< پەند-نەسىھەتلەر 21 >

پادىشاھنىڭ كۆڭلى ئېرىقلاردىكى سۇدەك پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىدۇر؛ [پەرۋەردىگار] قەيەرگە توغرىلىسا، شۇ تەرەپكە ماڭىدۇ. 1
ئىنسان ئۆزىنىڭ ھەممە قىلغان ئىشىنى توغرا دەپ بىلەر؛ لېكىن پەرۋەردىگار قەلبدىكى نىيەتلەرنى تارازىغا سېلىپ تارتىپ كۆرەر. 2
پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە، ھەققانىيلىق بىلەن ئادالەت يۈرگۈزۈش قۇربانلىق قىلىشتىن ئەۋزەلدۇر. 3
تەكەببۇر كۆزلەر، مەغرۇر قەلب، يامانلارنىڭ چىرىغى ــ ھەممىسى گۇناھتۇر. 4
ئەستايىدىل كىشىلەرنىڭ ئويلىرى ئۇلارنى پەقەت باياشاتلىققا يېتەكلەر؛ چېچىلاڭغۇلارنىڭ ئويلىرى بولسا، ئۇلارنى پەقەت يوقسۇزلۇققىلا يېتەكلەر. 5
ياغلىما تىل بىلەن ئېرىشكەن بايلىقلار، ئۆلۈمنى ئىزدەپ يۈرگەنلەر قوغلاپ يۈرگەن بىر تۈتۈنلا، خالاس. 6
يامانلارنىڭ زالىملىقى ئۆزلىرىنى چىرمىۋالار؛ چۈنكى ئۇلار ئادالەت يولىدا مېڭىشنى رەت قىلغان. 7
جىنايەتكار ماڭىدىغان يول ناھايىتى ئەگرىدۇر؛ ساپ دىل ئادەمنىڭ ھەرىكىتى تۈپتۈزدۇر. 8
سوقۇشقاق خوتۇن بىلەن [ئازادە] ئۆيدە بىللە تۇرغاندىن كۆرە، ئۆگزىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا [يالغۇز] يېتىپ قوپقان ياخشى. 9
يامان كىشىنىڭ كۆڭلى يامانلىققىلا ھېرىسمەندۇر؛ ئۇ يېقىنىغىمۇ شاپائەت كۆرسەتمەس. 10
ھاكاۋۇرنىڭ جازاغا تارتىلىشى، بىلىمسىزگە ئىبرەت بولار؛ دانا كىشى قوبۇل قىلغان نەسىھەتلەردىن تېخىمۇ كۆپ بىلىم ئالار. 11
ھەققانىي بولغۇچى ياماننىڭ ئۆيىنى كۆزلەر؛ ئۇ ھامان يامانلارنى يامانلىققا قويۇپ يىقىتار. 12
مىسكىنلەرنىڭ نالىسىغا قۇلىقىنى يوپۇتۇپ كارى بولمىغۇچى، ئاخىرى ئۆزى پەرياد كۆتۈرەر، بىراق ھېچكىم پەرۋا قىلماس. 13
يوشۇرۇن سوۋغات غەزەپنى باسار؛ يەڭ ئىچىدە بېرىلگەن پارا قەھر-غەزەپنى پەسەيتەر. 14
ئادالەتنى بەجا كەلتۈرۈش ھەققانىيلارنىڭ خۇشاللىقىدۇر، بىراق يامانلىق قىلغۇچىلارغا ۋەھىمىدۇر. 15
ھېكمەت يولىدىن ئېزىپ كەتكەن كىشى، ئەرۋاھلارنىڭ جامائىتى ئىچىدىكىلەردىن بولۇپ قالار. 16
تاماشاغا بېرىلگەن كىشى نامرات قالار؛ ياغ چايناشقا، شاراب ئىچىشكە ئامراق بېيىماس. 17
يامان ئادەم ھەققانىي ئادەم ئۈچۈن گۆرۈ پۇلىنىڭ ئورنىدا قالار؛ [ئېزىلگەن] دۇرۇسلارنىڭ ئورنىغا ئىپلاسلار قالار. 18
سوقۇشقاق ۋە تېرىككەك ئايال بىلەن ئورتاق تۇرغاندىن، چۆل-باياۋاندا يالغۇز ياشىغان ياخشىدۇر. 19
ئاقىلانىنىڭ ئۆيىدە بايلىق بار، زەيتۇن ماي بار؛ بىراق ئەخمەقلەر تاپقىنىنى ئۇتتۇرلۇق بۇزۇپ-چاچار. 20
ھەققانىيەت، مېھرىبانلىقنى ئىزدىگۈچى ئادەم، ھايات، ھەققانىيەت ۋە ئىززەت-ھۆرمەتكە ئېرىشەر. 21
دانا كىشى كۈچلۈكلەر شەھىرىنىڭ سېپىلىغا يامىشار، ئۇلارنىڭ تايانچى بولغان قورغىنىنى غۇلىتار. 22
ئۆز تىلىغا، ئاغزىغا ئىگە بولغان كىشى، جېنىنى ئاۋارىچىلىكلەردىن ساقلاپ قالار. 23
چوڭچىلىق قىلغانلار، «ھاكاۋۇر»، «ھالى چوڭ»، «مازاقچى» ئاتىلار. 24
ھۇرۇن كىشى ئۆز نەپسىدىن ھالاك بولار، چۈنكى ئۇنىڭ قولى ئىشقا بارماس؛ 25
نەپسى يامان بولۇپ ئۇ كۈن بويى تەمە قىلىپ يۈرەر؛ بىراق ھەققانىي ئادەم ھېچنېمىنى ئايىماي سەدىقە قىلار. 26
يامان ئادەمنىڭ قۇربانلىقى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ رەزىل غەرەزدە ئەپكېلىنگەن بولسا تېخىمۇ شۇنداقتۇر! 27
يالغان گۇۋاھلىق قىلغۇچى ھالاك بولار؛ ئەينى ئەھۋالنى ئاڭلاپ سۆزلىگەن كىشىنىڭ سۆزى ئەبەدگىچە ئاقار. 28
يامان ئادەم يۈزىنى قېلىن قىلار؛ دۇرۇس كىشى يولىنى ئويلاپ پۇختا باسار. 29
پەرۋەردىگارغا قارشى تۇرالايدىغان ھېچقانداق دانالىق، ئەقىل-پاراسەت ياكى تەدبىر يوقتۇر. 30
ئاتلار جەڭ كۈنى ئۈچۈن تەييار قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق غەلىبە-نىجات پەقەت پەرۋەردىگاردىندۇر. 31

< پەند-نەسىھەتلەر 21 >