< چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 33 >

تۆۋەندىكىلەر ئۆز قوشۇنلىرى بويىچە، مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا مىسىر زېمىنىدىن چىققان ئىسرائ‍ىللارنىڭ ماڭغان يوللىرىدۇر؛ 1
مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، ئۆزلىرىنىڭ سەپەر قىلغان يوللىرىنى پۈتۈپ قويدى، ئۇلارنىڭ سەپەر قىلغان يوللىرى مۇنداق: — 2
بىرىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنى [ئىسرائ‍ىللار] رامسەس شەھىرىدىن سەپەرگە چىقتى؛ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ئەتىسى ئۇلار بارلىق مىسىرلىقلارنىڭ كۆز ئالدىدا مەردانىلىك بىلەن يولغا چىقتى. 3
بۇ چاغدا مىسىرلىقلار ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى، يەنى بارلىق تۇنجى ئوغۇللىرىنى دەپنە قىلىۋاتقانىدى؛ پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنىڭ مەبۇدلىرىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چۈشۈردى. 4
ئىسرائ‍ىللار رامسەستىن يولغا چىقىپ سۇككوتقا بېرىپ چېدىر تىكتى. 5
ئۇلار سۇككوتتىن يولغا چىقىپ چۆل-باياۋاننىڭ ئايىغىدىكى ئېتامغا بېرىپ چېدىر تىكتى. 6
ئېتامدىن يولغا چىقىپ، ئايلىنىپ بائال-زېفوننىڭ ئۇدۇلىدىكى پى-خاخىروتقا بېرىپ مىگدولنىڭ ئالدىدا چېدىر تىكتى. 7
پى-خاخىروتتىن يولغا چىقىپ، دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ، ئېتام چۆلىدە ئۈچ كۈن يول يۈرۈپ ماراھدا چېدىر تىكتى. 8
ماراھدىن يولغا چىقىپ ئېلىمگە كەلدى؛ ئېلىمدە ئون ئىككى بۇلاق بىلەن يەتمىش خورما دەرىخى بار ئىدى؛ ئۇلار شۇ يەردە چېدىر تىكتى. 9
ئېلىمدىن يولغا چىقىپ قىزىل دېڭىز بويىدا چېدىر تىكتى. 10
قىزىل دېڭىزدىن يولغا چىقىپ سىن چۆلىدە چېدىر تىكتى. 11
سىن چۆلىدىن يولغا چىقىپ دوفقاھقا كېلىپ چېدىر تىكتى. 12
دوفقاھدىن يولغا چىقىپ ئالۇشقا بېرىپ چېدىر تىكتى. 13
ئاندىن كېيىن ئالۇشتىن يولغا چىقىپ رىفىدىمغا كېلىپ چېدىر تىكتى، ئۇ يەردە خەلققە ئىچىدىغان سۇ تېپىلماي قالدى. 14
رىفىدىمدىن يولغا چىقىپ، سىناي چۆلىگە بېرىپ چېدىر تىكتى. 15
سىناي چۆلىدىن يولغا چىقىپ قىبروت-ھاتتاۋاھقا كېلىپ چېدىر تىكتى. 16
قىبروت-ھاتتاۋاھدىن يولغا چىقىپ ھازىروتتا چېدىر تىكتى. 17
ھازىروتتىن يولغا چىقىپ رىتماھدا چېدىر تىكتى. 18
رىتماھدىن يولغا چىقىپ رىممون-پەرەزدە چېدىر تىكتى. 19
رىممون-پەرەزدىن يولغا چىقىپ لىبناھدا چېدىر تىكتى. 20
لىبناھدىن يولغا چىقىپ رىسساھدا چېدىر تىكتى. 21
رىسساھدىن يولغا چىقىپ كەھەلاتاھدا چېدىر تىكتى. 22
كەھەلاتاھدىن يولغا چىقىپ شافىر تېغىدا چېدىر تىكتى. 23
شافىر تېغىدىن يولغا چىقىپ ھاراداھتا چېدىر تىكتى. 24
ھاراداھدىن يولغا چىقىپ ماكھىلوتتا چېدىر تىكتى. 25
ماكھىلوتتىن يولغا چىقىپ تاھاتتا چېدىر تىكتى. 26
تاھاتتىن يولغا چىقىپ تەراھدا چېدىر تىكتى. 27
تەراھدىن يولغا چىقىپ مىتقاھدا چېدىر تىكتى. 28
مىتقاھدىن يولغا چىقىپ ھاشموناھتا چېدىر تىكتى. 29
ھاشموناھتىن يولغا چىقىپ موشەروتتا چېدىر تىكتى. 30
موشەروتتىن يولغا چىقىپ بەنە-يائاكاندا چېدىر تىكتى. 31
بەنە-يائاكاندىن يولغا چىقىپ خور-ھاگىدگادقا بېرىپ چېدىر تىكتى. 32
خور-ھاگىدگادتىن يولغا چىقىپ يوتباتاھقا كېلىپ چېدىر تىكتى. 33
يوتباتاھتىن يولغا چىقىپ ئابروناھقا كېلىپ چېدىر تىكتى. 34
ئابروناھتىن يولغا چىقىپ ئەزىئون-گەبەرگە كېلىپ چېدىر تىكتى. 35
ئەزىئون-گەبەردىن يولغا چىقىپ زىن چۆلىدە، يەنى قادەشتە چېدىر تىكتى. 36
قادەشتىن يولغا چىقىپ ئېدوم زېمىنىنىڭ چېگرىسىدىكى ھور تېغىدا چېدىر تىكتى. 37
ئىسرائ‍ىللار مىسىر زېمىنىدىن چىققاندىن كېيىنكى قىرىقىنچى يىلى بەشىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى، كاھىن ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ھور تېغىغا چىقىپ شۇ يەردە ئۆلدى. 38
ھارۇن ھور تېغىدا ئۆلگەن چېغىدا بىر يۈز يىگىرمە ئۈچ ياشتا ئىدى. 39
ئۇ چاغدا، قانائان زېمىنىنىڭ جەنۇبىدا تۇرۇشلۇق قانائانىيلارنىڭ پادىشاھى ئاراد ئىسرائ‍ىللار كېلىۋېتىپتۇ دەپ ئاڭلىغانىدى. 40
ئىسرائ‍ىللار ھور تېغىدىن يولغا چىقىپ زالموناھدا چېدىر تىكتى. 41
زالموناھدىن يولغا چىقىپ پۇنونغا كېلىپ چېدىر تىكتى. 42
پۇنوندىن يولغا چىقىپ ئوبوتقا كېلىپ چېدىر تىكتى. 43
ئوبوتتىن يولغا چىقىپ موئابنىڭ چېگرىسىدىكى ئىيە-ئابارىمغا كېلىپ چېدىر تىكتى. 44
ئىيىمدىن يولغا چىقىپ دىبون-گادقا كېلىپ چېدىر تىكتى. 45
دىبون-گادتىن يولغا چىقىپ ئالمون-دىبلاتايىمغا كېلىپ چېدىر تىكتى. 46
ئالمون-دىبلاتايىمدىن يولغا چىقىپ نېبونىڭ ئالدىدىكى ئابارىم تاغلىقىغا كېلىپ چېدىر تىكتى. 47
ئابارىم تاغلىقىدىن يولغا چىقىپ يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدا ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدە چېدىر تىكتى. 48
موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدە ئىئوردان دەرياسىنى بويلاپ تىككەن چېدىرلىرى بەيت-يەشىموتتىن تارتىپ ئابەل-شىتتىمغىچە باردى. 49
پەرۋەردىگار موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدىكى ئىئوردان دەرياسى بويىدا يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدا مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — 50
سەن ئىسرائ‍ىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق بۇيرۇغىن: — «سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ قانائان زېمىنىغا كەلگەن چېغىڭلاردا، 51
زېمىندىكى بارلىق تۇرۇۋاتقانلارنى ئالدىڭلاردىن ھەيدىۋېتىڭلار، ئۇلارنىڭ بارلىق ئويما، قۇيما بۇتلىرىنى چېقىپ تاشلاڭلار ھەم بارلىق «يۇقىرى جاي»لىرىنى ۋەيران قىلىپ تاشلاڭلار. 52
سىلەر شۇ زېمىننى ئىگىلەپ ماكانلىشىڭلار، چۈنكى مەن ئۇ زېمىننى سىلەرگە مىراس قىلىپ بەرگەنمەن. 53
سىلەر جەمەت بويىچە چەك تاشلاپ، زېمىننى ئۆزۈڭلەرگە مىراس قىلىپ ئېلىڭلار؛ ئادىمى كۆپرەكلەرگە كۆپرەك مىراس بۆلۈپ بېرىڭلار؛ ئادىمى ئازراقلارغا ئازراق مىراس بۆلۈپ بېرىڭلار؛ چەك تاشلانغاندا كىملەرگە قەيەر چىققان بولسا، شۇ يەر ئۇنىڭ مىراسى بولسۇن؛ سىلەر مىراسقا ئاتا قەبىلە-جەمەت بويىچە ۋارىسلىق قىلىڭلار. 54
ھالبۇكى، ئەگەر ئۇ زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارنى ئالدىڭلاردىن ھەيدىۋەتمىسەڭلار، ئۇلاردىن قېلىپ قالغانلار چوقۇم كۆزۈڭلەرگە تىكەن، بىقىنىڭلارغا يانتاق بولۇپ سانجىلىدۇ، تۇرغان زېمىنىڭلاردا سىلەرنى پاراكەندە قىلىدۇ؛ 55
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، مەن ئەسلىدە ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلماقچى بولغان بولسام، سىلەرگە شۇنداق مۇئامىلدە بولىمەن». 56

< چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 33 >