< پەند-نەسىھەتلەر 1 >

ئىسرائىل پادىشاھى داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايماننىڭ پەند-نەسىھەتلىرى: ــ 1
بۇ پەند-نەسىھەتلەر ساڭا ئەقىل-پاراسەت، ئەدەپ-ئەخلاقنى ئۆگىتىپ، سېنى ئىبرەتلىك سۆزلەرنى چۈشىنىدىغان قىلىدۇ؛ 2
ساڭا دانالىق، ھەققانىيلىق، پەم-پاراسەت ۋە دۇرۇسلۇقنىڭ يوليورۇق-تەربىيىسىنى قوبۇل قىلدۇرىدۇ. 3
بۇ [پەند-نەسىھەتلەر] نادانلارنى زېرەك قىلىپ، ياشلارنى بىلىملىك ۋە سەزگۈر قىلىدۇ؛ 4
بۇلارغا قۇلاق سېلىشى بىلەن دانالار بىلىمىنى ئاشۇرىدۇ، يورۇتۇلغان كىشىلەر تېخىمۇ دانا مەسلىھەتكە ئېرىشىدۇ، 5
شۇنداقلا پەند-نەسىھەتلەر ھەم تەمسىللەرنىڭ مەنىسىنى، دانىشمەنلەرنىڭ ھېكمەتلىرى ھەم تىلسىم سۆزلىرىنى چۈشىنىدىغان قىلىنىدۇ. 6
پەرۋەردىگاردىن قورقۇش بىلىمنىڭ باشلىنىشىدۇر؛ ئەخمەقلەر دانالىقنى ۋە تەربىيىنى كۆزگە ئىلمايدۇ. 7
ئى ئوغلۇم، ئاتاڭنىڭ تەربىيىسىگە قۇلاق سال، ئاناڭنىڭ سۆز-نەسىھەتىدىن ئايرىلما؛ 8
چۈنكى ئۇلار سېنىڭ بېشىڭغا تاقالغان گۈل چەمبىرەك، بوينۇڭغا ئېسىلغان مارجان بولىدۇ. 9
ئى ئوغلۇم، يامانلار سېنى ئازدۇرسا، ئۇلارغا ئەگەشمىگىن. 10
ئەگەر ئۇلار: ــ يۈر، تۇزاق قۇرۇپ ئادەم ئۆلتۈرەيلى؛ يوشۇرۇنىۋېلىپ، بىرەر بىگۇناھ كەلگەندە ئۇرايلى! 11
تەھتىسارادەك ئۇلارنى يۇتۇۋېتەيلى، ساق بولسىمۇ، ھاڭغا چۈشكەنلەردەك ئۇلارنى يىقىتايلى؛ (Sheol h7585) 12
ئۇلاردىن خىلمۇخىل قىممەتلىك مال-دۇنياغا ئىگە بولۇپ، ئۆيلىرىمىزنى ئولجا بىلەن تولدۇرىمىز. 13
بىز بىلەن شېرىك بول، ھەميانىمىز بىر بولسۇن، دېسە، ــ 14
ئى ئوغلۇم، ئۇلارغا يولداش بولما، ئۆزۈڭنى ئۇلارنىڭ ئىزىدىن نېرى قىل! 15
چۈنكى ئۇلارنىڭ پۇتلىرى رەزىللىككە يۈگۈرىدۇ، قولىنى قان قىلىش ئۈچۈن ئالدىرايدۇ. 16
ھەرقانداق ئۇچار قانات تۇيۇپ قالغاندا تۇزاق قويۇش بىكار ئاۋارىچىلىكتۇر؛ 17
لېكىن بۇلار دەل ئۆز قېنىنى تۆكۈش ئۈچۈن ساقلايدۇ؛ ئۆز جانلىرىغا زامىن بولۇشنى كۈتىدۇ. 18
نەپسى يوغىناپ كەتكەن ھەربىر ئادەمنىڭ يوللىرىنىڭ ئاقىۋىتى مانا شۇنداق؛ [ھارام مال-دۇنيا] ئۆز ئىگىلىرىنىڭ جېنىنى ئالىدۇ. 19
[بۈيۈك] دانالىق كوچىدا ئوچۇق-ئاشكارا خىتاب قىلماقتا، چوڭ مەيدانلاردا ساداسىنى ئاڭلاتماقتا. 20
كوچا دوقمۇشلىرىدا ئادەملەرنى چاقىرماقتا، شەھەر دەرۋازىلىرىدا سۆزلىرىنى جاكارلىماقتا: ــ 21
ئى ساددىلار، قاچانغىچە مۇشۇنداق نادانلىققا بېرىلىسىلەر؟ مەسخىرە قىلغۇچىلار قاچانغىچە مەسخىرىلىكتىن ھۇزۇر ئالسۇن؟ ئەخمەقلەر قاچانغىچە بىلىمدىن نەپرەتلەنسۇن؟! 22
تەنبىھلىرىمگە قۇلاق سېلىپ ماڭغان يولۇڭلاردىن يانغان بولساڭلار ئىدى! روھىمنى سىلەرگە تۆكۈپ بېرەتتىم، سۆزلىرىمنى سىلەرگە بىلدۈرگەن بولاتتىم. 23
لېكىن چاقىرسام، ئاڭلىمىدىڭلار؛ قولۇمنى ئۇزارتسام، ھېچقايسىڭلار قارىمىدىڭلار. 24
نەسىھەتلىرىمنىڭ ھەممىسىگە پەرۋا قىلمىدىڭلار، تەنبىھىمنى ئاڭلاشنى قىلچە خالىمىدىڭلار. 25
شۇڭا، بېشىڭلارغا بالايىقازا كەلگەندە كۈلىمەن، ۋەھىمە سىلەرگە يېتىشى بىلەن مەسخىرە قىلىمەن. 26
ھالاكەت ئېلىپ كەلگەن ۋەھىمە ئۈستۈڭلەرگە چۈشكەندە، ۋەيرانچىلىق سىلەرگە قۇيۇنتازدەك كەلگەندە، سىلەر ئېغىر قايغۇغا ۋە ئازابقا مۇپتىلا بولغىنىڭلاردا ــ 27
ئۇ چاغدا مۇشۇ كىشىلەر مەندىن ئۆتۈنۈپ چاقىرىدۇ، مەن پەرۋا قىلمايمەن، مېنى تەلمۈرۈپ ئىزدىسىمۇ، تاپالمايدۇ. 28
ئۇلار بىلىمگە نەپرەتلەنگىنىدىن، پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشنى تاللىمىغىنىدىن، 29
مېنىڭ نەسىھىتىمنى قىلچە قوبۇل قىلغۇسى يوقلۇقىدىن، تەنبىھىمگىمۇ پەرۋا قىلمىغىنىڭلاردىن، 30
ئۇلار ئۆز بېشىنى يەيدۇ، ئۆز قەستلىرىدىن تولۇق ئازاب تارتىدۇ؛ 31
چۈنكى ساددىلارنىڭ يولدىن چىقىشى ئۆز جېنىغا زامىن بولىدۇ؛ ئەخمەقلەر راھەتلىك تۇرمۇشىدىن ئۆزلىرىنى ھالاك قىلىدۇ. 32
لېكىن ماڭا قۇلاق سالغانلار ئامان-ئېسەن ياشايدۇ، بالايىقازالاردىن، غەم-ئەندىشلەردىن خالىي بولۇپ، خاتىرجەم تۇرىدۇ. 33

< پەند-نەسىھەتلەر 1 >