< پەند-نەسىھەتلەر 13 >

دانا ئوغۇل ئاتىسىنىڭ تەربىيىسىگە كۆڭۈل قويار؛ مەسخىرە قىلغۇچى تەنبىھكە قۇلاق سالماس. 1
ئادەم دۇرۇس ئېغىزىنىڭ مېۋىسىدىن ھۇزۇرلىنار؛ تۇزكورلار زوراۋانلىققا ھەۋەس قىلىپ زوراۋانلىققا ئۇچرار. 2
سۆزدە ئېھتىياتچان كىشى جېنىنى ساقلاپ قالار؛ ئاغزى ئىتتىك ھالاكەتكە ئۇچرار. 3
ھۇرۇننىڭ ئارزۇ-تىلىكى بار، لېكىن ئېرىشەلمەس؛ لېكىن تىرىشچان ئەتلىنەر. 4
ھەققانىي ئادەم يالغانچىلىقتىن يىرگىنەر؛ قەبىھ بولسا سېسىپ، شەرمەندە بولار. 5
يولى دۇرۇسنى ھەققانىيەت قوغدار؛ لېكىن گۇناھكارنى رەزىللىك يىقىتار. 6
بەزىلەر ئۆزىنى باي كۆرسەتكىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە قۇرۇق سۆلەتتۇر؛ بەزىلەر ئۆزىنى يوقسۇل كۆرسەتكىنى بىلەن زور بايلىقلىرى باردۇر. 7
ئۆز بايلىقى گۆرۈگە تۇتۇلغان باينىڭ جېنىغا ئارا تۇرار؛ بىراق يوقسۇللار ھېچ ۋەھىمىنى ئاڭلىماس. 8
ھەققانىي ئادەمنىڭ نۇرى شادلىنىپ پارلار؛ بىراق يامان ئادەمنىڭ چىرىغى ئۆچۈرۈلەر. 9
كىبىرلىكتىن پەقەت جېدەل-ماجىرالا چىقار؛ دانالىق بولسا نەسىھەتنى ئاڭلىغانلار بىلەن بىللىدۇر. 10
ئىشلىمەي تاپقان ھارام بايلىق بەرىكەتسىزدۇر؛ تەر تۆكۈپ ھالال تاپقان گۈللىنەر. 11
تەلمۈرگىنىگە كۈتۈپ ئېرىشەلمەسلىك كۆڭۈلنى سۇنۇق قىلار، لېكىن تەشنالىقتا ئېرىشكىنى «ھاياتلىق دەرىخى»دۇر. 12
[خۇدانىڭ] كالام-سۆزىگە پىسەنت قىلمىغان ئادەم گۇناھنىڭ تۆلىمىگە قەرزدار بولار؛ لېكىن پەرماننى قەدىرلىگەن ئادەم ياخشىلىق كۆرەر. 13
ئاقىلانىنىڭ تەلىمى ھاياتلىق بەرگۈچى بۇلاقتۇر، ئۇ سېنى ئۆلۈم تۇزاقلىرىدىن قۇتۇلدۇرار. 14
ئاقىلانىلىك ئادەمنى ئىلتىپاتقا ئېرىشتۈرەر؛ بىراق تۇزكورلارنىڭ يولى ئەگرى-بۈگرى، جاپالىق بولار. 15
پەم-پاراسەتلىك ئادەم بىلىمى بىلەن ئىش كۆرەر؛ ھاماقەت ئۆز نادانلىقىنى ئاشكارىلار. 16
رەزىل ئالاقىچى بالا-قازاغا ئۇچرار؛ سادىق ئەلچى بولسا دەردكە دەرماندۇر. 17
تەربىيەنى رەت قىلغان ئادەم نامراتلىشىپ ئۇياتقا قالار؛ ئەمما تەنبىھنى قوبۇل قىلغان ھۆرمەتكە ئېرىشەر. 18
ئەمەلگە ئاشقان ئارزۇ كىشىگە شېرىن تۇيۇلار؛ لېكىن ئەخمەقلەر يامانلىقنى تاشلاشنى يامان كۆرەر. 19
ئاقىلانىلەر بىلەن بىللە يۈرگەن دانا بولار؛ بىراق ئەخمەقلەرگە ھەمراھ بولغان نالە-پەريادتا قالار. 20
بالايىقازا گۇناھكارلارنىڭ كەينىدىن بېسىپ ماڭار؛ لېكىن ھەققانىيلار ياخشىلىقنىڭ ئەجرىنى تاپار. 21
ياخشى ئادەم پەرزەنتلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىگە مىراس قالدۇرار؛ گۇناھكارلارنىڭ يىغقان مال-دۇنيالىرى ھەققانىيلار ئۈچۈن توپلىنار. 22
يوقسۇلنىڭ تاشلاندۇق يېرى مول ھوسۇل بېرەر، لېكىن ئادالەتسىزلىكتىن ئۇ ۋەيران بولار. 23
تاياقنى ئايىغان كىشى ئوغلىنى ياخشى كۆرمەس؛ بالىنى سۆيگەن كىشى ئۇنى ئەستايىدىل تەربىيىلەپ جازالار. 24
ھەققانىي ئادەم كۆڭلى قانائەت تاپقۇچە ئوزۇق يەر؛ ياماننىڭ قورسىقى ئاچ قالار. 25

< پەند-نەسىھەتلەر 13 >