< پەند-نەسىھەتلەر 9 >

دانالىق ئۆزىگە بىر ئۆي سېلىپ، ئۇنىڭ يەتتە تۈۋرۈكىنى ئورناتتى. 1
ئۇ ماللىرىنى سويۇپ، ئېسىل شارابلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلاپ، زىياپەت داستىخىنىنى يايدى؛ 2
دېدەكلىرىنى [مېھمان چاقىرىشقا] ئەۋەتتى، ئۆزى شەھەرنىڭ ئەڭ ئېگىز جايلىرىدا تۇرۇپ: 3
«ئى ساددىلار، بۇ يەرگە كېلىڭلار، ــ دەپ چاقىرىۋاتىدۇ؛ نادانلارغا: 4
قېنى، نانلىرىمدىن ئېغىز تېگىپ، مەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىغان شارابلاردىن ئىچىڭلار؛ 5
نادانلار قاتارىدىن چىقىپ، ھاياتقا ئېرىشىڭلار، يورۇقلۇق يولىدا مېڭىڭلار»، ــ دەۋاتىدۇ. 6
ھاكاۋۇرلارغا تەنبىھ بەرگۈچى ئاھانەتكە ئۇچرايدۇ، قەبىھلەرنى ئەيىبلىگۈچى ئۆزىگە داغ كەلتۈرىدۇ. 7
ھاكاۋۇرلارنى ئەيىبلىمە، چۈنكى ئۇ ساڭا ئۆچ بولۇپ قالىدۇ؛ ھالبۇكى، دانا كىشىنى ئەيىبلىسەڭ، ئۇ سېنى سۆيىدۇ. 8
دانا ئادەمگە دەۋەت قىلساڭ، ئەقلى تېخىمۇ تولۇق بولىدۇ؛ ھەققانىي ئادەمگە دۇرۇس يول كۆرسەتسەڭ، بىلىمى تېخىمۇ ئاشىدۇ. 9
پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش دانالىقنىڭ باشلىنىشىدۇر، مۇقەددەس بولغۇچىنى تونۇش يورۇقلۇقتۇر. 10
مەن [دانالىق] سەندە بولسام، كۈنلىرىڭنى ئۇزارتىمەن، ئۆمرۈڭنىڭ يىللىرى كۆپىيەر. 11
سەندە دانالىق بولسا، پايدىنى كۆرىدىغان ئۆزۈڭسەن، دانالىقنى مازاق قىلساڭ زىيان تارتىدىغانمۇ ئۆزۈڭسەن. 12
نادان خوتۇن ئاغزى بىسەرەمجان، ئەقىلسىزدۇر، ھېچنېمە بىلمەستۇر. 13
ئۇ ئىشىك ئالدىدا ئولتۇرۇپ، شەھەرنىڭ ئەڭ ئېگىز جايلىرىدا ئورۇن ئېلىپ، 14
ئۇدۇل ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارغا: 15
«كىمكى ساددا بولسا، بۇ يەرگە كەلسۇن!» ــ دەۋاتىدۇ، ۋە ئەقىلسىزلەرنى: 16
«ئوغرىلىقچە ئىچكەن سۇ تاتلىق بولىدۇ، ئوغرىلاپ يېگەن نان تەملىك بولىدۇ!» ــ دەپ چارقىۋاتىدۇ. 17
لېكىن چاقىرىلغۇچى ئۆلۈكلەرنىڭ ئۇنىڭ ئۆيىدە ياتقانلىقىدىن بىخەۋەردۇر، ئۇنىڭ [بۇرۇنقى] مېھمانلىرىنىڭ ئاللىقاچان تەھتىسارانىڭ تەگلىرىگە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇ سەزمەس. (Sheol h7585) 18

< پەند-نەسىھەتلەر 9 >