< چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 8 >

پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: — 1
سەن ھارۇنغا: «سەن چىراغلار ياقىدىغان چاغدا يەتتە چىراغنىڭ ھەممىسى چىراغداننىڭ ئالدىنى يورۇتىدىغان بولسۇن» دەپ ئېيتىپ قوي، — دېدى. 2
ھارۇن شۇنداق قىلدى؛ ئۇ چىراغدان ئۈستىدىكى چىراغلارنىڭ ھەممىسىنى ياندۇرۇپ، خۇددى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئېيتقىنىدەك، چىراغ نۇرىنى چىراغداننىڭ ئالدىنى يورۇتىدىغان قىلىپ قويدى. 3
چىراغداننىڭ ياسىلىشى مۇنداق: ئۇ ئالتۇندىن بولقا بىلەن سوقۇپ ياسالغان، پۇتىدىن گۈللىرىگىچە بولقا بىلەن سوقۇپ چىقىرىلغان. پەرۋەردىگار مۇساغا كۆرسەتكەن نۇسخىدەك، ئۇ چىراغداننى شۇنداق ياساتتى. 4
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: — 5
سەن ئىسرائ‍ىللارنىڭ ئىچىدىن لاۋىيلارنى تاللاپ چىقىپ پاكلىغىن. 6
ئۇلارنى پاكلاش ئۈچۈن ئۇلارغا مۇنداق قىل: «كافارەت سۈيى»نى ئۇلارنىڭ بەدىنىگە چاچقىن؛ ئاندىن ئۇلار ئۆزلىرى پۈتۈن بەدىنىنى ئۇستۇرا بىلەن چۈشۈرسۇن، كىيىملىرىنى يۇيۇپ ئۆزىنى پاك قىلسۇن. 7
ئاندىن كېيىن ئۇلار بىر تورپاق بىلەن شۇنىڭغا قوشۇپ ئاشلىق ھەدىيەسىنى، يەنى زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇننى كەلتۈرسۇن؛ سەن گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن يەنە بىر تورپاقنى كەلتۈر. 8
سەن لاۋىيلارنى جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا كەلتۈر ۋە پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتىنى يىغىپ كەل؛ 9
لاۋىيلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا ھازىر قىلغىن؛ ئاندىن ئىسرائ‍ىللار كېلىپ قوللىرىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قويسۇن. 10
ھارۇن لاۋىيلارنى ئىسرائ‍ىللارنىڭ «پۇلاڭلاتما قۇربانلىق»ى سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى قىلسۇن دەپ، پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلسۇن. 11
لاۋىيلار قوللىرىنى ھېلىقى ئىككى تورپاقنىڭ بېشىغا قويسۇن؛ سەن بىرىنى گۇناھ قۇربانلىقى بولسۇن، بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولسۇن، لاۋىيلار ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرسۇن دەپ پەرۋەردىگارغا سۇنغىن. 12
سەن ئاندىن لاۋىيلارنى ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنى پۇلاڭلاتما قۇربانلىق سۈپىتىدە پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىل. 13
لاۋىيلار مېنىڭكى بولسۇن دەپ، سەن لاۋىيلارنى ئەنە شۇ تەرىقىدە ئىسرائ‍ىللاردىن ئايرىپ چىق. 14
ئاندىن لاۋىيلار كىرىپ جامائەت چېدىرىنىڭ ئىشلىرىنى قىلسا بولىدۇ؛ سەن ئۇلارنى پاكلاندۇر، ئۇلارنى پۇلاڭلاتما قۇربانلىق سۈپىتىدە ھەدىيە قىل. 15
چۈنكى ئۇلار ئىسرائ‍ىللار ئىچىدە پۈتۈنلەي ماڭا ئاتالغان؛ مېنىڭ ئۇلارنى مېنىڭكى بولسۇن دەپ تاللىشىم ئۇلارنى ئىسرائ‍ىللارنىڭ ئارىسىدا بالىياتقۇنىڭ تۇنجى مېۋىسى ئورنىدا قويغانلىقىمدۇر. 16
چۈنكى ئىسرائ‍ىللارنىڭ تۇنجىسى، مەيلى ئۇ ئىنسان ياكى ھايۋان بولسۇن، پۈتۈنلەي ماڭا تەۋەدۇر؛ مەن مىسىر زېمىنىدا بارلىق تۇنجىلارنى ئۆلتۈرگەن كۈنى ئۇلارنى ئۆزۈمگە مۇقەددەس قىلىپ ئېلىۋالغانىدىم. 17
مېنىڭ لاۋىيلارنى ئۇ يول بىلەن تاللىشىم ئۇلارنى ئىسرائ‍ىللارنىڭ ئىچىدىكى تۇنجىلىرىنىڭ ئورنىدا قويۇشۇم ئۈچۈندۇر. 18
ۋە جامائەت چېدىرىدا ئىسرائ‍ىللارنىڭ خىزمىتىدە بولسۇن ۋە ئىسرائ‍ىللارنىڭ [گۇناھىنى تىلەپ] كافارەت كەلتۈرسۇن، شۇنىڭدەك ئىسرائ‍ىللار مۇقەددەس جايغا يېقىنلاشقاندا ئۇلار ئارىسىدا بالا-قازا چىقمىسۇن دەپ، مەن ئىسرائ‍ىللار ئىچىدىن لاۋىيلارنى ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەردىم. 19
مۇسا، ھارۇن ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى لاۋىيلارنى شۇنداق قىلدى؛ پەرۋەردىگارنىڭ لاۋىيلار توغرۇلۇق مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك ئىسرائ‍ىللار ھەممىسىنى بەجا كەلتۈردى. 20
لاۋىيلار شۇنداق قىلىپ ئۆزلىرىنى [گۇناھتىن] پاكلاپ، كىيىم-كېچەكلىرىنى يۇيۇپ پاكىزلىدى؛ ھارۇن ئۇلارنى پۇلاڭلاتما قۇربانلىق سۈپىتىدە پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلدى؛ ھارۇن يەنە ئۇلارنى پاكلاشقا [گۇناھىنى تىلەپ] كافارەت قىلدى. 21
ئاندىن كېيىن لاۋىيلار كىرىپ ھارۇننىڭ ئالدىدا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئالدىدا، جامائەت چېدىرى ئىچىدىكى ئىشلارنى قىلىشقا كىرىشتى؛ پەرۋەردىگار لاۋىيلار توغرۇلۇق مۇساغا قانداق بۇيرۇغان بولسا، ئىسرائ‍ىللار ئۇنى شۇ بويىچە بەجا كەلتۈردى. 22
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — 23
لاۋىيلارنىڭ ۋەزىپىسى مۇنداق بولسۇن: — يىگىرمە بەش ياشتىن يۇقىرىلىرى كىرىپ جامائەت چېدىرى ئىچىدىكى ئىشلارنى قىلىشقا سەپكە كىرسۇن؛ 24
ئەللىك ياشقا يەتكەندىن كېيىن سەپتىن چېكىنىپ شۇ خىزمەتنى قىلمىسۇن؛ 25
لېكىن ئۇلار جامائەت چېدىرى ئىچىدە قېرىنداشلىرىغا ياردەملىشىپ، ئۇلارنىڭ ھاجەتلىرىدىن چىقىشقا بولىدۇ، ئەمما چېدىردىكى رەسمىي ۋەزىپىدە بولمىسۇن. لاۋىيلارنىڭ ۋەزىپىلىرى ھەققىدە ئۇلارغا ئەنە شۇنداق قىل. 26

< چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 8 >