< چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 3 >

پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا مۇسا بىلەن سۆزلەشكەن كۈنلەردە، ھارۇن بىلەن مۇسانىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت ئىدى. 1
ヱホバ、シナイ山に於てモーセと語ひたまへる日にはアロンとモーセの一族左のごとくにてありき
ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسمى مۇنداق: تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى ناداب ئىدى، ئۇنىڭ يەنە ئابىھۇ، ئەلىئازار، ئىتامار دېگەن ئوغۇللىرى بار ئىدى. 2
アロンの子孫は是のごとし長子はナダブ次はアビウ、エレアザル、イタマル
ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسمى ئەنە شۇنداق ئىدى، ئۇلار مەسىھلەنگەن كاھىنلار ئىدى؛ [مۇسا] ئۇلارنى كاھىنلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە خۇداغا ئاتاپ ئايرىغانىدى. 3
是すなはちアロンの子等の名なり彼等は皆膏そそがれ祭司の職に任ぜられて祭司となれり
لېكىن ناداب بىلەن ئابىھۇ سىناي چۆلىدە غەيرىي بىر ئوتنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا سۇنغىنى تۈپەيلىدىن پەرۋەردىگار ئالدىدا ئۆلدى ۋە ئۇلارنىڭ ھېچ نەسلى قالدۇرۇلمىدى؛ ئەلىئازار بىلەن ئىتامار ئۆز ئاتىسى ھارۇن ئالدىدا كاھىنلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى. 4
ナダブとアビウはシナイの野にて異火をヱホバの前に献たる時にヱホバの前に死り子なしエレアザルとイタマルはその父アロンの目の前にて祭司の職を爲り
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: — 5
ヱホバまたモーセに告て言たまはく
سەن لاۋىي قەبىلىسىنى ئالدىڭغا كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى كاھىن ھارۇننىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا ئۇنىڭ ئالدىغا ھازىر قىل. 6
レビの支派を召よせ祭司アロンの前に侍りてこれに事へしめよ
ئۇلار ھارۇننىڭ ھاجىتى ۋە پۈتكۈل جامائەتنىڭ ھاجىتىدىن چىقىپ جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىدا ۋەزىپە ئۆتەپ، ئىبادەت چېدىرىنىڭ خىزمىتىنى بېجىرسۇن. 7
彼らは集會の幕屋の前にありてアロンの職と全會衆の職に替り幕屋の役事をなすべきなり
ئۇلار يەنە جامائەت چېدىرىدىكى بارلىق قاچا-قۇچا ئەسۋابلارنى باشقۇرۇش بىلەن ئىسرائ‍ىللارنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەپ، ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىشلىرىنى بېجىرسۇن. 8
すなはち彼等は集會の幕屋の諸の器具を看守イスラエルの子孫の職に替りて幕屋の役事をなすべし
سەن لاۋىيلارنى ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەقسىملەپ بەرگىن؛ ئۇلار ئىسرائ‍ىللار ئىچىدىن مەخسۇس ئۇنىڭغا تاللاپ بېرىلگەن. 9
汝レビ人をアロンとその子等に與ふべしイスラエルの子孫の中より彼等は全くアロンに與へられたる者なり
ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرىنى بولسا سەن ئۆزىنىڭ كاھىنلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە بېكىتكىن؛ ھەرقانداق يات كىشى يېقىنلاشسا ئۆلتۈرۈلسۇن، — دېدى. 10
汝アロンとその子等を立て祭司の職を行はしむべし外人の近づく者は殺されん
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: — 11
ヱホバすなはちモーセに告て言たまはく
— قارا، مەن ئىسرائ‍ىللار ئىچىدىن لاۋىيلارنى تاللىدىم، ئۇلارنى ئىسرائىل ئىچىدە بالىياتقۇنىڭ بارلىق تۇنجى مېۋىسىنىڭ ئورنىغا، يەنى چوڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئورنىغا قويىمەن، شۇڭا لاۋىيلار مېنىڭ بولىدۇ. 12
視よ我イスラエルの子孫の中なる始に生れたる者すなはち首出の代にレビ人をイスラエルの子孫の中より取り
چۈنكى تۇنجى ئوغۇللارنىڭ ھەممىسى مېنىڭكىدۇر؛ مەن مىسىر زېمىنىدا تۇنجى تۇغۇلغانلارنىڭ ھەممىسىنى قەتل قىلغان كۈنىدە ئىسرائ‍ىللارنىڭ ئىچىدىكى تۇنجىلارنىڭ ھەممىسىنى، مەيلى ئادەم بولسۇن ياكى ھايۋان بولسۇن، مۇقەددەس ھېسابلاپ مېنىڭكى قىلغانىدىم. ئۇلار مېنىڭكىدۇر؛ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 13
首出はすべて吾が有なり我エジプトの國の中の首出をことごとく撃ころせる時イスラエルの首出を人も畜もことごとく聖別て我に歸せしめたり是はわが有となるべし我はヱホバなり
ئاندىن پەرۋەردىگار سىناي چۆل-باياۋىنىدا مۇساغا: — 14
ヱホバ、シナイの野にてモーセに告ていひたまはく
— سەن لاۋىيلارنى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈز؛ بارلىق ئەركەكلەرنى، يەنى بىر ئايلىقتىن ئاشقانلارنىڭ ھەممىسىنى ساناقتىن ئۆتكۈز، — دېدى. 15
汝レビの子孫をその父祖の家に依りその宗族にしたがひて核數よ即ちその一箇月以上の男子を核數べし
شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، ئۆزىگە دېيىلگەندەك لاۋىيلارنى ساناقتىن ئۆتكۈزدى. 16
是においてモーセ、ヱホバの言に循ひてその命ぜられしごとくに之を核數たり
لاۋىينىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسمى مۇنداق: — گەرشون، كوھات، مەرارى. 17
レビの子等の名は左のごとしゲルシヨン、コハテ、メラリ
گەرشوننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسمى ئائىلىلىرى بويىچە لىبنى ۋە شىمەي ئىدى. 18
ゲルシヨンの子等の名はその宗族によれば左の如しリブニ、シメイ
كوھاتنىڭ ئوغۇللىرى ئائىلىلىرى بويىچە ئامرام، ئىزھار، ھېبرون ۋە ئۇززىئەل ئىدى. 19
コハテの子等の名はその宗族に依ば左のごとしアムラム、イヅハル、ヘブロン、ウジエル
مەرارىنىڭ ئوغۇللىرى ئائىلىلىرى بويىچە ماھلى ۋە مۇشى ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاتا جەمەتى بويىچە لاۋىيلارنىڭ جەمەتى بولدى. 20
メラリの子等の名はその宗族によればマヘリ、ムシなりレビ人の宗族はその父祖の家に依ば是のごとくなり
گەرشوندىن لىبنىلارنىڭ جەمەتى بىلەن شىمەيلەرنىڭ جەمەتى ۋۇجۇدقا كەلدى؛ بۇلار گەرشونلارنىڭ جەمەتلىرى ئىدى. 21
ゲルシヨンよりリブニ人の族とシメイ人の族出たり是すなはちゲルシヨン人の族なり
بارلىق ئەرلەرنىڭ سانىغا ئاساسەن، بىر ئايلىقتىن ئاشقانلىرىنىڭ ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلىرى جەمئىي يەتتە مىڭ بەش يۈز كىشى بولدى. 22
その核數られし者の數すなはち一箇月以上の男子の數は都合七千五百人
گەرشوننىڭ جەمەتى ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئارقا تەرىپىدە، يەنى غەرب تەرەپتە بارگاھ قۇردى؛ 23
ゲルシヨン人の族は凡て幕屋の後すなはち西の方に營を張べし
گەرشون جەمەتىنىڭ ئەمىرى لائەلنىڭ ئوغلى ئەلىئاساف ئىدى. 24
而してラエルの子エリアサフ、ゲルシヨン人の牧伯となるべし
گەرشونلارنىڭ جامائەت چېدىرىدىكى ۋەزىپىسى ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۆزىدىكى ئاستىنقى ئىككى ياپقۇچ-پەردە، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى يوپۇق ۋە جامائەت چېدىرىنىڭ ئىشىك پەردىسىگە، 25
集會の幕屋におけるゲルシヨンの子孫の職守は幕屋と天幕とその頂蓋および集會の幕屋の入口の幔と
شۇنداقلا ھويلا ئەتراپىدىكى پەردىلەر، ھويلا دەرۋازىسىنىڭ پەردىسى ‹ھويلا پەردىلىرى ئىبادەت چېدىرى بىلەن قۇربانگاھنى چۆرىدەپ تۇراتتى› ۋە ھويلىدا ئىشلىتىلىدىغان مۇناسىۋەتلىك بارلىق تانىلارغاقاراش ئىدى. 26
庭の幕および幕屋と壇の周圍なる庭の入口の幔ならびにその繩等凡て之に用ふる物を守るべき事なり
كوھاتتىن ئامراملارنىڭ جەمەتى، ئىزھارلارنىڭ جەمەتى، ھېبرونلارنىڭ جەمەتى ۋە ئۇززىئەللەرنىڭ جەمەتى ۋۇجۇدقا كەلدى؛ بۇ كوھاتلارنىڭ جەمەتلىرى ئىدى. 27
またコハテよりアムラミ人の族イヅハリ人の族ヘブロン人の族ウジエリ人の族出たり是すなはちコハテ人の族なり
بارلىق ئەركەكلەرنىڭ سانى بويىچە، بىر ئايلىقتىن ئاشقانلار جەمئىي سەككىز مىڭ ئالتە يۈز ئادەم بولۇپ چىقتى؛ ئۇلار مۇقەددەس جايغا قاراش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان بولدى. 28
一箇月以上の男子の數は都合八千六百人是みな聖所の職守を守るべき者なり
كوھات ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەتلىرى جامائەت چېدىرىنىڭ جەنۇب تەرىپىدە بارگاھ تىكتى. 29
コハテの子孫の族は凡て幕屋の南の方に營を張べし
كوھات جەمەتىنىڭ ئەمىرى ئۇززىئەلنىڭ ئوغلى ئەلىزافان ئىدى. 30
而してウジエルの子エリザパン、コハテ人の族の牧伯となるべし
ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئەھدە ساندۇقى، شىرە، چىراغدان، ئىككى قۇربانگاھ، شۇنىڭدەك مۇقەددەس جاينىڭ ئىچىدە ئىشلىتىدىغان قاچا-قۇچا، پەردە ۋە ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىچىدە ئىشلىتىدىغان بارلىق نەرسىلەرگە قاراش ئىدى. 31
彼等の職守は律法の櫃案燈臺諸壇および聖所の役事に用ふる器具ならびに幔等凡て其處に用ふる物を守るべき事なり
لاۋىيلارنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ ئەمىرى بولسا كاھىن ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازار ئىدى؛ ئۇ مۇقەددەسخانىغا قاراش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغانلار ئۈستىدىن نازارەت قىلىدىغان بولدى. 32
祭司アロンの子エレアザル、レビ人の牧伯の長となり且聖所の職を守る者を統轄るべし
مەرارىدىن ماھلى جەمەتى بىلەن مۇشى جەمەتى ۋۇجۇدقا كەلدى؛ بۇلار مەرارىنىڭ جەمەتلىرى بولدى. 33
又メラリよりマヘリ人の族とムシ人の族出たり是すなはちメラリの族なり
بارلىق ئەركەكلەرنىڭ سانىغا ئاساسەن، بىر ئايلىقتىن يۇقىرى بولغانلار ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي ئالتە مىڭ ئىككى يۈز كىشى چىقتى. 34
その核數られし者すなはち一箇月以上の男子の數は六千二百人
مەرارىنىڭ جەمەتىنىڭ ئەمىرى ئابىھايىلنىڭ ئوغلى زۇرىيەل بولدى؛ ئۇلار ئىبادەت چېدىرىنىڭ شىمال تەرىپىگە بارگاھ قۇردى. 35
アビハイルの子ツリエル、メラリの族の牧伯となり此族幕屋の北の方に營を張べし
مەرارى ئەۋلادلىرىنىڭ ۋەزىپىسى ئىبادەت چېدىرىنىڭ تاختايلىرى، بالداقلىرى، خادىلىرىغا، تەگلىكلىرى بارلىق ئەسۋاب-جابدۇقلىرىغا قاراش، شۇنىڭدەك بۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلىتىلىدىغان بارلىق نەرسىلەرگە، 36
メラリの子孫の管理るべき者職守とすべき者は幕屋の板とその横木その柱その座その諸の器具および其に用ふる一切の物
شۇنداقلا ھويلىنىڭ تۆت ئەتراپىدىكى خادىلارغا ۋە ئۇلارنىڭ تەگلىكلىرى، قوزۇق ۋە تانىلارغا مەسئۇل بولۇشقا بەلگىلەنىدى. 37
ならびに庭の周圍の柱とその座その釘およびその繩なり
ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا، شەرق تەرىپىگە، يەنى جامائەت چېدىرىنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىگە بارگاھ قۇرغانلار مۇسا، ھارۇن ۋە ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى؛ ئۇلار ئىسرائ‍ىللارنىڭ خىزمىتىدە بولۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، مۇقەددەس جايغا قارايدىغان بولدى؛ ئۇلارغا يات بولغان ھەرقانداق ئادەم [مۇقەددەس] جايغا يېقىنلاشسا، ئۆلتۈرۈلەتتى. 38
また幕屋の前その東の方すなはち集會の幕屋の東の方にはモーセとアロンおよびアロンの子等營を張りイスラエルの子孫の職守に代て聖所の職守を守るべし外人の近づく者は殺されん
مۇسا بىلەن ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، ساناقتىن ئۆتكۈزگەن بارلىق لاۋىيلار، جەمەتلىرى بويىچە، يەنى بىر ئايلىقتىن يۇقىرى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن ئەركەكلەر جەمئىي يىگىرمە ئىككى مىڭ چىقتى. 39
モーセとアロン、ヱホバの言に依りレビ人を悉く核數たるに一箇月以上の男子の數二萬二千ありき
پەرۋەردىگار مۇساغا: — سەن ئىسرائ‍ىللار ئىچىدە بىر ئايلىقتىن ئاشقان تۇنجى ئوغۇللارنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىسىم-فامىلىسى بويىچە تىزىملاپ چىق. 40
ヱホバまたモーセに言たまはく汝イスラエルの子孫の中の首出たる男子の一箇月以上なる者を盡く數へてその名の數を計れ
سەن لاۋىيلارنى ئىسرائ‍ىللارنىڭ بارلىق تۇنجىلىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا خاس قىل ‹مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن›؛ لاۋىيلارنىڭ مال-چارۋىلىرىنىمۇ ئىسرائ‍ىللارنىڭ بارلىق تۇنجى مال-چارۋىلىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا خاس قىل، — دېدى. 41
我はヱホバなり我ために汝レビ人を取りてイスラエルの子孫の中なる諸の首出子に代へまたレビ人の家畜を取てイスラエルの子孫の家畜の中なる諸の首出に代べし
مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، ئىسرائ‍ىللارنىڭ تۇنجىلىرىنى قويماي ساناقتىن ئۆتكۈزدى. 42
モーセすなはちヱホバの己に命じたまへるごとくにイスラエルの子孫の中なる首出子を盡く數へたり
بىر ئايلىقتىن يۇقىرى تۇنجى ئوغۇل بالىلىرىنى ئىسىم-فامىلىسى بىلەن ساناقتىن ئۆتكۈزگەندە، ئۇلار جەمئىي يىگىرمە ئىككى مىڭ ئىككى يۈز يەتمىش ئۈچ كىشى چىقتى. 43
その數へられし首出なる男子の一箇月以上なる者はその名の數に依ば都合二萬二千二百七十三人なりき
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: — 44
すなはちヱホバ、モーセに告て言たまはく
سەن لاۋىيلارنى ئىسرائ‍ىللارنىڭ تۇنجىلىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا تاللا، شۇنداقلا لاۋىيلارنىڭ مال-چارۋىلىرىنىمۇ ئىسرائ‍ىللارنىڭ مال-چارۋىلىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا تاللا؛ شۇنىڭ بىلەن لاۋىيلار مېنىڭكى بولىدۇ؛ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 45
汝レビ人を取てイスラエルの子孫の中なる諸の首出子に代へまたレビ人の家畜を取て彼等の家畜に代よレビ人はわが所有とならん我はヱホバなり
ۋە لاۋىيلارنىڭ سانىدىن ئارتۇق چىققان ئىسرائ‍ىللارنىڭ تۇنجىلىرى، يەنى شۇ ئىككى يۈز يەتمىش ئۈچى ئۈچۈن ھۆرلۈك ھەققىنى قوبۇل قىلغىن؛ 46
またイスラエルの子孫の首出子はレビ人より多きこと二百七十三人なれば是等をば贖ふべき者となし
شۇلارنىڭ ھەربىرى ئۈچۈن بەش شەكەل كۈمۈش ئال، كىشى سانىغا قاراپ بولسۇن؛ مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچەۇلاردىن ئالغىن ‹بىر شەكەل يىگىرمە گەراھدۇر›. 47
その頭數に依て一人ごとに五シケルを取べし即ち聖所のシケルに循ひて之を取べきなり一シケルは二十ゲラなり
ئارتۇق چىققان ئادەملەرنىڭ، يەنى ھۆرلۈك ھەققىنى تۆلىشى كېرەك بولغانلارنىڭ كۈمۈشىنى ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەر. 48
汝その餘れる者の贖の金をアロンとその子等に付すべし
ئەمدى لاۋىيلار تەرىپىدىن «ھۆرلۈككە چىقىرىلغان» دەپ ھېسابلانغان تۇنجى ئوغۇللاردىن ئارتۇق چىققانلاردىن بولسا، مۇسا ئۇلاردىن شۇ ھۆرلۈك ھەققىنى ئالدى؛ 49
是においてモーセ、レビ人をもて贖ひ餘せるところの者の贖の金を取り
ئۇ ئىسرائ‍ىللارنىڭ تۇنجىلىرىدىن شۇ كۈمۈشنى، يەنى مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە جەمئىي بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئاتمىش بەش شەكەل ئالدى. 50
即ちモーセ、イスラエルの子孫の首出子の中より聖所のシケルにしたがひて金千三百六十五シケルを取り
مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە «ھۆرلۈككە چىقىرىلغان»لارنىڭ كۈمۈشىنى دەل پەرۋەردىگار بۇيرۇغىنىدەك، ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەردى. 51
その贖はるる者の金をヱホバの言にしたがひてアロンとその子等に付せりヱホバのモーセに命じたまひし如し

< چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 3 >