< پەند-نەسىھەتلەر 3 >

ئى ئوغلۇم، تەلىمىمنى ئۇنتۇما، دېگەنلىرىمنى ھەمىشە كۆڭلۈڭدە چىڭ تۇت. 1
چۈنكى ئۇ ساڭا بەرىكەتلىك كۈنلەر، ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە خاتىرجەملىك قوشۇپ بېرىدۇ. 2
مېھرىبان ۋە ھەق-سەمىمىي بولۇشتىن ۋاز كەچمە، بۇلارنى بوينۇڭغا ئېسىۋال، قەلبىڭگە پۈتىۋال. 3
شۇنداق قىلغاندا خۇدا ۋە بەندىلەرنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپاتقا لايىق بولىسەن، دانىشمەن ھېسابلىنىسەن. 4
ئۆز ئەقلىڭگە تايانماي، پەرۋەردىگارغا چىن قەلبىڭ بىلەن تايانغىن؛ 5
قانداقلا ئىش قىلساڭ، پەرۋەردىگارنى تونۇشقا ئىنتىل؛ ئۇ ساڭا توغرا يوللارنى كۆرسىتىدۇ. 6
ئۆزۈڭنى ئەقىللىق سانىما؛ پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، يامانلىقتىن يىراق بول. 7
شۇنداق قىلغىنىڭدا، بۇ ئىشلار دەردىڭگە دەرمان، ئۇستىخانلىرىڭغا يىلىك بولىدۇ. 8
پەرۋەردىگارنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ مال-دۇنيايىڭدىن ھەدىيەلەرنى سۇنغىن، ئېتىزىڭدىن تۇنجى چىققان مەھسۇلاتلىرىڭدىن ئۇنىڭغا ئاتىغىن؛ 9
شۇنداق قىلغىنىڭدا، ئامبارلىرىڭ ئاشلىققا تولۇپ تاشىدۇ، شاراب كۆلچەكلىرىڭدە يېڭى شاراب ئېشىپ-تېشىپ تۇرىدۇ. 10
ئى ئوغلۇم، پەرۋەردىگارنىڭ تەربىيىسىگە بىپەرۋالىق قىلما، ئۇنىڭ تەنبىھىدىن بەزمە. 11
چۈنكى، ئاتا ئەزىز كۆرگەن ئوغلىغا تەنبىھ-تەربىيە بەرگەندەك، پەرۋەردىگار كىمنى سۆيگەن بولسا ئۇنىڭغا تەنبىھ-تەربىيە بېرىدۇ. 12
دانالىققا مۇيەسسەر بولغان كىشى، يورۇقلۇققا ئىگە بولغان كىشى نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! 13
چۈنكى دانالىقنىڭ پايدىسى كۈمۈشنىڭ پايدىسىدىن كۆپتۇر، قىممىتى ساپ ئالتۇننىڭكىدىنمۇ زىيادىدۇر. 14
ئۇ لەئەل-ياقۇتلاردىن قىممەتلىكتۇر، ئىنتىزار بولغان ھەرقانداق نەرسەڭدىن ھېچبىرىمۇ ئۇنىڭغا تەڭ كەلمەستۇر. 15
دانالىقنىڭ ئوڭ قولىدا ئۇزۇن ئۆمۈر، سول قولىدا بايلىق ۋە شۆھرەت باردۇر. 16
ئۇنىڭ يوللىرى ساڭا خۇش پۇراق تۇيۇلۇر، ئۇنىڭ بارلىق تەرىقىلىرى سېنى ئارام تاپقۇزۇر. 17
ئۇ ئۆزىنى تاپقان ئادەمگە «ھاياتلىق دەرىخى»دۇر، ئۇنى چىڭ تۇتقان كىشى نېمىدېگەن بەختلىك! 18
پەرۋەردىگار دانالىق بىلەن يەر-زېمىننى بەرپا قىلدى، ھېكمەت بىلەن ئاسماننى ئورناتتى. 19
ئۇنىڭ بىلىمى بىلەن يەرنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرى يېرىلدى، ھەمدە بۇلۇتلاردىن شەبنەم چۈشتى. 20
ئى ئوغلۇم! [دانالىق بىلەن بىلىمنى] كۆزۈڭدىن چىقارما، پىشقان ھېكمەت ۋە پەم-پاراسەتنى چىڭ تۇت. 21
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار جېنىڭغا جان قوشىدۇ، بوينۇڭغا ئېسىلغان ئېسىل مارجاندەك ساڭا گۈزەللىك قوشىدۇ. 22
شۇ چاغدا يولۇڭدا ئامان-ئېسەن ماڭالايسەن، يولدا پۇتلاشمايسەن. 23
ياتقاندا ھېچ نېمىدىن قورقمايسەن، يېتىشىڭ بىلەنلا تاتلىق ئۇخلايسەن. 24
بېشىڭغا دەھشەتلىك ۋەھىمە چۈشكەندە قورقمىغىن، رەزىللەرنىڭ ۋەيرانچىلىقىدىن غەم قىلمىغىن! 25
چۈنكى پەرۋەردىگار سېنىڭ تايانچىڭدۇر، ئۇ پۇتۇڭنى قاپقانلاردىن نېرى قىلىدۇ. 26
پەقەت قولۇڭدىن كەلسىلا، ھاجەتمەنلەردىن ياخشىلىقنى ئايىمىغىن. 27
قولۇم-قوشنىلىرىڭ سېنىڭدىن ئۆتنە سوراپ كىرسە، «قايتىپ كېتىپ، ئەتە كەلگىن، ئەتە بېرەي» ــ دېمىگىن. 28
قوشناڭغا زىيانكەشلىك نىيىتىدە بولما، چۈنكى ئۇ ساڭا ئىشىنىپ يېنىڭدا خاتىرجەم ياشايدۇ. 29
بىرسى ساڭا زىيان يەتكۈزمىگەن بولسا، ئۇنىڭ بىلەن سەۋەبسىز ماجىرالاشما. 30
زۇلۇمخور كىشىگە ھەسەت قىلما، ئۇنىڭ يول-تەدبىرلىرىدىن ھېچنېمىنى تاللىما. 31
چۈنكى قىڭغىر يوللارنى ماڭىدىغانلار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يىرگىنچلىكتۇر، لېكىن ئۇنىڭ سىرداش دوستلۇقى دۇرۇس ياشاۋاتقان ئادەمگە تەئەللۇقتۇر. 32
پەرۋەردىگارنىڭ لەنىتى رەزىللىك قىلغۇچىنىڭ ئۆيىدىدۇر، لېكىن ئۇ ھەققانىي ئادەمنىڭ ئۆيىگە بەخت ئاتا قىلۇر. 33
بەرھەق، مەسخىرە قىلغۇچىلارنى ئۇ مەسخىرە قىلىدۇ، لېكىن كىچىك پېئىل كىشىلەرگە شەپقەت كۆرسىتىدۇ. 34
دانالار شۆھرەتكە ۋارىسلىق قىلىدۇ، لېكىن ھاماقەتلەر رەسۋا قىلىنىدۇ. 35

< پەند-نەسىھەتلەر 3 >