< پەند-نەسىھەتلەر 4 >

ئى ئوغۇللار، ئاتاڭلارنىڭ نەسىھەتلىرىنى ئاڭلاڭلار، كۆڭۈل قويساڭلار، يورۇقلۇققا ئېرىشىسىلەر. 1
چۈنكى سىلەرگە ئۆگىتىدىغانلىرىم ياخشى بىلىمدۇر، كۆرسەتمىلىرىمدىن ۋاز كەچمەڭلار. 2
چۈنكى مەنمۇ ئاتامنىڭ يۇمران بالىسى ئىدىم، ئانامنىڭ ئارزۇلۇق يالغۇز ئوغلى ئىدىم، 3
ئاتام ماڭا ئۆگىتىپ مۇنداق دېدى: ــ سۆزلىرىمنى ئېسىڭدە تۇت؛ كۆرسەتمىلىرىمگە رىئايە قىل، شۇنىڭ بىلەن ياشنايسەن. 4
دانالىقنى ئالغىن، ئەقىل تاپ، ئېيتقان سۆزلىرىمنى ئۇنتۇما، ئۇلاردىن چىقما. 5
[دانالىقتىن] ۋاز كەچمە، ئۇ سېنى ساقلايدۇ؛ ئۇنى سۆيگىن، ئۇ سېنى قوغدايدۇ. 6
دانالىق ھەممە ئىشنىڭ بېشىدۇر؛ شۇڭا دانالىقنى ئالغىن؛ بارلىقىڭنى سەرپ قىلىپ بولساڭمۇ، ئەقىل تاپقىن. 7
[دانالىقنى] ئەزىزلىگىن، ئۇ سېنى كۆتۈرىدۇ، ئۇنى چىڭ قۇچاقلىغاندا، سېنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىدۇ. 8
بېشىڭغا تاقالغان گۈل چەمبىرەكتەك [ساڭا گۈزەللىك ئېلىپ كېلىدۇ]، ساڭا شۆھرەتلىك تاج ئىنئام قىلىدۇ. 9
ئى ئوغلۇم، قۇلاق سالغىن، سۆزلىرىمنى قوبۇل قىلغىن، شۇندا ئۆمرۈڭنىڭ يىللىرى كۆپ بولىدۇ. 10
مەن ساڭا دانالىق يولىنى ئۆگىتەي، سېنى دۇرۇسلۇق يوللىرىغا باشلاي. 11
ماڭغىنىڭدا قەدەملىرىڭ چەكلەنمەيدۇ، يۈگۈرسەڭ يىقىلىپ چۈشمەيسەن. 12
ئالغان تەربىيەڭنى چىڭ تۇت، قولۇڭدىن كەتكۈزمىگىن؛ ئوبدان ساقلىغىن ئۇنى، چۈنكى ئۇ سېنىڭ ھاياتىڭدۇر. 13
يامان ئادەملەر ماڭغان يولغا كىرمە، رەزىللەرنىڭ ئىزىنى باسما. 14
ئۇلارنىڭ [يولىدىن] ئۆزۈڭنى قاچۇر، [يولىغا] يېقىن يولىما؛ ئۇنىڭدىن يانداپ ئۆتۈپ كەت، نېرى كەتكىن. 15
چۈنكى [يامانلار] بىرەر رەزىللىك قىلمىغۇچە ئۇخلىيالماس، بىرەرسىنى يىقىتمىغۇچە ئۇيقۇسى كەلمەس. 16
يامانلىق ئۇلارنىڭ ئوزۇقىدۇر، زوراۋانلىق ئۇلارنىڭ شارابىدۇر. 17
لېكىن ھەققانىيلارنىڭ يولى گويا تاڭ نۇرىدۇر، كۈن چۈش بولغۇچە بارغانسېرى يورۇيدۇ. 18
يامانلارنىڭ يولى زۇلمەت كېچىدەك قاپقاراڭغۇ، ئۇلار يىقىلىپ، نېمىگە پۇتلىشىپ كەتكىنىنى بىلمەيدۇ. 19
ئى ئوغلۇم، سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇب ئاڭلا، گەپلىرىمگە قۇلاق سال. 20
ئۇلارنى كۆزۈڭدە تۇتقىن، يۈرىكىڭنىڭ قېتىدا قەدىرلەپ ساقلىغىن. 21
چۈنكى سۆزلىرىم تاپقانلار ئۈچۈن ھاياتتۇر، ئۇلارنىڭ پۈتۈن تېنىگە سالامەتلىكتۇر. 22
قەلبىڭنى «ھەممىدىن ئەزىز» دەپ ساپ تۇت، چۈنكى بارلىق ھايات ئىشلىرى قەلبتىن باشلىنىدۇ. 23
ئاغزىڭنى ئەگرى گەپتىن يىراق تارت، لەۋلىرىڭ ئېزىتقۇلۇقتىن نېرى بولسۇن. 24
كۆزۈڭنى ئالدىڭغا تۈز تىككىن، نەزىرىڭنى ئالدىڭغا توغرا تاشلا؛ 25
ماڭىدىغان يولۇڭنى ئوبدان ئويلانغىن، شۇنداق قىلساڭ ئىشلىرىڭ پۇختا بولىدۇ. 26
ئوڭغا، سولغا قايمىغىن؛ قەدەملىرىڭنى يامانلىق يولىدىن نېرى تارت. 27

< پەند-نەسىھەتلەر 4 >