< چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 34 >

پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — 1
سەن ئىسرائ‍ىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق بۇيرۇغىن: «سىلەر قانائان زېمىنىغا كىرگەن چاغدا، سىلەرگە مىراس بولۇشقا تەقسىم قىلىنىدىغان زېمىن قانائان زېمىنى بولىدۇ؛ زېمىننىڭ بېكىتىلگەن جاي-چېگرالىرى مۇنداق بولىدۇ: — 2
سىلەرنىڭ جەنۇب تەرىپىڭلەر زىن چۆلىدىن باشلاپ ئېدوم چېگرىسىغا تاقالسۇن؛ ئاندىن جەنۇب تەرەپتىكى چېگراڭلار «شور دېڭىزى»نىڭ جەنۇب تەرىپىنىڭ ئەڭ ئايىغىغا يەتسۇن؛ 3
شۇ يەردىن چېگراڭلار «سېرىق ئېشەك داۋىنى»نىڭ جەنۇب تەرىپىدىن بۇرۇلۇپ زىنغا ئۆتسۇن؛ ئۇنىڭ ئايىغى توپتوغرا قادەش-بارنېئانىڭ جەنۇبىدا بولىدۇ؛ ئاندىن ئۇ يەردىن يەنە ھازار-ئاددارغا بېرىپ، ئازمونغا تۇتىشىدۇ؛ 4
ئاندىن چېگرا ئازموندىن بۇرۇلۇپ مېڭىپ، مىسىر ئېقىنىغا بارىدۇ ۋە دېڭىزغىچە تۇتىشىدۇ. 5
كۈن پېتىش تەرەپتە چېگراڭلار «ئۇلۇغ دېڭىز»نىڭ ئۆزى بولىدۇ، يەنى ئۇنىڭ بويلىرى بولىدۇ؛ مانا بۇ سىلەرنىڭ كۈن پېتىش تەرەپتىكى چېگراڭلار بولىدۇ. 6
شىمال تەرەپتىكى چېگراڭلار مۇنداق بولىدۇ: — «ئۇلۇغ دېڭىز»دىن باشلاپ ھور تېغىغىچە پاسىل سىزىلسۇن؛ 7
پاسىل سىزىقى ھور تېغىدىن باشلاپ خامات ئېغىزىغا سوزۇلۇپ، ئاندىن چېگرا زەدادغا تۇتاشسۇن؛ 8
چېگرا يەنە زىفرونغا ئۆتۈپ ھازار-ئېناندا ئاخىرلاشسۇن؛ مانا بۇ سىلەرنىڭ شىمالىي چېگراڭلار بولىدۇ. 9
ئاندىن شەرقىي چېگرايىڭلارنىڭ پاسىل سىزىقى ھازار-ئېناندىن شېفامغىچە سىزىلسۇن. 10
بۇ چېگرا شېفامدىن ئايىننىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىكى رىبلاھقا چۈشىدۇ؛ ئاندىن چېگرا شۇ يەردىن چۈشۈپ كىننەرەت دېڭىزىنىڭ داۋىنىدىن ئۆتۈپ كۈن چىقىش تەرەپكە تۇتىشىدۇ. 11
ئاندىن چېگرا تۆۋەنلەپ ئىئوردان دەرياسىنى بويلاپ چۈشۈپ، شور دېڭىزىغىچە يەتسۇن. مانا بۇ چېگرالار بىلەن بېكىتىلگەن زېمىنىڭلار بولىدۇ». 12
مۇسا ئىسرائ‍ىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق دەپ بۇيرۇدى: — «مانا بۇ پەرۋەردىگار توققۇز قەبىلە ۋە يېرىم قەبىلىگە تەقدىم قىلىنسۇن دەپ بۇيرۇغان، چەك تاشلىنىش ئارقىلىق ئۆزۈڭلار ۋارىسلىق قىلىدىغان زېمىنىڭلار بولىدۇ؛ 13
چۈنكى رۇبەن قەبىلىسىدىكىلەر ئاتا جەمەتى بويىچە ۋە گاد قەبىلىسىدىكىلەر ئاتا جەمەتى بويىچە ئۆز مىراسىغا ئاللىقاچان ۋارىسلىق قىلىپ ئۇنى ئىگىلىگەن، ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىمۇ ئۆز مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىپ ئۇنى ئىگىلىگەن؛ 14
بۇ ئىككى قەبىلە ۋە يېرىم قەبىلە يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدا، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى كۈن چىقىش تەرەپتە ئۆز مىراسلىرىنى ئېلىپ بولغا». 15
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — 16
تۆۋەندىكىلەر زېمىننى سىلەرگە تەقسىم قىلىپ بەرگۈچىلەرنىڭ ئىسىملىكى: — كاھىن ئەلىئازار ۋە نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا. 17
سىلەرمۇ يەنە زېمىن تەقسىم قىلىشقا ياردەملىشىش ئۈچۈن ھەر قەبىلىدىن بىردىن ئەمىر تاللاپ بېرىڭلار. 18
بۇلارنىڭ ئىسمى مۇنداق: — يەھۇدا قەبىلىسىدىن يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەب. 19
شىمېئون قەبىلىسىدىكىلەردىن ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى شەمۇئەل. 20
بىنيامىن قەبىلىسىدىن كىسلوننىڭ ئوغلى ئەلىداد. 21
دان قەبىلىسىدىكىلەردىن يوگلىنىڭ ئوغلى، ئەمىر بۇككى ئىدى. 22
يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىدىن: — ماناسسەھ قەبىلىسىدىكىلەردىن ئەفودنىڭ ئوغلى ئەمىر ھاننىيەل 23
ھەم ئەفرائىم قەبىلىسىدىكىلەردىن شىفتاننىڭ ئوغلى ئەمىر كەمۇئەل. 24
زەبۇلۇن قەبىلىسىدىكىلەردىن پارناقنىڭ ئوغلى ئەمىر ئەلىزافان؛ 25
ئىسساكار قەبىلىسىدىكىلەردىن ئاززاننىڭ ئوغلى ئەمىر پالتىيەل؛ 26
ئاشىر قەبىلىسىدىكىلەردىن شېلومىنىڭ ئوغلى ئەمىر ئاخىھۇد؛ 27
نافتالى قەبىلىسىدىكىلەردىن ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەمىر پەداھەل ئىدى. 28
مانا بۇلار پەرۋەردىگار ئەمر قىلىپ ئىسرائ‍ىللارغا قانائان زېمىنىدىكى مىراسلىرىنى تەقسىم قىلىشقا بېكىتكەنلەر ئىدى. 29

< چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 34 >