< پەند-نەسىھەتلەر 6 >

ئى ئوغلۇم، ئەگەر دوستۇڭغا بورۇن بولغان بولساڭ، يات كىشىنىڭ قەرزىنى تۆلەشكە قول بېرىشىپ ۋەدە بەرگەن بولساڭ، 1
ئەگەر ئۆز سۆزۈڭدىن ئىلىنغان بولساڭ، ئۆز ۋەدەڭ بىلەن باغلىنىپ قالساڭ، 2
ئۇ يېقىنىڭنىڭ قولىغا چۈشكەنلىكىڭ ئۈچۈن، ئامال قىلىپ ئۆزۈڭنى ئۇنىڭدىن قۇتقۇز ــ دەرھال يېقىنىڭنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۆزۈڭنى كەمتەر تۇتۇپ [شۇ ئىشتىن] خالىي قىلىشىنى ئۆتۈنۈپ سورا. 3
جەرەن شىكارچىنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇشقا تىرىشقاندەك، قۇش ئوۋچىنىڭ قولىدىن چىقىشقا تىرىشقاندەك، قۇتۇلمىغۇچە ئۇخلاپ ياتما، ھەتتا ئۈگدەپ ئاراممۇ ئالما. 4
5
ئى ھۇرۇن، چۆمۈلىنىڭ يېنىغا بېرىپ [ئۇنىڭدىن ئۆگەن]، ئۇنىڭ تىرىكچىلىك يوللىرىغا قاراپ دانا بول. 6
ئۇلارنىڭ باشلىقى، ئەمەلدارى، ھۆكۈمدارى يوق بولسىمۇ، 7
لېكىن ئۇلار يازدا يىلنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ئاش توپلىۋالىدۇ، ھوسۇل پەسلىدە ئوزۇق تەييارلىۋالىدۇ. 8
ئى ھۇرۇن، قاچانغىچە ئۇخلاپ ياتىسەن؟ قاچان ئورنۇڭدىن تۇرىسەن؟ 9
سەن: ــ بىردەم كۆز يۇمۇۋالاي، بىردەم ئۇخلىۋالاي، بىردەم قولۇمنى قوشتۇرۇپ يېتىۋالاي، ــ دەيسەن. 10
لېكىن ئۇخلاپ ياتقاندا، مىسكىنلىك قاراقچىدەك كېلىپ سېنى باسىدۇ، يوقسۇللۇق خۇددى قوراللىق بۇلاڭچىدەك ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. 11
ئەرزىمەس، پەيلى بۇزۇق ئادەم ھەممىلا يەردە يالغان ئېيتىپ، پەسلىكنى سۆزلەيدۇ. 12
ئۇ كۆز قىسىپ، پۇتلىرى بىلەن ئىشارە قىلىپ، بارماقلىرى بىلەن كۆرسىتىدۇ؛ 13
كۆڭلىدە ئالدامچىلىقلا ياتىدۇ، ئۇ دائىم رەزىللىكنىڭ كويىدا بولىدۇ، ھەممىلا يەردە جېدەل-ماجىرا تېرىيدۇ. 14
شۇڭا ئۇنىڭغا بېكىتىلگەن بالايىقازا ئۇنى تۇيۇقسىز باسىدۇ، ئۇ بىراقلا داۋالىغۇسىز يانجىلىدۇ. 15
پەرۋەردىگار نەپرەتلىنىدىغان ئالتە نەرسە بار، بەرھەق، يەتتە نەرسە ئۇنىڭغا يىرگىنچلىكتۇر. 16
ئۇلار بولسا، تەكەببۇرلۇق بىلەن قارايدىغان كۆز، يالغان سۆزلەيدىغان تىل، بىگۇناھلارنىڭ قېنىنى تۆكۈزىدىغان قول، 17
سۇيىقەست ئويلايدىغان كۆڭۈل، يامانلىق قىلىشقا تېز يۈگۈرەيدىغان پۇتلار، 18
يالغان سۆزلەيدىغان ساختا گۇۋاھچى، بۇرادەر-قېرىنداشلىرى ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سالغۇچى كىشىدۇر. 19
ئى ئوغلۇم، ئاتاڭنىڭ ئەمرىگە ئەمەل قىل؛ ئاناڭنىڭ كۆرسەتمىسىدىن چىقما. 20
ئۇلارنىڭ سۆزىنى قەلبىڭگە تېڭىپ، ئۇلارنى بوينۇڭغا مارجاندەك قىلىپ ئېسىۋال. 21
يولغا چىققىنىڭدا ئۇلار سېنى يېتەكلەيدۇ، ئۇخلىغىنىڭدا ئۇلار سېنى ساقلايدۇ، ئۇيقۇدىن ئويغانغىنىڭدا ئۇلار سېنى خەۋەرلەندۈرىدۇ. 22
چۈنكى [خۇدانىڭ] پەرمانى يورۇق چىراغ، ئۇنىڭ مۇقەددەس قانۇنى نۇردۇر؛ تەربىيەنىڭ تەنبىھلىرى بولسا ھاياتلىق يولىدۇر. 23
ئۇلار سېنى بۇزۇق خوتۇندىن ساقلىغۇچى، يات خوتۇننىڭ شېرىن سۆزلىرىدىن يىراق قىلغۇچىدۇر. 24
ئۇنىڭ گۇزەللىكىگە كۆڭلۈڭنى باغلىمىغىن، ئۇنىڭ قاش-كۆز ئوينىتىشى سېنى ئەسىرگە ئالمىسۇن. 25
چۈنكى بۇزۇق ئاياللار تۈپەيلىدىن ئادەملەر بىر پارچە نانغىمۇ زار بولىدۇ، يات ئادەمنىڭ [زىناخور] ئايالى بولسا كىشىنىڭ قىممەتلىك جېنىنى ئۆزىگە ئوۋ قىلىۋالىدۇ. 26
ئوتنى قوينۇڭغا سالساڭ، ئۆز كىيىمىڭنى كۆيدۈرمەمسەن؟ 27
چوغنىڭ ئۈستىدە دەسسەپ ماڭساڭ پۇتۇڭنى كۆيدۈرمەمسەن؟ 28
باشقىلارنىڭ ئايالى بىلەن بىر ئورۇندا ياتىدىغان كىشى شۇنداق بولىدۇ؛ كىم ئۇنىڭغا تېگىپ كەتسە ئاقىۋىتىدىن قۇتۇلالمايدۇ. 29
ئاچ قالغاندا قورسىقىنى تويغۇزۇش ئۈچۈن ئوغرىلىق قىلغان كىشىنى باشقىلار كەمسىتمەيدۇ؛ 30
شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇ تۇتۇلۇپ قالسا، ئىگىسىگە يەتتىنى تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ؛ ئۇ ئۆز ئۆيىدىكى ھەممە نەرسىسىنى تاپشۇرىدۇ. 31
ھالبۇكى، باشقىلارنىڭ خوتۇنى بىلەن زىنا قىلغۇچى ئۇنىڭدىنمۇ [بەتتەر بولۇپ]، تولىمۇ غەپلەتلىكتۇر؛ ئۇنداق قىلغۇچى ئۆز-ئۆزىنى ھالاك قىلىدۇ. 32
ئۇ زەخمەت يەيدۇ، شەرمەندە بولىدۇ، ئۇنىڭ رەسۋاسى ھېچ ئۆچۈرۈلمەيدۇ. 33
چۈنكى كۈنلەش ئوتى ئەرنى دەرغەزەپكە كەلتۈرىدۇ، ئىنتىقام ئالغان كۈنىدە ئۇ ھېچ رەھىم قىلمايدۇ. 34
تۆلەم پۇلى بېرەي دېسەڭمۇ ئۇ قوبۇل قىلمايدۇ، ھەرقانچە سوۋغا-سالام بەرسەڭمۇ ئۇنى بېسىقتۇرغىلى بولمايدۇ. 35

< پەند-نەسىھەتلەر 6 >