< پەند-نەسىھەتلەر 23 >

كاتتا ئەرباب بىلەن ھەمداستىخان بولساڭ، ئالدىڭدىكى كىم ئىكەنلىكىنى ئوبدان ئويلان. 1
ئىشتىيىڭ يامان بولسا، گېلىڭغا پىچاق تەڭلەپ تۇرغاندەك ئۆزۈڭنى تارت. 2
ئۇنىڭ نازۇنېمەتلىرىنى تاما قىلما، ئۇلار ئادەم ئالدايدىغان تاماقلاردۇر. 3
باي بولىمەن دەپ ئۆزۈڭنى ئۇپراتما؛ ئۆزۈڭنىڭ زېھنىڭنى بۇ ئىشقا قاراتما. 4
[بايلىقلارغا] كۆز تىكىشىڭ بىلەنلا، ئۇلار يوق بولىدۇ؛ پۇل-مال دەرۋەقە ئۆزىگە قانات ياساپ، خۇددى بۈركۈتتەك ئاسمانغا ئۇچۇپ كېتەر. 5
ئاچ كۆزنىڭ نېنىنى يېمە، ئۇنىڭ ئېسىل نازۇنېمەتلىرىنى تاما قىلما؛ 6
چۈنكى ئۇنىڭ كۆڭلى قانداق بولغاندەك، ئۆزىمۇ شۇنداق. ئۇ ئاغزىدا: ــ قېنى، ئالسىلا، ئىچسىلە! ــ دېسىمۇ، بىراق كۆڭلىدە سېنى ئويلىغىنى يوق. 7
يېگەن بىر يۇتۇم تائامنىمۇ قۇسۇۋېتىسەن، ئۇنىڭغا قىلغان چىرايلىق سۆزلىرىڭمۇ بىكارغا كەتكەن بولىدۇ. 8
ئەخمەققە يول كۆرسىتىپ سالما، چۈنكى ئۇ ئەقىل سۆزلىرىڭنى كۆزگە ئىلماس. 9
قەدىمدە بېكىتكەن يەرنىڭ پاسىل تاشلىرىنى يۆتكىمە، يېتىملارنىڭ ئېتىزلىرىغىمۇ ئاياغ باسما؛ 10
چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىسى ئىنتايىن كۈچلۈكتۇر؛ ئۇ ئۆزى ئۇلار ئۈچۈن ئۈستۈڭدىن دەۋا قىلار. 11
نەسىھەتكە كۆڭۈل قوي، ئىلىم-بىلىملەرگە قۇلاق سال. 12
بالاڭغا تەربىيە بېرىشتىن ئېرىنمە؛ ئەگەر تاياق بىلەن ئۇرساڭ، ئۇ ئۆلۈپ كەتمەيدۇ؛ 13
سەن ئۇنى تاياق بىلەن ئۇرساڭ، بەلكىم ئۇنى تەھتىسارادىن قۇتقۇزىۋالىسەن. (Sheol h7585) 14
ئى ئوغلۇم، دانا بولساڭ، مېنىڭ قەلبىم قانچە خۇش بولار ئىدى! 15
ئاغزىڭدا ئورۇنلۇق سۆزلەر بولسا، ئىچ-ئىچىمدىن شادلىنىمەن. 16
گۇناھ سادىر قىلغۇچىلارغا رەشك قىلما، ھەردائىم پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشتە تۇرغىن؛ 17
شۇنداق قىلغىنىڭدا جەزمەن كۆرىدىغان ياخشى كۈنۈڭ بولىدۇ، ئارزۇ-ئۈمىدىڭ بىكارغا كەتمەس. 18
ئى ئوغلۇم، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ دانا بول، قەلبىڭنى [خۇدانىڭ] يولىغا باشلىغىن. 19
مەيخورلارغا ئارىلاشما، نەپسى يامان گۆشخورلار بىلەن باردى-كەلدى قىلما؛ 20
چۈنكى ھاراقكەش بىلەن نەپسى يامان ئاخىرىدا يوقسۇللۇقتا قالار، غەپلەت ئۇيقۇسىغا پاتقانلارغا جەندە كىيىمنى كىيگۈزەر. 21
سېنى تاپقان ئاتاڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلا، ئاناڭ قېرىغاندا ئۇنىڭغا ھۆرمەتسىزلىك قىلما. 22
ھەقىقەتنى سېتىۋال، ئۇنى ھەرگىز سېتىۋەتمە. دانالىق، تەربىيە ۋە يورۇتۇلۇشنىمۇ ئال. 23
ھەققانىي بالىنىڭ ئاتىسى چوڭ خۇشاللىق تاپار؛ دانا ئوغۇلنى تاپقان ئاتىسى ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولار. 24
ئاتا-ئاناڭنى سۆيۈندۈرۈپ، سېنى تۇغقان ئاناڭنى خۇش قىل. 25
ئى ئوغلۇم، قەلبىڭنى ماڭا تاپشۇر؛ كۆزلىرىڭمۇ ھاياتلىق يوللىرىمغا تىكىلسۇن! 26
چۈنكى پاھىشە ئايال چوڭقۇر ئورىدۇر، بۇزۇق يات ئايال تار زىنداندۇر؛ 27
ئۇلار قاراقچىدەك مۆكۈۋېلىپ، ئىنسانىيەت ئارىسىدىكى ۋاپاسىزلارنى كۆپەيتەر. 28
كىمدە ئازاب بار؟ كىمدە دەرد-ئەلەم؟ كىم جېدەل ئىچىدە قالار؟ كىم نالە-پەرياد كۆتۈرەر؟ كىم سەۋەبسىز يارىلىنار؟ كىمنىڭ كۆزى قىزىرىپ كېتەر؟ 29
دەل شاراب ئۈستىدە ئۇزۇن ئولتۇرغان، ئەبجەش شارابتىن تېتىشقا ئالدىرىغان مەيخورلار! 30
شارابنىڭ ئاجايىب قىزىللىقىغا، ئۇنىڭ جامدىكى جۇلالىقىغا، كىشىنىڭ گېلىدىن شۇنداق سىلىق ئۆتكەنلىكىگە مەپتۇن بولۇپ قالما! 31
ئاخىرىدا ئۇ زەھەرلىك يىلاندەك چېقىۋالىدۇ، ئوق يىلاندەك نەشتىرىنى سانجىيدۇ. 32
كۆز ئالدىڭدا غەلىتە مەنزىرىلەر كۆرۈنىدۇ، ئاغزىڭدىن قالايمىقان سۆزلەر چىقىدۇ. 33
خۇددى دېڭىز-ئوكيانلاردا لەيلەپ قالغاندەك، يەلكەنلىك كېمىنىڭ موما ياغىچى ئۈستىدە ياتقاندەك بولىسەن. 34
سەن چوقۇم: ــ بىرسى مېنى ئۇردى، لېكىن مەن يارىلانمىدىم! بىرسى مېنى تاياق بىلەن ئۇردى، بىراق ئاغرىقىنى سەزمىدىم!» ــ دەيسەن. بىراق سەن يەنە: «ھوشۇمغا كەلسەملا، مەن يەنىلا شارابنى ئىزدەيمەن! ــ دەيسەن. 35

< پەند-نەسىھەتلەر 23 >