< فىلېمونغا 1 >

مەسىھ ئەيسانىڭ مەھبۇسى مەنكى پاۋلۇس ۋە قېرىندىشىمىز تىموتىيدىن سۆيۈملۈكىمىز ۋە خىزمەتدىشىمىز فىلېمونغا 1
ۋە سىڭلىمىز ئافىياغا، سەپدىشىمىز ئاركىپپۇسقا ۋە ئۆيۈڭدە يىغىلىدىغان جامائەتكە سالام! 2
خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھدىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك بولغاي! 3
رەببىمىز ئەيساغا ۋە بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭ ۋە ئىشەنچ-ئېتىقادىڭنى ئاڭلاپ، مەن دۇئالىرىمدا ھەمىشە سېنى ياد ئېتىپ تۇرۇۋاتىمەن، سەن ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ 4
5
بىزگە نېسىپ بولغان، مەسىھنى ئۇلۇغلايدىغان بارلىق ياخشى ئىلتىپاتنى تولۇق تونۇپ يېتىشىڭ بىلەن، سېنىڭ ئېتىقادنىڭ ئەمەللىرىدە مەردلەرچە ئورتاقلىشىشىڭ كۈچەيتىلسۇن دەپ دۇئا قىلىمەن. 6
چۈنكى سېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىڭ ماڭا زور خۇشاللىق ۋە رىغبەت ئېلىپ كەلدى؛ چۈنكى ئى قېرىندىشىم، مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ ئىچ-باغىرلىرى سېنىڭ ئارقىلىق كۆپ سۆيۈندۈرۈلدى. 7
شۇڭا، گەرچە سېنى لايىق ئىشنى قىلىشقا بۇيرۇشقا مەسىھدە جۈرئەتلىك بولالىساممۇ، 8
لېكىن يەنىلا مۇھەببەتنىڭ تۈرتكىسى بىلەن مەنكى قېرى پاۋلۇس ھەمدە ھازىرمۇ ئەيسا مەسىھنىڭ مەھبۇسى بولۇش سۈپىتىدە ساڭا ئىلتىماس قىلىپ ئۆتۈنۈشنى لايىق كۆردۇم ــ 9
كىشەنلەردە تۇرۇپ تۇغقان بالام، يەنى ئونېسىمۇس توغرۇلۇق ئىلتىماسىم بار. 10
ئۇ بۇرۇن ساڭا پايدىسىز بولغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىر ساڭىمۇ، ماڭىمۇ پايدىلىقتۇر. 11
مەن ھازىر ئۇنى ــ جانجىگىرىمنى سېنىڭ يېنىڭغا قايتۇرۇپ ئەۋەتىمەن. 12
خۇش خەۋەرنى دەپ كىشەنلەردە تۇرغىنىمدا ئۇنى سېنىڭ ئورنۇڭدا مېنىڭ خىزمىتىمدە بولۇشقا يېنىمدا قالدۇرۇپ قالغۇم بار ئىدى؛ 13
بىراق سېنىڭ رازىلىقىڭنى ئالماي ھېچنېمىنى قىلغۇم يوق؛ شۇنداق قىلغاندا سېنىڭ ماڭا قىلغان ياخشىلىقىڭ مەجبۇرىي ئەمەس، بەلكى رازىمەنلىك بىلەن بولىدۇ. 14
چۈنكى سېنىڭ ئونېسىمۇستىن ۋاقىتلىق مەھرۇم بولغىنىڭنىڭ سەۋەبى، بەلكىم دەل سېنىڭ ئۇنىڭغا ئەبەدىلئەبەدگىچە نېسىۋە بولۇشۇڭ ئۈچۈن ئىدى. (aiōnios g166) 15
مېنىڭ شۇنداق دېگىنىم، ئۇنىڭغا قۇل قاتارىدا ئەمەس، بەلكى قۇلدىن كۆپ ئۈستۈن ــ ماڭا نەقەدەر سۆيۈملۈك، شۇنداقلا ساڭا تېخىمۇ شۇنداق بولىدىغان (ئىنسانىي مۇناسىۋەتلەر بىلەن ھەم رەبدە بولغان مۇناسىۋەت بىلەن)، سۆيۈملۈك قېرىنداش قاتارىدا ئىگە بولىسەن؛ 16
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر سەن مېنى ھەمداش قاتارىدا كۆرسەڭ، ئۇنى مېنى قوبۇل قىلغاندەك قوبۇل قىلغىن. 17
ئەگەر بۇرۇن ئۇ ساڭا بىرەر يولسىزلىق قىلغان بولسا ياكى ساڭا قەرزدار بولغان بولسا، بۇنى مېنىڭ ھېسابىمغا يازغىن. 18
مانا مەنكى پاۋلۇس بۇ سۆزلەرنى ئۆز قولۇم بىلەن يېزىۋاتىمەن: قەرزى بولسا ئۆزۈم قايتۇرىمەن؛ لېكىن مەن ساڭا ئۆزۈڭنىڭ جېنىڭ بىلەن ماڭا قەرزدار بولغىنىڭنى تىلغا ئالمايمەن. 19
شۇڭا، ئەي قېرىندىشىم، مەن رەبدە سەندىن مەنپەئەتكە ئېرىشمەكچىمەن؛ ئىچ-باغىرلىرىمنى مەسىھدە سۆيۈندۈرگىن. 20
ئىشەنچىم سۆزۈمنى ئاڭلايدىغانلىقىڭغا كامىل بولۇپ ۋە سورىغانلىرىمدىن ئارتۇق ئورۇنلايدىغانلىقىڭنى بىلىپ، ساڭا مۇشۇنداق يازدىم. 21
بۇلاردىن باشقا، ماڭا تۇرالغۇ جاي تەييارلاپ قويغىن. چۈنكى دۇئالىرىڭلار ئارقىلىق مېنىڭ سىلەرگە قايتۇرۇپ بېرىلىشىمنى ئۈمىد قىلىمەن. 22
ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلغانلىقى ئۈچۈن زىنداندىشىم بولغان ئەپافراس، 23
خىزمەتداشلىرىم ماركۇس، ئارىستارخۇس، دېماس ۋە لۇقالاردىن ساڭا سالام. 24
رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى روھىڭلارغا يار بولغاي! 25

< فىلېمونغا 1 >