< چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 4 >

ئاندىن پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — 1
سەن لاۋىيلار ئىچىدىن ئاتا جەمەتى بويىچە كوھات ئەۋلادلىرىنىڭ ئومۇمىي سانىنى تىزىملىغىن، 2
ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغان، جامائەت چېدىرىدا ئىش-خىزمەت قىلىشقا كېلەلەيدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى تىزىملاپ چىق. 3
كوھات ئەۋلادلىرىنىڭ جامائەت چېدىرى ئىچىدىكى ۋەزىپىسى ئەڭ مۇقەددەس بۇيۇملارنى باشقۇرۇش بولىدۇ. 4
بارگاھكۆچۈرۈلىدىغان چاغدا، ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى كىرىپ «[ئەڭ مۇقەددەس جاي]»دىكى «ئايرىما پەردە-يوپۇق»نى چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنى يۆگىسۇن؛ 5
ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىنى دېلفىننىڭ تېرىسىدىن ئېتىلگەن يوپۇق بىلەن ئوراپ، ئۈستىگە كۆك بىر رەختنى يېپىپ، ئاندىن كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى ئۆتكۈزسۇن. 6
تەقدىم نان [تىزىلغان] شىرەگە كۆك بىر رەخت سېلىنىپ، ئۈستىگە لېگەن، تەخسە، پىيالە ۋە شاراب ھەدىيەلىرىنى چاچىدىغان قەدەھلەر تىزىپ قويۇلسۇن؛ شىرەدىمۇ «دائىمىي نان» تىزىلىپ تۇرىۋەرسۇن؛ 7
بۇ نەرسىلەرنىڭ ئۈستى قىزىل رەخت بىلەن، ئۇنىڭ ئۈستى يەنە دېلفىن تېرىسىدە ئېتىلگەن بىر يوپۇق بىلەن يېپىلىپ، ئاندىن كۆتىرىدىغان بالداقلار ئۆتكۈزۈپ قويۇلسۇن. 8
ئۇلار كۆك رەخت ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن چىراغدان بىلەن ئۈستىدىكى چىراغلارنى، پىلىك قىسقۇچلارنى، كۈلدانلارنى ۋە چىراغدانغا ئىشلىتىدىغان، بارلىق ماي قاچىلايدىغان قاچىلارنى يېپىپ قويسۇن. 9
ئۇلار يەنە چىراغدان بىلەن چىراغدانغا ئىشلىتىدىغان ھەممە قاچا-قۇچا ئەسۋابلارنى دېلفىن تېرىسىدىن ئېتىلگەن يوپۇق بىلەن يۆگەپ، ئاندىن ئەپكەشكە سېلىپ قويسۇن. 10
ئالتۇن خۇشبۇيگاھقا كۆك بىر رەخت سېلىپ، يەنە دېلفىن تېرىسىدە ئېتىلگەن يوپۇق بىلەن يېپىپ، ئاندىن كۆتۈرگۈچكە قوش بالداقلارنى ئۆتكۈزۈپ قويسۇن. 11
مۇقەددەس جاينىڭ ئىچىدە ئىشلىتىدىغان بارلىق قاچا-قۇچىلارنى كۆك بىر رەخت بىلەن يۆگەپ، ئاندىن ئۈستىگە دېلفىن تېرىسىدە ئېتىلگەن يوپۇقنى يېپىپ، ئاندىن بىر ئەپكەشكە سېلىپ قويسۇن. 12
ئۇلار قۇربانگاھنى كۈلىدىن تازىلاپ، ئۈستىگە سۆسۈن رەڭلىك بىر رەختنى يېيىپ قويسۇن. 13
ئاندىن يەنە قۇربانگاھتا ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋابلار —كۈلدان، ئىلمەك، بەلگۈرجەك، چىنىلەر، شۇنداقلا بارلىق ئەسۋابلارنى قۇربانگاھ ئۈستىگە تىزىپ، ئاندىن دېلفىن تېرىسىدە ئېتىلگەن بىر يوپۇق بىلەن يېپىپ، ئاندىن كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى ئۆتكۈزۈپ قويسۇن. 14
پۈتۈن بارگاھتىكىلەر يولغا چىقىدىغان چاغدا، ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مۇقەددەس جاي ۋە مۇقەددەس جايدىكى بارلىق قاچا-قۇچا ئەسۋابلارنى يېپىپ بولغاندىن كېيىن، كوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى كېلىپ كۆتۈرسۇن؛ لېكىن ئۆلۈپ كەتمەسلىك ئۈچۈن مۇقەددەس بۇيۇملارغا قول تەگكۈزمىسۇن. جامائەت چېدىرى ئىچىدىكى نەرسىلەردىن شۇلارنى كوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى كۆتۈرۈشى كېرەك. 15
ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازارنىڭ ۋەزىپىسى چىراغ مېيى، خۇشبۇي ئەتىر، دائىمىي تەقدىم قىلىنىدىغان ئاشلىق ھەدىيە بىلەن مەسىھلەش مېيىغا قاراش، شۇنداقلا پۈتكۈل ئىبادەت چېدىرى بىلەن ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەر، مۇقەددەس جاي ھەم مۇقەددەس جايدىكى قاچا-قۇچا ئەسۋابلارغا قاراشتىن ئىبارەت. 16
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — 17
سىلەر كوھات جەمەتىدىكىلەرنى لاۋىيلار ئارىسىدىن قەتئىي يوقىتىپ قويماڭلار؛ 18
بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆلمەي، ھايات قېلىشى ئۈچۈن ئۇلار «ئەڭ مۇقەددەس» بۇيۇملارغا يېقىنلاشقان چاغدا، ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى كىرىپ ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە قىلىدىغان ۋە كۆتۈرىدىغان ئىشلارنى كۆرسىتىپ قويسۇن؛ 19
ئۇلار پەقەت مۇقەددەس جايغا كىرگەندە مۇقەددەس بۇيۇملارغا بىر دەقىقىمۇ قارىمىسۇن، ئۇنداق قىلىپ قويسا ئۆلۈپ كېتىدۇ. 20
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — 21
گەرشون ئەۋلادلىرى ئىچىدە ئاتا جەمەتى ۋە ئائىلىلىرى بويىچە، ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغان، جامائەت چېدىرى ئىچىدە خىزمەت قىلىش سېپىگە كىرەلەيدىغان ھەممىسىنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈپ ئومۇمىي سانىنى ئال. 22
23
گەرشون ئائىلىلىرىنىڭ قىلىدىغان خىزمىتى ۋە ئۇلار كۆتۈرىدىغان نەرسىلەر تۆۋەندىكىچە: 24
— ئۇلار جامائەت چېدىرىنىڭ ئۆزىنى، يەنى ئاستىدىكى ئىچكى پەردىلىرى ۋە سىرتقى پەردىلىرىنى، ئۇنىڭ ياپقۇچىنى، شۇنداقلا ئۈستىگە ياپقان دېلفىن تېرىسىدە ئېتىلگەن يوپۇقنى ۋە جامائەت چېدىرىنىڭكىرىش ئىشىكىنىڭ پەردىسىنى، 25
ئىبادەت چېدىرى بىلەن قۇربانگاھنى چۆرىدەپ تارتىلغان ھويلىدىكى پەردىلەر بىلەن كىرىش دەرۋازىسىنىڭ پەردىسىنى، شۇلارغا خاس تانىلىرىنى ۋە ئىشلىتىدىغان بارلىق قاچا-قۇچا ئەسۋابلارنى كۆتۈرسۇن؛ بۇ ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەرگە مۇناسىۋەتلىك كېرەك بولغان ئىشلارنى قىلسۇن. 26
گەرشون ئەۋلادلىرىنىڭ پۈتۈن ۋەزىپىسى، يەنى ئۇلار كۆتۈرىدىغان ۋە بېجىرىدىغان بارلىق ئىشلار ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە بولسۇن؛ ئۇلارنىڭ نېمە كۆتۈرىدىغانلىقىنى سىلەر بەلگىلەپ بېرىڭلار. 27
گەرشون ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەتلىرىنىڭ جامائەت چېدىرىنىڭ ئىچىدە قىلىدىغان خىزمىتى شۇلار؛ ئۇلار كاھىن ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارنىڭ قول ئاستىدا تۇرۇپ ئىشلىسۇن. 28
مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرىنىمۇ، ئۇلارنى ئاتا جەمەتى، ئائىلىلىرى بويىچە، ساناقتىن ئۆتكۈز؛ 29
ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغان، جامائەت چېدىرى ئىچىدە خىزمەت قىلىش سېپىگە كىرەلەيدىغان ھەممىسىنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈپ ئومۇمىي سانىنى ئال. 30
ئۇلارنىڭ جامائەت چېدىرى ئىچىدىكى بارلىق خىزمىتى، يەنى كۆتۈرۈش ۋەزىپىسى مۇنداق: — ئۇلار جامائەت چېدىرىنىڭ تاختايلىرى، بالداقلىرى، خادىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەگلىكلىرى، 31
ھويلىنىڭ تۆت ئەتراپىدىكى خادىلار، ئۇلارنىڭ تەگلىكلىرى، قوزۇقلىرى، تانالىرى، بارلىق ئەسۋاب-ئۈسكۈنە ھەم شۇلارغا كېرەكلىك بولغان بارلىق نەرسىلەرنى كۆتۈرۈش بولسۇن؛ ئۇلار كۆتۈرىدىغان ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەرنى نامىنى ئاتاپ بىر-بىرلەپ ھەر ئادەمگە كۆرسىتىپ بېرىڭلار. 32
مەرارى جەمەت-ئائىلىلىرىنىڭ جامائەت چېدىرى ئىچىدە قىلىدىغان بارلىق ئىشلىرى ئەنە شۇلار؛ ئۇلار كاھىن ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارنىڭ قول ئاستىدا تۇرۇپ ئىشلىسۇن. 33
مۇسا بىلەن ھارۇن ۋە جامائەتنىڭ ئەمىرلىرى كوھاتنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغان، جامائەت چېدىرىدا خىزمەت قىلىش سېپىگە كىرەلەيدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئاتا جەمەتى، ئائىلىلىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزدى. 34
35
ئۇلاردىن جەمەتى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئىككى مىڭ يەتتە يۈز ئەللىك كىشى بولۇپ چىقتى. 36
مۇشۇلار كوھات جەمەتىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر بولۇپ، جامائەت چېدىرىدا ئىش قىلىدىغان ھەربىرى، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن قىلغان ئەمرى بويىچە مۇسا بىلەن ھارۇن ساناقتىن ئۆتكۈزگەنلەر ئىدى. 37
گەرشونلارنىڭ ئاتا جەمەتى، ئائىلىلىرى بويىچە، ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغان، جامائەت چېدىرىدا خىزمەت قىلىش سېپىگە كىرەلەيدىغان ھەممىسى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلدى؛ 38
39
ئاتا جەمەتى، ئائىلىلىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئىككى مىڭ ئالتە يۈز ئوتتۇز كىشى بولۇپ چىقتى. 40
مۇشۇلار گەرشون جەمەتىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر بولۇپ، جامائەت چېدىرىدا ئىش قىلىدىغان ھەربىرى، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن قىلغان ئەمرى بويىچە مۇسا بىلەن ھارۇن ساناقتىن ئۆتكۈزگەنلەر ئىدى. 41
مەرارىلارنىڭ ئاتا جەمەتى، ئائىلىلىرى بويىچە، ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغان، جامائەت چېدىرىدا خىزمەت قىلىش سېپىگە كىرەلەيدىغان ھەممىسى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلدى؛ 42
43
ئاتا جەمەتى، ئائىلىلىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئۈچ مىڭ ئىككى يۈز كىشى بولۇپ چىقتى. 44
مۇشۇلار مەرارى جەمەتىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر بولۇپ، جامائەت چېدىرىدا ئىش قىلىدىغان ھەربىرى، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن قىلغان ئەمرى بويىچە مۇسا بىلەن ھارۇن ساناقتىن ئۆتكۈزگەنلەر ئىدى. 45
ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن لاۋىيلار مانا شۇلار ئىدى؛ مۇسا بىلەن ھارۇن ھەم ئىسرائ‍ىللارنىڭ ئەمىرلىرى ئۇلاردىن ئاتا جەمەتى، ئائىلىلىرى بويىچە، ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغان، جامائەت چېدىرىدا خىزمەت قىلىش ۋە يۈك كۈتۈرۈش ۋەزىپىسىگە كىرەلەيدىغانلارنى ساناقتىن ئۆتكۈزگەن. 46
47
ئۇلارنىڭ سانى جەمئىي سەككىز مىڭ بەش يۈز سەكسەن ئادەم بولۇپ چىقتى. 48
پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، ئۇلار مۇسا تەرىپىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلدى؛ ھەركىم ئۆزى قىلىدىغان ئىشى ۋە كۆتۈرىدىغان يۈكىگە ئاساسەن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغىنىدەك بولدى. 49

< چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 4 >