< پەند-نەسىھەتلەر 11 >

يالغان تارازا پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ ئادىل جىڭ تېشى ئۇنى خۇرسەن قىلار. 1
تەكەببۇرلۇق بىلەن بىرگە شەرمەندىچىلىك ئەگىشىپ كېلەر؛ لېكىن دانالىق كىچىك پېئىللارغا ھەمراھ بولار. 2
توغرىلارنىڭ سەمىمىيلىكى ئۆزىنى يېتەكلەر؛ لېكىن كاززاپلارنىڭ ئەگرىلىكى ئۆزىنى ۋەيران قىلار. 3
خۇدانىڭ غەزەپ كۈنىدە مال-دۇنيانىڭ پايدىسى بولماس؛ لېكىن ھەققانىيەت ئادەمنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزار. 4
كامىل ئادەمنىڭ ھەققانىيلىقى ئۆزىنى تۈز يولغا باشلار؛ يامان ئادەم ئۆز يامانلىقىدىن يىقىلار. 5
دۇرۇس ئادەملەرنىڭ ھەققانىيلىقى ئۆزلىرىنى قۇتقۇزار؛ لېكىن كاززاپلار ئۆز ھىيلە-نەيرىڭىدىن تۇتۇلار. 6
رەزىل ئادەم ئۆلسە، ئۇنىڭ ئۈمىدى يوققا چىقار؛ گۇناھكارنىڭ ئۈمىدى ئاخىرى قۇرۇق قالار. 7
ھەققانىي ئادەم قىيىنچىلىقتىن خالىي قىلىنار؛ رەزىل ئادەم ئۇنىڭ ئورنىغا تۇتۇلار. 8
مۇناپىقلار ئۆز ئاغزى بىلەن يېقىنىنى بۇزار؛ لېكىن ھەققانىيلار بىلىمى بىلەن قۇتقۇزۇلار. 9
ھەققانىي ئادەم روناق تاپسا، شەھەر خۇش بولار؛ رەزىل ئادەم ھالاك بولسا، خەلق تەنتەنە قىلار. 10
توغرىلارنىڭ بەرىكەت تىلەشلىرى بىلەن شەھەر گۈللىنەر؛ لېكىن رەزىللەرنىڭ تىلى بىلەن ۋەيران بولار. 11
ئۆز يېقىنىنى سۆكىدىغان كىشى ــ ئەقىلسىزدۇر؛ ئەمما يورۇتۇلغان ئادەم ئاغزىنى يىغار. 12
گەپ توشۇغۇچى مەخپىيەتلەرنى ئاشكارىلار؛ سادىق ئادەم ئامانەتكە خىيانەت قىلماس. 13
يوليورۇق كەم بولسا، ئەل-يۇرت يىقىلار؛ ئۇلۇغ بىر مەسلىھەتچى بولسا، ئەل نىجات تاپار. 14
ياتقا بورۇن بولغان كىشى زىيان تارتماي قالماس؛ قول بېرىشىپ كېپىل بولۇشنى يامان كۆرگەن كىشىنىڭ قۇلىقى تىنچ بولار. 15
شاپائەتلىك ئايال ئىززەت-ھۆرمەتنى قولدىن بەرمەس؛ زوراۋانلار بايلىقنى قولدىن بەرمەس. 16
رەھىمدىل ئۆز-ئۆزىگە بەخت يارىتار؛ رەھىمسىز ئۆز تېنىنى ئاغرىتار. 17
يامان ئادەملەرنىڭ ئالغان ئىش ھەققى ئۇلارنى ئالدار، بەرىكەتسىز بولار؛ ئەمما ھەققانىيەت تېرىغۇچى ئادەم ئەمەلىي ئىنئام ئالار. 18
ھەققانىيەت ئادەمگە ھاياتلىق تاپقۇزار؛ يامانلىقنى كۆزلەپ يۈرىدىغان كىشى ئۆلۈمگە يۈز تۇتار. 19
نىيىتى بۇزۇق كىشى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ ئەمما يولى دىيانەتلىك كىشىلەر ئۇنىڭ خۇرسەنلىكىدۇر. 20
قول تۇتۇشۇپ بىرلەشسىمۇ، يامانلار جازاغا تارتىلماي قالماس؛ لېكىن ھەققانىيلارنىڭ نەسلى نىجات تاپار. 21
چىرايلىق ئەمما تېتىقسىز خوتۇن، چوشقىنىڭ تۇمشۇقىغا ئالتۇن ھالقا سالغاندەكتۇر. 22
ھەققانىيلارنىڭ ئارزۇسى پەقەت ياخشى مېۋە ئېلىپ كېلەر؛ يامانلارنىڭ كۈتكىنى غەزەپ-نەپرەتتۇر. 23
بىراۋ مەردلەرچە تارقاتسىمۇ، گۈللىنەر؛ يەنە بىراۋ بېرىشكە تېگىشلىكىنى ئايىسىمۇ، پەقەت نامراتلىشار. 24
مەرد ئادەم ئەتلىنەر؛ باشقىلارنى سۇغارغۇچى ئۆزىمۇ سۇغىرىلار. 25
ئاشلىقنى ساتماي بېسىۋالغان كىشى ئەلنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ؛ لېكىن ئاشلىقنى سېتىپ بەرگۈچىگە بەرىكەت تىلىنەر. 26
ياخشىلىقنى ئىزدەپ ئىنتىلگەن ئادەم شاپائەت تاپار؛ يامانلىقنى ئىزدىگەن ئادەم ئۆزى يامانلىق كۆرەر. 27
ئۆز مال-دۇنىياسىغا تايانغۇچى يىقىلار؛ ھەققانىي كىشى يوپۇرماقتەك كۆكىرەر. 28
ئۆز ئۆيىگە ئازارچىلىق سالغان كىشى شامالغا مىراس بولار؛ ئەقىلسىز ئادەم ئاقىلانىنىڭ قۇلى بولۇپ قالار. 29
ھەققانىينىڭ بېرىدىغان مېۋىسى «ھاياتلىق دەرىخى»دۇر؛ دانا كىشى كۆڭۈللەرنى [ھاياتلىققا] مايىل قىلار. 30
قاراڭلار، ھەققانىي ئادەم بۇ دۇنيادا [سەۋەنلىكى ئۈچۈن] بەدەل تۆلىگەن يەردە، رەزىللەر بىلەن گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولار؟ 31

< پەند-نەسىھەتلەر 11 >