< پەند-نەسىھەتلەر 18 >

كۆپچىلىكتىن ئايرىلىپ يالغۇز يۈرگەن كىشى ھامان ئۆز نەپسىگە چوغ تارتار؛ ھەرقانداق چىن ھېكمەتكە ھامان جان-جەھلى بىلەن قارشى چىقار. 1
ئەخمەق يورۇتۇلۇشقا قىزىقماس؛ قىزىقىدىغىنى پەقەت ئۆز ئويلىغانلىرىنى كۆرسىتىشلا، خالاس. 2
يامان كىشى كەلسە، نەپرەتمۇ پەيدا بولار؛ نومۇسسىز ئىش ئىزا-ئاھانەتتىن ئايرىلماس. 3
ئادەمنىڭ سۆزلىرى چوڭقۇر سۇلارغا ئوخشار؛ دانالىق بۇلىقى ئېرىق سۈيىدەك ئۆركەشلەپ ئاقار. 4
يامانغا يان بېسىشقا، سوراقتا ھەققانىيغا ئۇۋال قىلىشقا قەتئىي بولماس. 5
ئەخمەقنىڭ لەۋلىرى ئۇنى جېدەلگە باشلار؛ ئۇنىڭ ئاغزى «مېنى دۇمبالا» دەپ تەكلىپ قىلار. 6
ئەخمەقنىڭ ئاغزى ئۆز بېشىغا ھالاكەتتۇر؛ ئۇنىڭ لەۋلىرى ئۆز جېنىغا قاپقاندۇر. 7
غەيۋەتخورنىڭ سۆزلىرى ھەرخىل نازۇنېمەتلەردەك، كىشىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈلەر. 8
ئىشىدا ھۇرۇن بولغان كىشىمۇ، بۇزغۇنچى بىلەن ئۈلپەتداش بولىدۇ. 9
پەرۋەردىگارنىڭ نامى مەزمۇت مۇناردۇر؛ ھەققانىيلار ئۇنىڭ ئىچىگە يۈگۈرۈپ كىرىپ يۇقىرىدا ئامان بولار. 10
باي ئادەم مال-دۇنياسىنى «مۇستەھكەم شەھىرىم» دەپ بىلەر؛ نەزىرىدە ئۆزىنى ساقلايدىغان ئېگىز سېپىلدەك تۇرار. 11
بىتچىت بولۇشتىن ئاۋۋال، كۆڭۈلگە تەكەببۇرلۇق كېلەر؛ ئاۋۋال كەمتەرلىك بولسا، ئاندىن شۆھرەت كېلەر. 12
سۆزنى ئاڭلىماي تۇرۇپ، ئالدىراپ جاۋاب بەرگەن، ئەخمەقلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆزىنى خىجالەتتە قالدۇرۇر. 13
تەندىكى ئاغرىق ئازابىغا ئادەمنىڭ ئۆز روھى بەرداشلىق بەرگۈزەر؛ بىراق روھى سۇنغان بولسا ئۇنى كىم كۆتۈرەر؟ 14
يورۇتۇلغاننىڭ قەلبى بىلىمگە ئېرىشمەكتە، ئاقىلانىنىڭ قۇلاقلىرى بىلىمنى ئىزدىمەكتە. 15
سوۋغات ئۆز ئىگىسىگە ئىشىكنى داغدام ئېچىپ بېرەر؛ ئۇنى چوڭ ئەربابلار ئالدىغا يەتكۈزەر. 16
دەۋا قىلغاندا، ئاۋۋال سۆزلىگۈچىنىڭ سۆزلىرى ئورۇنلۇق كۆرۈنەر؛ لېكىن قارشى تەرەپ سوئال قويۇپ ئىشنى سۈرۈشتۈرەر. 17
چەك تاشلاش جېدەللەرنى تۈگىتەر؛ غوجىلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىشنىمۇ ھەل قىلار. 18
رەنجىگەن قېرىنداشنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش مۇستەھكەم شەھەرنى ئېلىشتىنمۇ تەس؛ جېدەل-ماجىرا قورغاننىڭ تاقاق-بالداقلىرىغا ئوخشاشتۇر. 19
ئادەم [دۇرۇس] سۆزلىگەنلىكىدىن قورسىقى توق بولار؛ ئۆز كۆڭلىدىن چىققان سۆزلىرىدىن مول ھوسۇل ئالار. 20
ھايات-مامات تىلنىڭ ئىلكىدىدۇر؛ كىمكى ئۇنىڭ تەسىرىنى ئەتىۋارلىسا ئۇنىڭ مېۋىسىدىن يەر. 21
خوتۇننى تاللاپ ئالغان كىشى ياخشىلىق تاپىدۇ، ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ مەرھىمىتىگە ئېرىشكەن بولىدۇ. 22
مىسكىنلەر پەس ئاۋازدا يېلىنىپ سۆزلەر؛ باي بولسا قوپاللىق بىلەن جاۋاب بېرەر. 23
دوستنى كۆپ تۇتقان كىشى خاراب بولار؛ لېكىن قېرىنداشتىنمۇ يېقىن باغلانغان بىر دوست باردۇر. 24

< پەند-نەسىھەتلەر 18 >