< پەند-نەسىھەتلەر 17 >

قۇربانلىق گۆشلىرىگە تولغان جېدەللىك ئۆيدىن، بىر چىشلەم قۇرۇق نان يەپ، كۆڭۈل تىنچلىقتا بولغان ئەۋزەل. 1
خىزمەتكار چېۋەر بولسا، خوجىسىنىڭ نومۇستا قويغۇچى ئوغلىنى باشقۇرار؛ كەلگۈسىدە ئۇ خوجىنىڭ ئوغلى قاتارىدا تۇرۇپ ئۇنىڭ مىراسنى تەقسىم قىلار. 2
ساپال قازان كۈمۈشنى تاۋلار، چاناق ئالتۇننى تاۋلار، بىراق ئادەمنىڭ قەلبىنى پەرۋەردىگار سىنار. 3
قەبىھ كىشى يامان سۆزلەرگە ئىشىنەر؛ يالغانچى پىتنىچىلەرنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالار. 4
مىسكىنلەرنى مەسخىرە قىلغۇچى، ئۆزىنى ياراتقۇچىنى ھاقارەتلىگۈچىدۇر؛ باشقىلارنىڭ بەختسىزلىكىدىن خۇشال بولغان كىشى جازاسىز قالماس. 5
قېرىلارنىڭ نەۋرىلىرى ئۇلارنىڭ تاجىدۇر؛ پەرزەنتلەرنىڭ پەخرى ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىدۇر. 6
ئەخمەق يارىشىق گەپ قىلسا ئۇنىڭغا ياراشماس؛ مۆتىۋەر يالغان سۆزلىسە ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياراشماس. 7
پارا ــ ئۇنى بەرگۈچىنىڭ نەزىرىدە ئېسىل بىر گۆھەردۇر؛ گويا ئۇنى نەگىلا ئىشلەتسە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىدىغاندەك. 8
باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى يوپۇتۇپ كەچۈرگەن كىشى مېھىر-مۇھەببەتنى كۆزلەر؛ كونا خاماننى سورىغان كىشى يېقىن دوستلارنى دۈشمەن قىلار. 9
ئاقىلانىگە سىڭگەن بىر ئېغىز تەنبىھ، ئەخمەققە ئۇرۇلغان يۈز دەررىدىن ئۈنۈملۈكتۇر. 10
يامانلار پەقەت ئاسىيلىقنى كۆزلەر؛ ئۇنى جازالاشقا رەھىمسىز بىر ئەلچى ئەۋەتىلەر. 11
ئەخمىقانە ئىش قىلىۋاتقان نادان كىشىگە ئۇچراپ قالغاندىن كۆرە، بالىلىرىدىن ئايرىلغان ئېيىققا يولۇقۇپ قالغان ياخشى. 12
كىمكى ياخشىلىققا يامانلىق قىلسا، ئىشىكىدىن بالايىقازا نېرى كەتمەس. 13
جېدەلنىڭ باشلىنىشى توسمىنى سۇ ئېلىپ كەتكەنگە ئوخشايدۇ؛ شۇڭا جېدەل پارتلاشتىن ئاۋۋال تالاش-تارتىشتىن قول ئۈزگىن. 14
ياماننى ئاقلىغان، ھەققانىيغا قارا چاپلىغان، ئوخشاشلا پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر. 15
ئەخمەقنىڭ كۆڭلى دانالىقنى ئەتىۋارلىمىسا، قانداقمۇ ئۇنىڭ قولىدا دانالىقنى سېتىۋالغۇدەك پۇلى بولسۇن؟ 16
[ھەقىقىي] دوست ھەردائىم ساڭا مۇھەببەت كۆرسىتەر، [ھەقىقىي] قېرىنداش يامان كۈنۈڭ ئۈچۈن ياردەمگە دۇنياغا كەلگەندۇر. 17
ئەقىلسىز كىشى قول بېرىپ، يېقىنى ئۈچۈن كېپىل بولىدۇ. 18
جېدەلگە ئامراق گۇناھقا ئامراقتۇر؛ بوسۇغىنى ئېگىز قىلغان ھالاكەتنى ئىزدەر. 19
نىيىتى بۇزۇلغان ياخشىلىق كۆرمەس؛ تىلىدا ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلغۇچى بالاغا يولۇقار. 20
بالا ئەخمەق بولسا، ئاتا غەم-قايغۇغا پاتار؛ ھاماقەتنىڭ ئاتىسى خۇشاللىق كۆرمەس. 21
شاد كۆڭۈل شىپالىق دورىدەك تەنگە داۋادۇر؛ سۇنۇق روھ-دىل ئادەمنىڭ يىلىكىنى قۇرۇتار. 22
چىرىك ئادەم يەڭ ئىچىدە پارىنى قوبۇل قىلار؛ ئۇ ئادالەتنىڭ يولىنى بۇرمىلار. 23
دانالىق يورۇتۇلغان كىشىنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرار؛ بىراق ئەقىلسىزنىڭ كۆزى خىيالكەشلىك قىلىپ قۇتۇپتا يۈرەر. 24
گالۋاڭ بالا ئاتىنى ئازابغا سالار؛ ئۇنى تۇغقۇچىنىڭمۇ دەردى بولار. 25
ھەققانىيلارغا جەرىمانە قويۇشقا قەتئىي بولماس؛ ئەمىرلەرنى ئادالەتنى قوللىغىنى ئۈچۈن دۇمبالاشقا بولماس. 26
بىلىمى بار كىشى كەم سۆزلۈك بولار؛ يورۇتۇلغان ئادەم قالتىس ئېغىر-بېسىق بولار. 27
ھەتتا ئەخمەقمۇ ئاز سۆزلىسە دانا ھېسابلىنار؛ تىلىنى تىزگىنلىگەن كىشى دانىشمەن سانىلار. 28

< پەند-نەسىھەتلەر 17 >