< پەند-نەسىھەتلەر 24 >

يامانلارغا رەشك قىلما، ئۇلار بىلەن باردى-كەلدى قىلىشنى ئارزۇ قىلما؛ 1
چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆڭلى زوراۋانلىقنىلا ئويلار؛ ئۇلارنىڭ ئاغزى ئازار يەتكۈزۈشنى سۆزلەر. 2
ئائىلە بولسا دانالىق ئاساسىدا بەرپا قىلىنار؛ چۈشىنىش بىلەن مۇستەھكەملىنەر. 3
بىلىم بىلەن ئۆينىڭ خانىلىرى ھەرخىل قىممەتلىك، ئېسىل گۆھەرلەرگە تولدۇرۇلار. 4
دانا ئادەم زور كۈچكە ئىگىدۇر؛ بىلىمى بار ئادەم قۇدرىتىنى ئاشۇرار. 5
پۇختا نەسىھەتلەر بىلەن جەڭ قىلغىن؛ غەلىبە بولسا بىردىنبىر ئۇلۇغ مەسلىھەتچى بىلەن بولار. 6
دانالىق ئەقىلسىز ئادەمگە نىسبەتەن تولىمۇ ئېگىز، چۈشىنىكسىزدۇر؛ [چوڭلار] شەھەر دەرۋازىسى ئالدىغا يىغىلغاندا ئۇ زۇۋان ئاچالماس. 7
ئەسكىلىكنى نىيەتلىگەن ئادەم «سۇيىقەستچى» ئاتىلار. 8
ئەخمەقلىقتىن بولغان نىيەت گۇناھدۇر؛ ھاكاۋۇر كىشى ئادەملەرگە يىرگىنچلىكتۇر. 9
بېشىڭغا ئېغىر كۈن چۈشكەندە جاسارەتسىز بولساڭ، كۈچسىز ھېسابلىنىسەن. 10
[سەۋەبسىز] ئۆلۈمگە تارتىلغانلارنى قۇتقۇزغىن؛ بوغۇزلىنىش خەۋپىدە تۇرغانلاردىن ياردەم قولۇڭنى تارتما؛ 11
ئەگەر سەن: «بۇ ئىشتىن خەۋىرىمىز يوقتۇر» دېسەڭ، ھەر ئادەمنىڭ كۆڭلىنى تارازىغا سالغۇچى بۇنى كۆرمەسمۇ؟ جېنىڭنى ھايات ساقلىغۇچى ئۇنى بىلمەسمۇ؟ ئۇ ھەربىر ئىنسان بالسىنىڭ ئۆز قىلغانلىرى بويىچە ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ياندۇرماسمۇ؟ 12
ئى ئوغلۇم، ھەسەل [تاپساڭ] ئىستىمال قىل، ئۇ ياخشىدۇر. ھەرە كۆنىكىدىن ئالغان ھەسەل بولسا تاتلىق تېتىيدۇ؛ 13
دانالىق بىلەن تونۇشساڭ، ئۇمۇ كۆڭلۈڭگە شۇنىڭدەك بولار؛ ئۇنى تاپقىنىڭدا جەزمەن ياخشى كۆرىدىغان كۈنۈڭ بولىدۇ، ئارزۇ-ئۈمىدىڭ بىكارغا كەتمەس. 14
ئى رەزىل ئادەم، ھەققانىينىڭ ئۆيىگە يوشۇرۇن ھۇجۇم قىلىشنى كۈتمە، ئۇنىڭ تۇرالغۇسىنى بۇلىغۇچى بولما! 15
چۈنكى ھەققانىي يەتتە قېتىم يىقىلىپ چۈشەر، بىراق ئاخىرى يەنە ئورنىدىن تۇرار. لېكىن رەزىل كىشى كۈلپەت ئىچىگە پۇتلىشىپ چۈشەر. 16
رەقىبىڭ يىقىلىپ كەتسە خۇش بولۇپ كەتمە، دۈشمىنىڭ پۇتلىشىپ چۈشسە شادلانما؛ 17
پەرۋەردىگار بۇنى كۆرگەندە، بۇ قىلىقىڭنى ياخشى كۆرمەي، بەلكىم غەزىپىنى رەقىبىڭگە چۈشۈرمەسلىكى مۇمكىن. 18
يامانلار [راۋاج تاپسا]، بىئارام بولۇپ كەتمە؛ رەزىللەرگە رەشك قىلما. 19
چۈنكى يامانلارنىڭ كېلەچىكى يوقتۇر، ئۇنىڭ چىرىغىمۇ ئۆچۈرۈلەر. 20
ئى ئوغلۇم، پەرۋەردىگاردىن قورققىن، پادىشاھنىمۇ ھۆرمەت قىل. قۇتراتقۇچىلار بىلەن ئارىلاشما. 21
بۇنداق كىشىلەرگە كېلىدىغان بالايىئاپەت ئۇشتۇمتۇت بولار، [پەرۋەردىگار بىلەن پادىشاھنىڭ] ئۇلارنى قانداق يوقىتىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟ 22
بۇلارمۇ ئاقىلانىلەرنىڭ سۆزلىرىدۇر: ــ سوت قىلغاندا بىر تەرەپكە يان بېسىش قەتئىي بولماس. 23
جىنايەتچىگە: «ئەيىبسىز سەن» دەپ ھۆكۈم چىقارغان كىشىگە، خەلقلەر لەنەت ئېيتار؛ ئەل-يۇرتلار ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنەر. 24
بىراق ئۇلار جىنايەتچىنىڭ گۇناھىنى ئېچىپ تاشلىغان كىشىدىن خۇرسەن بولار، ئۇلار ئۇنىڭغا بەخت-سائادەت تىلىشەر. 25
دۇرۇس جاۋاب بەرگۈچى، گوياكى كىشىنىڭ لەۋلىرىگە سۆيگۈچىدۇر. 26
ئاۋۋال سىرتتا ئىشلىرىڭنىڭ يولىنى ھازىرلاپ، ئېتىز-ئېرىقلىرىڭنى تەييارلا، ئاندىن ئۆيۈڭنى سالغىن. 27
يېقىنىڭغا قارشى ئاساسسىز گۇۋاھلىق قىلما؛ ئاغزىڭدىن ھېچ يالغانچىلىق چىقارما. 28
«ئۇ ماڭا قانداق قىلغان بولسا، مەنمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىمەن، ئۇنىڭ ماڭا قىلغىنىنى ئۆزىگە ياندۇرىمەن»، دېگۈچى بولما. 29
مەن ھۇرۇننىڭ ئېتىزلىقىدىن ئۆتتىم، ئەقىلسىزنىڭ ئۈزۈمزارلىقى يېنىدىن ماڭدىم، 30
مانا، ھەر يېرىدىن تىكەنلەر ئۆسۈپ چىققان، خوخىلار يەر يۈزىنى بېسىپ كەتكەن، قورۇق تېمى ئۆرۈلۈپ كەتكەن! 31
ئۇلارنى كۆرگەچ، ئوبدان ئويلاندىم؛ كۆرگىنىمدىن ساۋاق ئالدىم: ــ 32
سەن: «يەنە بىردەم كۆزۈمنى يۇمۇۋالاي، يەنە بىردەم ئۇخلىۋالاي، يەنە بىردەم پۇت-قولۇمنى ئالماپ يېتىۋالاي» ــ دېسەڭ، 33
نامراتلىق بۇلاڭچىدەك سېنى بېسىپ كېلەر، ھاجەتمەنلىك قالقانلىق ئەسكەردەك ساڭا ھۇجۇم قىلار. 34

< پەند-نەسىھەتلەر 24 >