< پەند-نەسىھەتلەر 2 >

ئى ئوغلۇم، ئەگەر سۆزلىرىمنى قوبۇل قىلساڭ، نەسىھەتلىرىمنى قەلبىڭگە پۈكسەڭ، 1
ئەگەردە دانالىققا قۇلاق سالساڭ، يورۇقلۇققا ئېرىشىشكە كۆڭۈل بەرسەڭ، 2
ئەگەر ئەقىل-پاراسەتكە تەشنا بولۇپ ئىلتىجا قىلساڭ، يورۇقلۇققا ئېرىشىش ئۈچۈن يۇقىرى ئاۋازدا يېلىنساڭ، 3
ئەگەر كۈمۈشكە ئىنتىلگەندەك ئىنتىلسەڭ، يوشۇرۇن گۆھەرنى ئىزدىگەندەك ئىزدىسەڭ، 4
ئۇنداقتا پەرۋەردىگاردىن [ھەقىقىي] قورقۇشنى بىلىدىغان بولىسەن، ۋە ساڭا خۇدانى تونۇش نېسىپ بولىدۇ. 5
چۈنكى پەرۋەردىگار دانالىق بەرگۈچىدۇر؛ ئۇنىڭ ئاغزىدىن بىلىم بىلەن يورۇقلۇق چىقىدۇ. 6
ئۇ دۇرۇس ياشاۋاتقانلار ئۈچۈن مول ھېكمەت تەييارلاپ قويغاندۇر، ئۇ ۋىجدانلىق ئادەملەر ئۈچۈن قالقاندۇر. 7
ئۇ ئادىللىق قىلغۇچىلارنىڭ يوللىرىنى ئاسرايدۇ، ئىخلاسمەن بەندىلىرىنىڭ يولىنى قوغدايدۇ. 8
ئۇ چاغدا ھەققانىيلىق، ئادىللىق ۋە دۇرۇسلۇقنى، شۇنداقلا ھەرقانداق گۈزەل يولنى چۈشىنىدىغان بولىسەن. 9
دانالىق قەلبىڭگە كىرىشى بىلەنلا، بىلىم كۆڭلۈڭگە يېقىشى بىلەنلا، 10
پەم-پاراسەت سېنى قوغدايدۇ، يورۇقلۇق سېنى ساقلايدۇ. 11
ئۇلار سېنى يامان يولدىن، تىلى زەھەر ئادەملەردىن قۇتقۇزىدۇ؛ 12
يەنى توغرا يولدىن چەتنىگەنلەردىن، قاراڭغۇ يوللاردا ماڭىدىغانلاردىن، 13
رەزىللىك قىلىشنى ھۇزۇر كۆرىدىغانلاردىن، يامانلىقنىڭ زىيانلىرىنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغانلاردىن، 14
يەنى ئەگرى يوللاردا ماڭىدىغانلاردىن، قىڭغىر يولدا ماڭىدىغانلاردىن قۇتقۇزىدۇ. 15
[دانالىق] سېنى بۇزۇق ئايالدىن، يەنى شىرىن سۆزلەر بىلەن ئازدۇرماقچى بولغان نامەھرەم ئاياللاردىن قۇتقۇزىدۇ. 16
[بۇنداق ئاياللار] ياش ۋاقتىدا تەگكەن جورىسىنى تاشلاپ، خۇدا ئالدىدىكى نىكاھ قەسىمىنى ئۇنتۇغان ۋاپاسىزلاردىندۇر. 17
ئۇنىڭ ئۆيىگە بارىدىغان يول ئۆلۈمگە ئاپىرىدىغان يولدۇر، ئۇنىڭ ماڭىدىغان يوللىرى ئادەمنى ئەرۋاھلار ماكانىغا باشلايدۇ. 18
ئۇنىڭ قېشىغا بارغانلارنىڭ بىرىمۇ قايتىپ كەلگىنى يوق، ئۇلاردىن بىرىمۇ ھاياتلىق يوللىرىغا ئېرىشكىنى يوق. 19
[شۇلارنى چۈشەنسەڭ] ياخشىلارنىڭ يولىدا ماڭىسەن، ھەققانىيلارنىڭ يوللىرىنى تۇتىسەن. 20
چۈنكى دۇرۇس ئادەم زېمىندا ياشاپ قالالايدۇ، مۇكەممەل كىشى بۇ يەردە ماكانلىشالايدۇ. 21
لېكىن رەزىللەر زېمىندىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ، ۋاپاسىزلار ئۇنىڭدىن يۇلۇۋېتىلىدۇ. 22

< پەند-نەسىھەتلەر 2 >