< پەند-نەسىھەتلەر 31 >

تۆۋەندىكىلەر، پادىشاھ لەمۇئەلگە ئۇنىڭ ئانىسى ئارقىلىق ۋەھىي بىلەن كەلگەن سۆزلەردۇر؛ ئانىسى بۇ سۆزلەرنى ئۇنىڭغا ئۆگەتكەن: 1
ئى ئوغلۇم، ئى مېنىڭ ئامرىقىم، قەسەملەر بىلەن تىلىگەن ئارزۇلۇقۇم، مەن ساڭا نېمە دەي؟ 2
كۈچ-قۇۋۋىتىڭنى ئايال-خوتۇنلار تەرىپىگە سەرپ قىلمىغىن؛ ياكى پادىشاھلارنىمۇ ۋەيران قىلىدىغان ئىشلارغا بېرىلگۈچى بولما! 3
ئى لەمۇئەل، شاراب ئىچىش پادىشاھلارغا لايىق ئەمەس، ئەمىرلەرگىمۇ ھاراققا خۇمار بولۇش ياراشماس. 4
بولمىسا ئۇلار شاراب ئىچىپ، [مۇقەددەس] بەلگىلىمىلەرنى ئۇنتۇپ، بوزەك بەندىلەرنىڭ ھەققىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىشى مۇمكىن. 5
كۈچلۈك ھاراق ئۆلگۈسى كەلگەنلەرگە، ھەسرەتكە چۆمگەنلەرگە بېرىلسۇن! 6
ئۇلار شارابنى ئىچىپ، مىسكىنلىكىنى ئۇنتۇپ، قايتىدىن دەرد-ئەلىمىنى ئېسىگە كەلتۈرمىسۇن! 7
ئۆزلىرى ئۈچۈن گەپ قىلالمايدىغانلارغا ئاغزىڭنى ئاچقىن، ھالاك بولاي دېگەنلەرنىڭ دەۋاسىدە گەپ قىل. 8
سۈكۈت قىلما، ئۇلار ئۈچۈن لىللا ھۆكۈم قىل، ئېزىلگەنلەرنىڭ ۋە مىسكىنلەرنىڭ دەردىگە دەرمان بول. 9
پەزىلەتلىك ئايالنى كىم تاپالايدۇ؟ ئۇنىڭ قىممىتى لەئەل-ياقۇتلاردىنمۇ زور ئېشىپ چۈشىدۇ. 10
ئېرىنىڭ كۆڭلى ئۇنىڭغا تايىنىپ خاتىرجەم تۇرىدۇ، ئۇ بولغاچقا ئېرىنىڭ ئالغان ئولجىسى كەم ئەمەستۇر! 11
ئۇ ئۆمۈر بويى ئېرىگە ۋاپادار بولۇپ ياخشىلىق قىلىدۇ، ئۇنى زىيانغا ئۇچراتمايدۇ. 12
ئۇ قوي يۇڭى ۋە كەندىر تېپىپ، ئۆز قولى بىلەن جان دەپ ئەجىر قىلىدۇ. 13
ئۇ سودا كېمىلىرىگە ئوخشاش، [ئائىلىنى بېقىشتىكى] ئوزۇق-تۈلۈكلەرنى يىراق جايلاردىن توشۇيدۇ. 14
: تاڭ يورۇماستا ئۇ ئورنىدىن تۇرىدۇ، ئائىلىسىدىكىلەرگە يېمەكلىك تەييارلايدۇ، خىزمەتكار-دېدەكلەرگە نېسىۋىسىنى تەقسىم قىلىدۇ. 15
ئۇ بىر پارچە ئېتىزنى ئۆزى كۆرۈپ ئالىدۇ؛ قولى بىلەن يىغقان دارامەتتىن ئۇ بىر ئۈزۈمزار بىنا قىلىدۇ. 16
[ئىشقا قاراپ] ئۇ بېلىنى كۈچ بىلەن باغلار، بىلەكلىرىنى كۈچلەندۈرەر؛ 17
ئۆز ئىشىنىڭ پايدىلىقلىقىغا كۆزى يېتەر، كېچىچە چىرىغىنى ئۆچۈرمەي ئىش قىلار. 18
ئۇ قوللىرى بىلەن چاقنى چۆرەر، بارماقلىرى يىپ ئۇرچۇقىنى تۇتار. 19
ئاجىزلارغا ياردەم قولىنى ئۇزىتار؛ ھاجەتمەنلەرگە قوللىرىنى سوزار. 20
قار ياغقاندا ئۇ ئائىلىسى توغرۇلۇق ئەندىشە قىلمايدۇ، ئۆيىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە قىزىل كىيىملەر كىيدۈرۈلگەن. 21
كارىۋات ياپقۇچلىرىنى ئۆزى توقۇيدۇ؛ ئۆزىنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى كاناپ ۋە سۆسۈن رەختتىندۇر. 22
ئېرىنىڭ شەھەر دەرۋازىلىرىدا ئابرۇيى بار؛ شۇ يەردە ئۇ يۇرتتىكى ئاقساقاللار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. 23
ئۇ نەپىس كاناپتىن كىيىم-كېچەك تىكىپ ئۇنى ساتىدۇ؛ بەلۋاغلارنى تىكىپ سودىگەرلەرنى تەمىنلەيدۇ. 24
كىيىمى كۈچ-قۇدرەت ۋە ئىززەت-ھۆرمەتتۇر؛ ئۇ كېلەچەككە ئۈمىد بىلەن كۈلۈپ قارايدۇ. 25
ئاغزىنى ئاچسىلا، دانا سۆز قىلىدۇ، تىلىدا مېھرىبانە نەسىھەتلەر بار. 26
ئائىلىسىدىكى ئىشلاردىن دائىم خەۋەر ئالىدۇ، بىكارغا نان يېمەيدۇ. 27
پەرزەنتلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت تىلەيدۇ؛ ئېرىمۇ مۇبارەكلەپ ئۇنى ماختاپ: ــ 28
«پەزىلەت بىلەن ياشىغان ئاياللار كۆپتۇر، بىراق سەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىسەن» ــ دەيدۇ. 29
گۈزەللىك سېھرى ئالدامچىدۇر، ھۆسن-جامالمۇ پەقەت بىر كۆپۈك، خالاس، پەقەت پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغان ئاياللا ماختىلىدۇ! 30
ئۇ ئۆز مېھنىتىنىڭ مېۋىلىرىدىن بەھرىمەن بولسۇن! ئەجىرلىرى ئۇنى دەرۋازىلاردا ھۆرمەت-شۆھرەتكە ئېرىشتۈرسۇن! 31

< پەند-نەسىھەتلەر 31 >