< چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 9 >

مىسىر زېمىنىدىن چىققاندىن كېيىنكى ئىككىنچى يىلى بىرىنچى ئايدا، پەرۋەردىگار سىناي چۆلىدە مۇساغا بۇيرۇپ: — 1
ئىسرائ‍ىللار بېكىتىلگەن ۋاقىتتا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزسۇن؛ 2
يەنى مۇشۇ ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى گۇگۇمدا، بېكىتىلگەن ۋاقىتتا، بارلىق بەلگىلىمە ۋە قائىدە-تەرتىپ بويىچە ھېيتنى ئۆتكۈزۈڭلار، — دېدى. 3
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئىسرائ‍ىللارغا سۆز قىلىپ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشنى بۇيرۇدى. 4
ئۇلار بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى گۇگۇمدا، سىناي چۆلىدە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزدى؛ پەرۋەردىگار مۇساغا قانداق بۇيرۇغان بولسا، ئىسرائ‍ىللار شۇنداق قىلدى. 5
بىر نەچچەيلەن بىر ئۆلۈككە تېگىپ كېتىپ ناپاك بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار شۇ كۈنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزەلمىدى-دە، ئۇلار شۇ كۈنى مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ ئالدىغا كېلىپ مۇساغا: — 6
بىز ئۆلۈپ قالغان ئادەمگە تېگىپ كېتىپ ناپاك بولۇپ قالغان بولساقمۇ، لېكىن نېمىشقا ئىسرائ‍ىللارنىڭ قاتارىدا، بېكىتىلگەن ۋاقىتتا پەرۋەردىگارغا سۇنۇشقا كېرەك بولغىنىنى ئېلىپ كېلىشتىن رەت قىلىنىمىز؟ — دېيىشتى. 7
— توختاپ تۇرۇڭلار، مەن بېرىپ پەرۋەردىگار سىلەر توغراڭلاردا نېمە بۇيرۇيدىكىن، ئاڭلاپ باقاي، ــ دېدى مۇسا ئۇلارغا. 8
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — 9
سەن ئىسرائ‍ىللارغا مۇنداق دېگىن: «سىلەر ۋە سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلار ئىچىدە بەزىلەر ئۆلۈكلەرگە تېگىپ كېتىپ ناپاك بولۇپ قالغان بولسا ياكى ئۇزاق سەپەر ئۈستىدە بولسا، ئۇلار يەنىلا پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشكە بولىدۇ. 10
ئۇنداق كىشىلەر ئىككىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى گۇگۇمدا ھېيتنى ئۆتكۈزسۇن؛ [ھېيت تائامىنى] پېتىر نان ۋە ئاچچىق كۆكتاتلار بىلەن بىللە يېسۇن؛ 11
ئۇلاردىن ئەتىگە ئازراقمۇ قالدۇرمىسۇن ۋە [قوزىسىنىڭ] ئۇستىخانلىرىدىن بىرەرسىنىمۇ سۇندۇرغۇچى بولمىسۇن؛ ئۇلار ھېيتنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ بارلىق بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئۆتكۈزسۇن. 12
ھالبۇكى، پاك بولغان، سەپەر ئۈستىدىمۇ بولمىغان ئەمما ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشكە ئېتىبار بەرمىگەن كىشى بولسا ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ چۈنكى بېكىتىلگەن ۋاقىتتا پەرۋەردىگارغا سۇنۇش كېرەك بولغىنىنى سۇنمىغانلىق ىۈچۈن، ئۇ ئۆز گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. 13
ئەگەر ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان يات ئەللىك بىر مۇساپىر پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشنى خالىسا، ئۇ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە ۋە قائىدە-تەرتىپ بويىچە ئۆتكۈزسۇن؛ يات ئەللىك مۇساپىرلار ئۈچۈن ۋە زېمىندا تۇغۇلغانلار ئۈچۈنمۇ ئاراڭلاردا شۇ بىرلا نىزام بولسۇن. 14
ئىبادەت چېدىرى تىكلەنگەن كۈنى، بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنى، يەنى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرىنى قاپلاپ تۇردى؛ كەچتىن تاكى ئەتىگەنگىچە، بۇلۇت خۇددى ئوتتەك ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە تۇردى. 15
دائىم شۇنداق بولاتتى؛ [كۈندۈزى] بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنى قاپلاپ تۇراتتى، كېچىسى ئۇ ئوتقا ئوخشايتتى. 16
قاچانىكى بۇلۇت جامائەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرۈلسە، ئىسرائ‍ىللار يولغا چىقاتتى؛ بۇلۇت قەيەردە توختىسا، ئىسرائ‍ىللار شۇ يەردە بارگاھ تىكەتتى. 17
ئىسرائ‍ىللار پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ماڭاتتى، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە بارگاھ تىكەتتى؛ بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە قانچە ئۇزاق توختىسا، ئۇلار بارگاھتا شۇنچە ئۇزاق تۇراتتى. 18
بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە خېلى كۈنلەرگىچە توختاپ تۇرسا، ئىسرائ‍ىللارمۇ پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسىتمىسىنى تۇتۇپ سەپەرگە چىقمايتتى؛ 19
مۇبادا بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە پەقەت بىرنەچچە كۈنلا توختىسا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە شۇ ۋاقىتتا بارگاھ قۇرۇپ ياتاتتى، ئاندىن يەنە پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە سەپەرگە ئاتلىناتتى. 20
ۋە مۇبادا بۇلۇت پەقەتلا كەچتىن ئەتىگەنگىچە توختاپ، ئەتتىگەندە بۇلۇت يەنە كۆتۈرۈلسە، ئۇلار يەنە يولغا چىقاتتى؛ مەيلى كۈندۈزى ياكى كېچىسى بۇلۇت كۆتۈرۈلسىلا، ئۇلار سەپەرگە چىقاتتى. 21
بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە ئۇزۇنراق تۇرسا، مەيلى ئىككى كۈن، بىر ئاي، بىر يىل تۇرسىمۇ، ئىسرائ‍ىللار يولغا چىقماي بارگاھتا تۇرۇۋېرەتتى؛ لېكىن بۇلۇت كۆتۈرۈلۈپ ماڭسىلا ئۇلار سەپىرىنى داۋاملاشتۇراتتى. 22
پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇلار بارگاھ قۇراتتى، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇلار سەپەرنى داۋاملاشتۇراتتى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن بەرگەن ئەمرى بويىچە، پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسىتمىسىنى تۇتاتتى. 23

< چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 9 >