< چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 7 >

مۇسا ئىبادەت چېدىرىنى تىكلىگەن كۈنى، ئۇ چېدىرنى مەسىھ قىلىپ مايلاپ مۇقەددەس قىلدى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق ئەسۋاب-جابدۇقلار، قۇربانگاھ ۋە ئۇنىڭ بارلىق قاچا-قۇچا ئەسۋابلىرىنى مەسىھ قىلىپ مايلاپ مۇقەددەس قىلدى؛ شۈ كۈنى شۇنداق بولدىكى، ئىسرائىلنىڭ ئەمىرلىرى، يەنى ئۇلارنىڭ ئاتا جەمەتىنىڭ باشلىقلىرى بولغان، قەبىلە ئەمىرلىرى كېلىپ ھەدىيەلەرنى سۇندى؛ شۇ قەبىلىلەرنىڭ ئەمىرلىرى ساناقتىن ئۆتكۈزۈش ئىشىغا نازارەت قىلغۇچىلار ئىدى. 1
2
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەدىيەلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا ھازىر قىلىشتى، كەلتۈرۈلگەن بۇ ھەدىيەلەر جەمئىي بولۇپ ئالتە ھارۋا، ئون ئىككى ئۆكۈزدىن ئىبارەت ئىدى؛ ھەر ئىككى ئەمىر بىرلىشىپ بىردىن سايىۋەنلىك ھارۋا، ھەربىر ئەمىر بىردىن ئۆكۈز ئېلىپ كەلدى؛ ئۇلار بۇ ھەدىيەلەرنى چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئەكىلىشتى. 3
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: ــ 4
جامائەت چېدىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن سەن بۇ نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىپ، لاۋىيلارنىڭ ھەربىرىنىڭ بېجىرىدىغان ئىشلىرى بويىچە ئۇلارنىڭ ئىشلىتىشىگەبەرگىن، — دېدى. 5
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ھارۋا بىلەن ئۆكۈزلەرنى قوبۇل قىلىپ لاۋىيلارغا تاپشۇرۇپ بەردى. 6
ئۇ گەرشون ئەۋلادلىرىنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرىغا ئاساسەن، ئۇلارغا ئىككى ھارۋا بىلەن تۆت ئۆكۈز بەردى. 7
مەرارى ئەۋلادلىرىنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرىغا ئاساسەن، ئۇلارغا تۆت ھارۋا بىلەن سەككىز ئۆكۈز بەردى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى كاھىن ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارغا قارايتتى؛ 8
لېكىن ئۇ كوھاتنىڭ ئەۋلادلىرىغاھېچنېمە بەرمىدى؛ چۈنكى ئۇلار مۇقەددەس نەرسىلەرنى كۆتۈرۈشكە مەسئۇل ئىدى؛ دېمەك، ئۇلار مەسئۇل بولغان نەرسىلەرنى ئۆز مۈرىسىدە كۆتۈرەتتى. 9
قۇربانگاھ مايلىنىپ مەسىھلەنگەن كۈنى، ئۇنى خۇداغا بېغىشلاش يولىدا ئەمىرلەر سۇنىدىغان ھەدىيەلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، قۇربانگاھ ئالدىغا قويۇشتى. 10
پەرۋەردىگار مۇساغا: — ئۇلار قۇربانگاھنى بېغىشلاش يولىدا ھەدىيەلىرىنى سۇنسۇن؛ ھەربىر ئەمىر ئۆز كۈنىدە سۇنسۇن، — دېدى. 11
بىرىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناھشون بولدى. 12
ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيە بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛ 13
ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛ 14
كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛ 15
گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛ 16
ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناھشون سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى. 17
ئىككىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى ئىسساكارنىڭ ئەمىرى زۇئارنىڭ ئوغلى نەتانەل بولدى. 18
ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيە بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛ 19
ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛ 20
كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛ 21
گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛ 22
ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار زۇئارنىڭ ئوغلى نەتانەل سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى. 23
ئۈچىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى زەبۇلۇن ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمىرى ھېلوننىڭ ئوغلى ئېلىئاب بولدى. 24
ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيە بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛ 25
ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛ 26
كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛ 27
گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛ 28
ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار ھېلوننىڭ ئوغلى ئېلىئاب سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى. 29
تۆتىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى رۇبەن ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمىرى شىدۆرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇر بولدى. 30
ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيە بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛ 31
ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛ 32
كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛ 33
گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛ 34
ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار شىدۆرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇر سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى. 35
بەشىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى شىمېئون ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمىرى زۇرى-شادداينىڭ ئوغلى شېلۇمىيەل بولدى. 36
ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيە بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛ 37
ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛ 38
كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛ 39
گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛ 40
ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار زۇرى-شادداينىڭ ئوغلى شېلۇمىيەل سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى. 41
ئالتىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى گاد ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمىرى دېئۇئەلنىڭ ئوغلى ئەلىئاساف بولدى. 42
ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيە بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛ 43
ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛ 44
كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛ 45
گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛ 46
ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار دېئۇئەلنىڭ ئوغلى ئەلىئاساف سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى. 47
يەتتىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى ئەفرائىم ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمىرى ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما بولدى. 48
ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيە بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛ 49
ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛ 50
كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛ 51
گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛ 52
ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى. 53
سەككىزىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى ماناسسەھ ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمىرى پىداھزۇرنىڭ ئوغلى گامالىيەل بولدى. 54
ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيە بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛ 55
ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛ 56
كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛ 57
گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛ 58
ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار پىداھزۇرنىڭ ئوغلى گامالىيەل سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى. 59
توققۇزىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى بېنيامىن ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمىرى گىدېئونىنىڭ ئوغلى ئابىدان بولدى. 60
ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيە بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛ 61
ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛ 62
كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛ 63
گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛ 64
ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار گىدېئونىنىڭ ئوغلى ئابىدان سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى. 65
ئونىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى دان ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمىرى ئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاھىئەزەر بولدى. 66
ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيە بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛ 67
ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛ 68
كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛ 69
گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛ 70
ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار ئئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاھىئەزەر سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى. 71
ئون بىرىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى ئاشىر ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمىرى ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىيەل بولدى. 72
ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيە بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛ 73
ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛ 74
كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛ 75
گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛ 76
ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىيەل سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى. 77
ئون ئىككىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى نافتالى ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمىرى ئېناننىڭ ئوغلى ئاھىرا بولدى. 78
ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيە بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛ 79
ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛ 80
كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛ 81
گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛ 82
ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار ئېناننىڭ ئوغلى ئاھىرا سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى. 83
قۇربانگاھ مايلىنىپ مەسىھلەنگەن كۈنىدە، ئىسرائىل ئەمىرلىرى قۇربانگاھقا سۇنغان ھەدىيەلەر: — جەمئىي ئون ئىككى كۈمۈش لېگەن، ئون ئىككى كۈمۈش داس، ئون ئىككى ئالتۇن پىيالە بولدى، 84
ھەربىر كۈمۈش لېگەننىڭ ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل، ھەربىر كۈمۈش داسنىڭ ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل ئىدى؛ مۇشۇ قاچا-قۇچىغا كەتكەن كۈمۈش مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەنگەندە، جەمئىي ئىككى مىڭ تۆت يۈز شەكەل چىقتى؛ 85
خۇشبۇي بىلەن تولدۇرۇلغان ئالتۇن پىيالە ئون ئىككى بولۇپ، مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەنگەندە، ھەربىر ئالتۇن پىيالىنىڭ ئېغىرلىقى ئون شەكەل چىقتى؛ بۇ ئالتۇن پىيالىلەرنىڭ ئالتۇنى جەمئىي بىر يۈز يىگىرمە شەكەل چىقتى؛ 86
كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ئۈچۈن بولغان ماللار: — جەمئىي ئون ئىككى تورپاق، ئون ئىككى قوچقار، ئون ئىككى بىر ياشلىق ئەركەك قوزا ئىدى، ھەربىرى تېگىشلىك ئاشلىق ھەدىيەلەر بىلەن بىللە سۇنۇلدى؛ ئون ئىككى تېكە گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن سۇنۇلدى؛ 87
ئىناقلىق قۇربانلىقلىرى ئۈچۈن سۇنۇلغىنى جەمئىي يىگىرمە تۆت بۇقا، ئاتمىش قوچقار، ئاتمىش تېكە، بىر ياشلىق ئاتمىش ئەركەك قوزا ئىدى. قۇربانگاھ مايلىنىپ مەسىھلىنىپ، ئۇنى خۇداغا بېغىشلاش يولىدا سۇنۇلغان ھەدىيەلەر مانا مۇشۇلار. 88
مۇسا [پەرۋەردىگار] بىلەن سۆزلەشكىلى جامائەت چېدىرىغا كىرگەن چېغىدا، ئۇ «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقى»نىڭ ئۈستىدىكى «كافارەت تەختى»نىڭىككى تەرىپىدىكى كېرۇبنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۇنىڭ ئۆزىگە گەپ قىلغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇردى؛ پەرۋەردىگار شۇ يولدا ئۇنىڭغا سۆز قىلاتتى. 89

< چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 7 >