< پەند-نەسىھەتلەر 27 >

ئەتىكى كۈنۈڭ توغرۇلۇق ماختانما، چۈنكى بىر كۈنى نېمە بولىدىغىنىڭنىمۇ بىلمەيسەن. 1
سېنى باشقىلار ماختىسۇن، ئۆز ئاغزىڭ مۇنداق قىلمىسۇن، يات ئادەم سېنى ماختىسۇن، ئۆز لەۋلىرىڭ ئۇنداق قىلمىسۇن. 2
تاش ئېغىر، قۇم خېلى جىڭ باسار، بىراق ئەخمەق كەلتۈرىدىغان خاپىچىلىق ئىككىسىدىن تېخىمۇ ئېغىردۇر. 3
غەزەپ رەھىمسىزدۇر، قەھر بولسا كەلكۈندەك ئادەمنى ئېقىتىپ كېتەر، بىراق كىم ھەسەتخورلۇق ئالدىدا تاقابىل تۇرالىسۇن؟ 4
ئاشكارا ئەيىبلەش يوشۇرۇن مۇھەببەتتىن ئەلادۇر. 5
دوستنىڭ قولىدىن يېگەن زەخىملەر سادىقلىقتىن بولىدۇ؛ بىراق دۈشمەننىڭ سۆيۈشلىرى ھىيلىگەرلىكتۇر. 6
توق كىشى ھەسەل كۆنىكىدىنمۇ بىزاردۇر، ئاچ كىشىگە ھەرقانداق ئاچچىق نەرسىمۇ تاتلىق بىلىنەر. 7
يۇرت ماكانىدىن ئايرىلغان كىشى، ئۇۋىسىدىن ئايرىلىپ يۈرگەن قۇشقا ئوخشار. 8
ئەتىر ۋە خۇشبۇي كۆڭۈلنى ئاچار، جان كۆيەر دوستنىڭ سەمىمىي مەسلىھەتى كىشىنى رىغبەتلەندۈرەر. جان كۆيەر دوستنىڭ سەمىمىي، خۇشخۇي مەسلىھەتى كىشىنى خۇش قىلۇر. 9
ئۆز دوستۇڭنى، ئاتاڭنىڭ دوستىنىمۇ ئۇنتۇما؛ بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە قېرىندىشىڭنىڭ ئۆيىگە كىرىپ يېلىنما؛ يېقىندىكى دوست، يىراقتىكى قېرىنداشتىن ئەلا. 10
ئى ئوغلۇم، دانا بول، كۆڭلۈمنى خۇش قىل، شۇنداق قىلغىنىڭدا مېنى مەسخىرە قىلىدىغانلارغا جاۋاب بېرەلەيمەن. 11
زېرەك كىشى بالايىقازانى ئالدىن كۆرۈپ قاچار؛ ساددىلار ئالدىغا بېرىپ زىيان تارتار. 12
ياتقا كېپىل بولغان كىشىدىن قەرزگە تونىنى تۇتۇپ ئالغىن؛ يات خوتۇنغا كاپالەت بەرگەن كىشىدىن كاپالەت پۇلى ئال. 13
قاق سەھەردە تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋازدا دوستىغا بەخت تىلىگەنلىك، ئۆزىنى قارغاش ھېسابلىنار. 14
يامغۇرلۇق كۈندىكى توختىماي چۈشكەن تامچە-تامچە يېغىن، ۋە سوقۇشقاق خوتۇن بىر-بىرىگە ئوخشاشتۇر. 15
ئۇنى تىزگەنلەش بوراننى توسقانغا، ياكى ياغنى ئوڭ قول بىلەن چاڭگاللىغانغا ئوخشاشتۇر. 16
تۆمۈرنى تۆمۈرگە بىلىسە ئۆتكۈرلەشكەندەك، دوستلارمۇ بىر-بىرىنى ئۆتكۈرلەشتۈرەر. 17
ئەنجۈر كۆچىتىنى پەرۋىش قىلغۇچى ئۇنىڭدىن ئەنجۈر يەيدۇ؛ خوجايىنىنى ئاسراپ كۈتكەن قۇل ئىززەت تاپىدۇ. 18
سۇدا ئادەمنىڭ يۈزى ئەكس ئەتكەندەك، ئىنساننىڭ قەلبىنىڭ قانداقلىقى ئۆز يېنىدىكى كىشى ئارقىلىق بىلىنەر. 19
تەھتىسارا ۋە ھالاكەت ھەرگىز تويمىغاندەك، ئادەمنىڭ [ئاچ] كۆزلىرى قانائەت تاپماس. (Sheol h7585) 20
ساپال قازان كۈمۈشنى، چاناق ئالتۇننى تاۋلار، ئادەم بولسا ماختالغاندا سىنىلار. 21
ئەخمەقنى بۇغداي بىلەن بىرگە سەندەلدە تالقان قىلىپ سوقساڭمۇ، ئەخمەقلىقى يەنىلا ئۇنىڭدا تۇرار. 22
پادىلىرىڭنىڭ ئەھۋالىنى ئوبدان بىلىپ تۇر، مال-ۋارانلىرىڭدىن ياخشى خەۋەر ئال؛ 23
چۈنكى بايلىقنىڭ مەڭگۈ كاپالىتى بولماس، تاج-تەختمۇ دەۋردىن-دەۋرگىچە تۇرامدۇ؟ 24
قۇرۇغان چۆپلەر ئورۇلغاندىن كېيىن، يۇمران چۆپلەر ئۆسۈپ چىققاندا، تاغ باغرىدىنمۇ ياۋايى چۆپلەر يىغىلغاندا، 25
شۇ چاغدا قوزىلارنىڭ يۇڭلىرى قىرقىلىپ كىيىمىڭ بولار؛ ئۆچكىلەرنى ساتقان پۇلغا بىر ئېتىز كېلەر، 26
ھەمدە ئۆچكىلەرنىڭ سۈتلىرى سېنىڭ ھەم ئائىلىدىكىلىرىڭنىڭ ئوزۇقلۇقىنى، دېدەكلىرىڭنىڭ قورسىقىنى تەمىنلەشكىمۇ يېتەر. 27

< پەند-نەسىھەتلەر 27 >