃
پەرۋەردىگار ئەبەدىلئەبەدگىچە پادىشاھدۇر؛ [ئىمانسىز] ئەللەر بولسا [پەرۋەردىگارنىڭ] زېمىنىدىن يوقىلار. 16
יְהֹוָה מֶלֶךְ עוֹלָם וָעֶד אָבְדוּ גוֹיִם מֵאַרְצֽוֹ׃
پەرۋەردىگار، سەن ئاجىز مۆمىنلەرنىڭ ئارمانلىرىنى ئاڭلايسەن؛ ئۇلارنىڭ دىلىنى توق قىلىسەن؛ يېتىم-يېسىرلار ۋە ئېزىلگۈچىلەر ئۈچۈن ئادالەتنى ياقلاپ، يەر يۈزىدىكى ئىنسانلارنىڭ [ئاجىز-مۆمىنلەرگە] قايتىدىن ۋەھىمە سالغۇچى بولماسلىقى ئۈچۈن، قۇلىقىڭنى دىڭ تۇتىسەن. 17
תַּאֲוַת עֲנָוִים שָׁמַעְתָּ יְהֹוָה תָּכִין לִבָּם תַּקְשִׁיב אׇזְנֶֽךָ׃
18
לִשְׁפֹּט יָתוֹם וָדָךְ בַּל־יוֹסִיף עוֹד לַעֲרֹץ אֱנוֹשׁ מִן־הָאָֽרֶץ׃

< زەبۇر 10 >