< پەند-نەسىھەتلەر 29 >

قايتا-قايتا ئەيىبلىنىپ تۇرۇپ يەنە بوينى قاتتىقلىق قىلغان كىشى، تۇيۇقسىزدىن داۋالىغۇسىز يانجىلار. 1
ھەققانىيلار گۈللەنسە، پۇقرالىرى شادلىنار، قەبىھلەر ھوقۇق تۇتسا پۇقرا نالە-پەرياد كۆتۈرەر. 2
دانالىقنى سۆيگەن ئوغۇل ئاتىسىنى خۇش قىلار؛ بىراق پاھىشىلەرگە ھەمراھ بولغان ئۇنىڭ مال-مۈلكىنى بۇزۇپ-چاچار. 3
پادىشاھ ئادالەت بىلەن يۇرتىنى تىنچ قىلار؛ بىراق باج-سېلىق سالغان بولسا، ئۇنى ۋەيران قىلار. 4
ئۆز يېقىنىغا خۇشامەت قىلغان كىشى، ئۇنىڭ پۇتلىرىغا تور تەييارلاپ قويغاندۇر. 5
رەزىل ئادەمنىڭ گۇناھى ئۆزىگە قاپقان ياساپ قۇرار؛ بىراق ھەققانىي كىشى ناخشىلار بىلەن شادلىنار. 6
ھەققانىي كىشى مىسكىننىڭ دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلۈر؛ بىراق يامانلار بولسا بۇ ئىشنى چۈشەنمەس. 7
ھاكاۋۇر كىشىلەر شەھەرنى قۇترىتىپ داۋالغۇتار؛ بىراق ئاقىلانىلەر ئاچچىق غەزەپلەرنى ياندۇرار. 8
دانا كىشى ئەخمەق بىلەن دەۋالاشسا، ئەخمەق ھۈرپىيىدۇ ياكى كۈلىدۇ، نەتىجىسى ھامان تىنچلىق بولماس. 9
قانخورلار پاك-دىيانەتلىكلەرگە نەپرەتلىنەر؛ دۇرۇسلارنىڭ جېنىنى بولسا، ئۇلار قەستلەر. 10
ئەخمەق ھەردائىم ئىچىدىكى ھەممىنى ئاشكارا قىلار؛ بىراق دانا ئۆزىنى بېسىۋالار. 11
ھۆكۈمدار يالغان سۆزلەرگە قۇلاق سالسا، ئۇنىڭ بارلىق خىزمەتكارلىرى يامان ئۆگەنمەي قالماس. 12
گاداي بىلەن ئۇنى ئەزگۈچى كىشى بىر زېمىندا ياشار؛ ھەر ئىككىسىنىڭ كۆزىنى نۇرلاندۇرغۇچى پەرۋەردىگاردۇر. 13
يوقسۇللارنى دىيانەت بىلەن سورىغان پادىشاھنىڭ بولسا، تەختى مەڭگۈگە مەھكەم تۇرار. 14
تاياق بىلەن تەنبىھ-نەسىھەت بالىلارغا دانالىق يەتكۈزەر؛ بىراق ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىلگەن بالا ئانىسىنى خىجالەتكە قالدۇرار. 15
يامانلار گۈللىنىپ كەتسە، ناھەقلىك كۆپىيەر؛ لېكىن ھەققانىيلار ئۇلارنىڭ يىقىلغىنىنى كۆرەر. 16
ئوغلۇڭنى تەربىيەلىسەڭ، ئۇ سېنى ئارام تاپقۇزار؛ ئۇ كۆڭلۈڭنى سۆيۈندۈرەر. 17
[پەرۋەردىگارنىڭ] ۋەھىيسى بولمىغان ئەلنىڭ پۇقرالىرى يولدىن چىقىپ باشپاناھسىز قالار؛ لېكىن تەۋرات-قانۇنىغا ئەمەل قىلىدىغان كىشى بەختلىكتۇر. 18
قۇلنى سۆز بىلەنلا تۈزەتكىلى بولماس؛ ئۇ سۆزۈڭنى چۈشەنگەن بولسىمۇ، ئېتىبار قىلماس. 19
ئاغزىنى باسالمايدىغان كىشىنى كۆرگەنمۇ؟ ئۇنىڭدىن ئۈمىد كۈتكەندىن، ئەخمەقتىن ئۈمىد كۈتۈش ئەۋزەلدۇر. 20
كىمكى ئۆز قۇلىنى كىچىكىدىن تارتىپ ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرسە، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ بېشىغا چىقار. 21
تېرىككەك كىشى جېدەل-ماجىرا قوزغاپ تۇرار؛ ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان كىشىنىڭ گۇناھلىرى كۆپتۇر. 22
مەغرۇرلۇق كىشىنى پەس قىلار، بىراق كەمتەرلىك كىشىنى ھۆرمەتكە ئېرىشتۈرەر. 23
ئوغرى بىلەن شېرىك بولغان كىشى ئۆز جېنىغا دۈشمەندۇر؛ ئۇ سوراقچىنىڭ [گۇۋاھ بېرىشكە] ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئاڭلىسىمۇ، لېكىن راست گەپ قىلىشقا پېتىنالماس. 24
ئىنسان بالىسىدىن قورقۇش ئادەمنى تۇزاققا چۈشۈرىدۇ؛ بىراق كىمكى پەرۋەردىگارغا تايانغان بولسا، ئۇ بىخەتەر كۆتۈرۈلەر. 25
كۆپ كىشىلەر ھۆكۈمداردىن ئىلتىپات ئىزدەپ يۈرەر؛ بىراق ئادەمنىڭ ھەق-رىزقى پەقەت پەرۋەردىگارنىڭلا قولىدىدۇر. 26
ناھەقلەر ھەققانىيلارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ دۇرۇس يولدا ماڭغان كىشىلەر يامانلارغا يىرگىنچلىكتۇر. 27

< پەند-نەسىھەتلەر 29 >