< پەند-نەسىھەتلەر 30 >

تۆۋەندىكىلەر ياكەھنىڭ ئوغلى ئاگۇرغا ۋەھىي بىلەن كەلگەن سۆزلەردۇر: بۇ ئادەم ئىتىيەلگە، يەنى ئىتىيەل بىلەن ئۇكالغا مۇنداق سۆزلەرنى دېگەن: ــ 1
مەن دەرۋەقە ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئەڭ نادىنى، ھايۋانغا ئوخشاشتۇرمەن؛ مەندە ئىنسان ئەقلى يوق. 2
دانالىقنى ھېچ ئۆگەنمىدىم؛ ئەڭ پاك-مۇقەددەس بولغۇچى ھەققىدىمۇ ساۋاتىم يوقتۇر. 3
كىم ئەرشكە كۆتۈرۈلگەن، ياكى ئەرشتىن چۈشكەن؟ كىم شامالنى قوللىرىدا تۇتقان؟ كىم سۇلارنى ئۆز تونىغا يۆگەپ قويغان؟ كىم يەر-زېمىننىڭ چېگرالىرىنى بەلگىلىگەن؟ ئۇنىڭ ئىسمى نېمە؟ ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى نېمە؟ بىلەمسەن-يوق؟ 4
تەڭرىنىڭ ھەربىر سۆزى سىنىلىپ ئىسپاتلىنىپ كەلگەندۇر؛ ئۇ ئۆزىگە تايانغانلارنىڭ ھەممىسىنى قوغدايدىغان قالقاندۇر. 5
ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ھېچ نەرسە قوشما؛ ئۇنداق قىلساڭ، ئۇ سېنى ئەيىبلەيدۇ، سېنىڭ يالغانچىلىقىڭ ئاشكارىلىنىدۇ. 6
ئى [خۇدايىم]، سەندىن ئىككى نەرسىنى تىلەيمەن؛ مەن ئۆلگۈچە بۇلارنى مەندىن ئايىمىغايسەن: ــ 7
ساختىلىق ۋە يالغانچىلىقنى مەندىن يىراق قىلغايسەن؛ مېنى گادايمۇ قىلماي، بايمۇ قىلماي، بەلكى ئېھتىياجىمغا لايىقلا رىزىق بەرگەيسەن. 8
چۈنكى زىيادە تويۇپ كەتسەم، سەندىن يېنىپ: «پەرۋەردىگار دېگەن كىم؟» ــ دەپ قېلىشىم مۇمكىن. ياكى گاداي بولۇپ قالسام، ئوغرىلىق قىلىپ، سەن خۇدايىمنىڭ نامىغا داغ كەلتۈرۈشىم مۇمكىن. 9
خوجايىنىنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ قۇلى ئۈستىدىن شىكايەت قىلما، بولمىسا ئۇ سېنى قارغاپ لەنەت قىلىدۇ، ئەيىبكار بولىسەن. 10
ئۆز ئاتىسىنى قارغايدىغان، ئۆز ئانىسىغا بەخت تىلىمەيدىغان بىر دەۋر بار، 11
ئۆزىنى پاك چاغلايدىغان، ئەمەلىيەتتە مەينەتچىلىكىدىن ھېچ يۇيۇلمىغان بىر دەۋر بار، 12
بىر دەۋر بار ــ ئاھ، كىبىرلىكىدىن نەزىرى نېمىدېگەن ئۈستۈن، ھاكاۋۇرلۇقىدىن ھالى نېمىدېگەن چوڭ! 13
ئۇنىڭ ئاجىزلار ۋە يوقسۇللارنى يالماپ يۇتۇۋېتىدىغان چىشلىرى قىلىچتەك، ئېزىق چىشلىرى پىچاقتەك بولغان بىر دەۋر بار! 14
زۈلۈكنىڭ ئىككى قىزى بار، ئۇلار ھەردائىم: «بەرگىن، بەرگىن» دەپ توۋلىشار. ھەرگىز تويۇنمايدىغان ئۈچ نەرسە بار، ھەرگىز قانائەتلەنمەيدىغان تۆت نەرسە بار، ئۇلار بولسىمۇ: ــ 15
گۆر، تۇغماس خوتۇننىڭ قارنى، سۇغا تويۇنمىغان قۇرغاق يەر، ۋە ھەرگىز «بولدى، تويدۇم» دېمەيدىغان ئوتتىن ئىبارەت. (Sheol h7585) 16
ئاتىسىنى مەسخىرە قىلىدىغان، ئانىسىنى كەمسىتىدىغان كۆزنى بولسا، قاغا-قۇزغۇنلار چوقۇلار، بۈركۈتنىڭ بالىلىرىمۇ ئۇنى يەر. 17
مەن ئۈچۈن ئىنتايىن تىلسىمات ئۈچ نەرسە بار؛ شۇنداق، مەن چۈشىنەلمەيدىغان تۆت ئىش بار: ــ 18
بۈركۈتنىڭ ئاسماندىكى ئۇچۇش يولى، يىلاننىڭ تاشتا بېغىرلاپ ماڭىدىغان يولى، كېمىنىڭ دېڭىزدىكى يولى ۋە يىگىتنىڭ قىزغا ئاشىق بولۇشتىكى يولىدۇر. 19
زىناخور خوتۇننىڭ يولىمۇ شۇنداقتۇر؛ ئۇ بىرنېمىنى يەپ بولۇپ ئاغزىنى سۈرتىۋەتكەن كىشىدەك: «مەن ھېچقانداق يامانلىقنى قىلمىدىم!» ــ دەيدۇ. 20
يەر-زېمىن ئۈچ نەرسە ئاستىدا بىئارام بولار؛ ئۇ كۆتۈرەلمەيدىغان تۆت ئىش بار: ــ 21
پادىشاھ بولغان قۇل، تاماققا تويغان ھاماقەت، 22
نەپرەتكە پاتقان، ئەرگە تەگكەن خوتۇن، ئۆز خانىمىنىڭ ئورنىنى باسقان دېدەك. 23
يەر يۈزىدە تېنى كىچىك، لېكىن ئىنتايىن ئەقىللىق تۆت خىل جانىۋار بار: ــ 24
چۆمۈلىلەر كۈچلۈك خەلق بولمىسىمۇ، بىراق يازدا ئوزۇق تەييارلىۋېلىشنى بىلىدۇ؛ 25
سۇغۇرلار ئۆزى ئاجىز بىر قوۋم بولسىمۇ، خادا تاشلارنىڭ ئارىسىغا ئۇۋا سالىدۇ؛ 26
چېكەتكىلەرنىڭ پادىشاھى بولمىسىمۇ، لېكىن قاتار تىزىلىپ رەتلىك ماڭىدۇ؛ 27
كەسلەنچۈكنى قول بىلەن تۇتۇۋالغىلى بولىدۇ، لېكىن خان ئوردىلىرىدا ياشايدۇ. 28
قەدەملىرى ھەيۋەتلىك ئۈچ جانىۋار بار، كىشىگە زوق بېرىپ ماڭىدىغان تۆت نەرسە بار: ــ 29
ھايۋاناتلار ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك، ھېچ نېمىدىن قورقماس شىر، 30
زىلۋا بەيگە ئىتى، تېكە، ۋە پۇقرالىرى قوللايدىغان پادىشاھدۇر. 31
ئەگەر سەن ئەخمەقلىق قىلىپ ئۆزۈڭنى بەك يۇقىرى ئورۇنغا قويۇۋالغان بولساڭ، ۋە ياكى تەلۋە بىر ئويدا بولغان بولساڭ، قولۇڭ بىلەن ئاغزىڭنى يۇم! 32
كالا سۈتى قوچۇلسا سېرىق ماي چىقار؛ بىرىنىڭ بۇرنى مىجىلسا، قان چىقار؛ ئاداۋەت قوزغاپ ئىنتىقام ئويلىسا جېدەل-ماجىرا چىقار. 33

< پەند-نەسىھەتلەر 30 >