< چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 36 >

يۈسۈپ ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەتلىرىدىن ماناسسەھنىڭ نەۋرىسى، ماكىرنىڭ ئوغلى گىلېئادنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەت باشلىقلىرى مۇسا ۋە ئىسرائ‍ىللارنىڭ كاتتىلىرى بولغان ئەمىرلەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ مۇنداق دېدى: — 1
«پەرۋەردىگار ئىلگىرى غوجامغا چەك تاشلاپ زېمىننى ئىسرائىل خەلقىگە مىراس قىلىپ تەقسىم قىلىپ بېرىشنى بۇيرۇغان؛ غوجاممۇ پەرۋەردىگارنىڭ قېرىندىشىمىز زەلوفىھادنىڭ مىراسىنى ئۇنىڭ قىزلىرىغا تەقسىم قىلىپ بېرىش توغرىسىدىكى بۇيرۇقىنىمۇ ئالغان. 2
لېكىن، ئۇلار ئىسرائ‍ىللارنىڭ باشقا قەبىلىسىدىكىلەرگە ياتلىق بولۇپ كەتسە، ئۇلارنىڭ مىراسىمۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ مىراسىدىن چىقىپ ئۇلارنىڭ ئەرلىرىنىڭ قەبىلىسىنىڭ مىراسىغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ؛ ئۇنداق بولغاندا بىز چەك تاشلاپ ئېرىشكەن مىراس تۈگەيدۇ. 3
ئىسرائ‍ىللارنىڭ «ئازادلىق يىلى» كەلگەندە ئۇلارنىڭ مىراسى ئۇلارنىڭ ئەرلىرىنىڭ قەبىلىسىنىڭ مىراسىغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ؛ بۇنداق بولغاندا ئۇلارنىڭ مىراسى بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ مىراسىدىن ئېلىپ كېتىلىدۇ». 4
مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بويىچە ئىسرائ‍ىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق ئەمر قىلىپ: — يۈسۈپ قەبىلىسىدىكىلەر توغرا ئېيتىدۇ. 5
زەلوفىھادنىڭ قىزلىرى توغرىسىدا پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى مۇنداق: «ئۇلار ئۆزلىرى خالىغان ئەرگە ياتلىق بولسا بولۇۋېرىدۇ، لېكىن ئۆز جەمەتى، ئۆز ئاتا قەبىلىسىدىن بولغان بىرىگە ياتلىق بولۇشى كېرەك. 6
شۇنداق بولغاندا ئىسرائ‍ىللارنىڭ مىراسى بىر قەبىلىدىن يەنە بىر قەبىلىگە يۆتكىلىپ كەتمەيدۇ؛ ئىسرائ‍ىللارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبىلىسىنىڭ مىراسىنى چىڭ تۇتۇپ قويۇپ بەرمەسلىكى كېرەك. 7
ئىسرائ‍ىللارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ مىراسىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىن مىراسقا ۋارىسلىق قىلغان ھەربىر قىز-ئايال ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبىلىسىدىن بولغان بىرسىگە ياتلىق بولۇشى كېرەك. 8
مۇشۇنداق بولغاندا، ئىسرائ‍ىللارنىڭ مىراسى بىر قەبىلىدىن يەنە بىر قەبىلىگە يۆتكىلىپ كەتمەيدۇ؛ چۈنكى ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئۆز مىراسىنى قولىدىن بەرمەسلىكى كېرەك، — دېدى. 9
پەرۋەردىگار مۇساغا قانداق ئەمر قىلغان بولسا، زەلوفىھادنىڭ قىزلىرىمۇ شۇنداق قىلدى. 10
زەلوفىھادنىڭ قىزلىرىدىن ماھلاھ، تىرزاھ، ھوگلاھ، مىلكاھ ۋە نوئاھلار ئۆز تاغىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىغا ياتلىق بولدى. 11
ئۇلار يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسەھنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەتىدىكىلەرگە ياتلىق بولدى؛ ئۇلارنىڭ مىراسى يەنىلا ئاتىسىنىڭ قەبىلىسى ئىچىدە قالدى. 12
بۇلار پەرۋەردىگار يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدا، ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدە مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئىسرائ‍ىللارغا بۇيرۇغان ئەمرلەر ۋە ھۆكۈملەردۇر. 13

< چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 36 >