< پەند-نەسىھەتلەر 28 >

يامانلار ھېچكىم قوغلىمىسىمۇ قاچار؛ بىراق ھەققانىيلار شىر يۈرەك باتۇر كېلەر. 1
يۇرتتا گۇناھلار كۆپەيسە، ئۇنىڭ ئەمىرلىرى كۆپ ئالمىشار، لېكىن ئۇنى سورىغۇچى يورۇتۇلغان ۋە بىلىملىك بولسا، يۇرت ئامان-مۇقىم ئۇزۇن تۇرار. 2
مىسكىنلەرگە زۇلۇم سېلىۋاتقان بىر كەمبەغەل، خۇددى [زىرائەتلەرنى] ياتقۇزۇپ دېنىنى قويمايدىغان قارا يامغۇرغا ئوخشايدۇ. 3
تەۋرات قانۇنىدىن ۋاز كەچكەنلەر يامانلارنى ياخشى دەپ ماختار؛ بىراق قانۇننى تۇتقۇچىلار ئۇلارغا قارشى كۈرەش قىلار. 4
رەزىللەر ئادالەتنى چۈشەنمەس؛ بىراق پەرۋەردىگارنى ئىزدىگۈچىلەر ھەممە ئىشنى چۈشىنەر. 5
پەزىلەتلىك يولدا ماڭغان مىسكىن كىشى، ساختا، ئىككى يۈزلىمە باي ئادەمدىن ياخشىدۇر. 6
تەۋرات-قانۇنىغا ئىتائەت قىلغان يىگىت ئەقىللىق ئوغۇلدۇر؛ بىراق نان قېپىلارغا ھەمراھ بولغۇچى ئاتىسىنى نومۇسقا قالدۇرار. 7
جازانىخورلۇق قىلىپ يۇقىرى ئۆسۈم ئارقىلىق بايلىقلار تاپقان كىشى، ئاخىرىدا بۇلارنى مىسكىنلەرگە خەيرىخاھلىق قىلغۇچىنىڭ قولىغا ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن توپلىغاندۇر. 8
كىمكى تەۋرات قانۇنىنى ئاڭلىمايمەن دەپ قۇلىقىنى يوپۇرسا، ھەتتا دۇئالىرىمۇ لەنىتى بولۇپ قالار. 9
كىمكى دۇرۇسلارنى يامان يولغا ئازدۇرسا، ئۆزى كولىغان ئورىسىغا ئۆزى چۈشەر؛ بىراق پاك-دىيانەتلىك ئادەم ياخشىلىققا مىراسخور بولار. 10
باي دەرۋەقە ئۆزىنى دانا سانار؛ بىراق يورۇتۇلغان مىسكىن ئۇنى ھامان كۆرۈپ يېتەر. 11
ھەققانىيلار غالىبىيەتلىك بولسا، جاھاننى تەنتەنە قاپلار؛ بىراق يامانلار مەرتىۋىگە چىقسا، خالايىق ئۆزلىرىنى قاچۇرار. 12
ئۆز گۇناھلىرىنى يوشۇرغان كىشى روناق تاپماس؛ بىراق ئۇلارنى تونۇپ ئىقرار قىلىپ، ئۇلاردىن ۋاز كەچكەن كىشى رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشەر. 13
[پەرۋەردىگاردىن] ھەردائىم قورقۇپ يۈرگەن كىشى شۇنچە بەختلىكتۇر! بىراق كۆڭلىنى تاش قىلغان بالايىئاپەتكە قالار. 14
ھۆركىرەپ تۇرغان شىر، ياكى [ئوۋنى ئىزدەپ] كېزىۋاتقان ئېيىق قانداق بولسا، يوقسۇل پۇقرالارنىڭ ئۈستىدىكى رەزىل ھاكىممۇ شۇنداقتۇر. 15
يورۇتۇلمىغان ئەمىر ھامان زور بىر زالىم بولۇپ چىقار، بىراق ھارام بايلىقلارغا نەپرەتلەنسە، تەختىدە ئۇزۇن ئولتۇرار. 16
قان تۆككەن كىشى قەرز بىلەن ھاڭغا قاراپ يۈگۈرەر؛ ئۇنى ھېچكىم توسمىسۇن! 17
سەمىمىي، دىيانەتلىك يولدا ماڭغان قۇتۇلار؛ ئىككى يولدا ماڭغان ساختا كىشى ئۇلارنىڭ بىرىدە ھامان يىقىلىپ چۈشەر. 18
ئۆز يېرىگە تىرىشىپ ئىشلىگەن دېھقاننىڭ نېنى يېتىپ ئاشار؛ بىراق بىكار يۈرۈپ خام خىياللارنى قوغلىغان كىشىنىڭ يوقسۇللۇقى مول بولار! 19
راستچىل كىشىنىڭ بەختى كۆپىيەر؛ بىراق باي بولۇشقا ئالدىرىغان كىشى جازادىن قېچىپ قۇتۇلالماس. 20
بىرىگە يان بېسىش قەتئىي بولماس؛ چۈنكى بەزىلەر ھەتتا بىر بۇردا نان ئۈچۈنمۇ گۇناھ ئۆتكۈزەر. 21
نەپسى تويماس كىشى بايلىقلارنى كۆزلەپ ئالدىرايدۇ، ئۇ نامراتلىقنىڭ ئۆز بېشىغا چۈشىدىغىنىدىن بىخەۋەردۇر. 22
باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى ئوچۇق ئەيىبلىگەن كىشى، ھامان خۇشامەت قىلغۇچىغا قارىغاندا كۆپرەك ئىلتىپات تاپار. 23
ئاتا-ئانىسىنىڭ تەئەللۇقاتىنى ئوغرىلاپ، «بۇ ھېچقانداق گۇناھ ئەمەس» دېگەن كىشى، ھالاك قىلغۇچىنىڭ شېرىكىدۇر. 24
نەپسى تويمىغۇر كىشى جېدەل-ماجىرا تېرىيدۇ؛ بىراق پەرۋەردىگارغا تايانغان كىشى ئەتلىنەر. 25
ئۆزىنىڭ كۆڭلىگە ئىشەنگەن كىشى ئەخمەقتۇر؛ بىراق دانالىق بىلەن ماڭغان نىجات تاپار. 26
نامراتلارغا خەيرخاھلىق قىلىدىغان كىشى موھتاجلىق تارتماس؛ لېكىن ھاجەتمەننى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالغان كىشى كۆپلىگەن قارغىشقا ئۇچرار. 27
يامانلار مەرتىۋىگە چىقسا، خالايىق ئۆزلىرىنى قاچۇرار؛ لېكىن ئۇلار زاۋال تاپسا، ھەققانىيلار راۋاج تاپار. 28

< پەند-نەسىھەتلەر 28 >