< زەبۇر 1 >

رەزىللەرنىڭ گېپى بويىچە ماڭمايدىغان، گۇناھكارلارنىڭ يولىدا تۇرمايدىغان، مەسخىرە قىلغۇچىنىڭ ئورنىدا ئولتۇرمايدىغان ئادەم بەخت تاپۇر! 1
ئۇنىڭ خۇرسەنلىكى پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇنىدىلىدۇر؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىنى كېچە-كۈندۈز سېغىنىپ ئويلايدۇ. 2
ئۇ خۇددى ئېرىق بويىغا تىكىلگەن، ئۆز پەسلىدە مېۋىسىنى بېرىدىغان، يوپۇرماقلىرى سولاشمايدىغان دەرەختەكتۇر؛ ئۇ نېمىلا قىلسا روناق تاپىدۇ. 3
رەزىل ئادەملەر بولسا ئۇنداق بولماس؛ ئۇلار خۇددى شامال ئۇچۇرىۋەتكەن توزاندەكتۇر. 4
شۇنىڭ ئۈچۈن رەزىللەر سوراق كۈنىدە تىك تۇرالمايدۇ، گۇناھكارلار ھەققانىيلارنىڭ جامائىتىدە ھېچ بېشىنى كۆتۈرۈپ تۇرالمايدۇ. 5
چۈنكى پەرۋەردىگار ھەققانىيلارنىڭ يولىنى كۆڭلىگە پۈككەن؛ رەزىللەرنىڭ يولى بولسا يوقىلىدۇ. 6

< زەبۇر 1 >