< چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 27 >

يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسەھنىڭ نەسلىدىن بولغان جەمەتلەر ئىچىدە ماناسسەھنىڭ چەۋرىسى، ماكىرنىڭ ئەۋرىسى، گىلېئادنىڭ نەۋرىسى، ھەفەرنىڭ ئوغلى زەلوفىھادنىڭ قىزلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسمى ماھلاھ، نوئاھ، ھوگلاھ، مىلكاھ، ۋە تىرزاھ ئىدى. 1
ئۇلار جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ، مۇسا بىلەن كاھىن ئەلىئازار ۋە ئەمىرلەر بىلەن پۈتكۈل جامائەتنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ: 2
— بىزنىڭ ئاتىمىز چۆلدە ئۆلۈپ كەتكەن؛ ئۇ ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ھۇجۇم قىلغىلى يىغىلغانلاردىن ئەمەس، يەنى كوراھ گۇرۇھىدىكىلەردىن ئەمەس؛ ئۇ بەلكى ئۆز گۇناھى ئىچىدە ئۆلگەن، ۋە ئۇنىڭ ئوغۇل پەرزەنتى يوق ئىدى. 3
نېمە ئۈچۈن ئاتىمىزنىڭ ئوغلى يوقلۇقى سەۋەبلىك ئۇنىڭ نامى ئۇنىڭ جەمەتىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلىدۇ؟ ئۆزلىرىنىڭ بىزگە ئاتىمىزنىڭ قېرىنداشلىرى قاتارىدا مىراس بۆلۈپ بېرىشلىرىنى ئۆتۈنىمىز، — دېدى. 4
مۇسا ئۇلارنىڭ بۇ ئىشىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا قويدى. 5
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — 6
زەلوفىھادنىڭ قىزلىرىنىڭ ئېيتقىنى دۇرۇس، سەن چوقۇم ئۇلارغا ئاتىسىنىڭ قېرىنداشلىرى قاتارىدا مىراس بەر؛ ئۇلارنىڭ ئاتىسىنىڭ مىراسىنى ئۇلارغا ئۆتكۈزۈپ بەرگىن. 7
سەن ئىسرائ‍ىللارغا ئېيتقىن: «بىر ئادەم ئۆلۈپ كەتكەن چاغدا ئۇنىڭ ئوغلى بولمىسا، ئۇنداقتا سىلەر ئۇنىڭ مىراسىنى قىزىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىڭلار. 8
قىزى بولمىسا، مىراسىنى قېرىنداشلىرىغا بېرىڭلار. 9
قېرىنداشلىرى بولمىسا، مىراسىنى ئاتا جەمەت تاغىلىرىغا بېرىڭلار. 10
ئەگەر ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ قېرىنداشلىرى بولمىسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ مىراسىنى ئۇنىڭ جەمەتىدىكى ئەڭ يېقىن بىر تۇغقىنىغا بېرىڭلار؛ ئۇ ئادەم ئۇنىڭ مىراسىغا ئىگە بولسۇن. بۇ پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغاندەك، ئىسرائ‍ىللارغا چۈشۈرۈلگەن ھۆكۈم، قانۇن-بەلگىلىمە بولۇپ قالسۇن». 11
پەرۋەردىگار مۇساغا: — سەن ماۋۇ ئابارىم تېغىغا چىقىپ، مەن ئىسرائ‍ىللارغا تەقدىم قىلغان زېمىنغا قاراپ باق. 12
كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن سەنمۇ ئاكاڭ ھارۇنغا ئوخشاش ئۆز خەلقلىرىڭگە قوشۇلىسەن. 13
چۈنكى زىن چۆلىدە، جامائەت جېدەل چىقارغان چاغدا، ئىككىڭلار مېنىڭ بۇيرۇقىمغا ئاسىيلىق قىلىپ، سۇنىڭ ئىشىدا ‹زىن چۆلىدە، قادەشتىكى «مەرىباھ سۇلىرى» دېگەن جايدا› مېنى جامائەتنىڭ ئالدىدا مۇقەددەس دەپ ھۆرمەتلىمىدىڭلار، — دېدى. 14
مۇسا پەرۋەردىگارغا سۆز قىلىپ: 15
— ئى پەرۋەردىگار، بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ روھلىرىنىڭ خۇداسى، ئۆز جامائىتىنىڭ پادىچىسىز پادىدەك بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جامائەتنى ئىدارە قىلىدىغان، ئۇلارنىڭ ئالدىغا كىرىپ چىقالايدىغان، ئۇلارنى باشلاپ ماڭالايدىغان بىر ئادەمنى تىكلەپ بېرىشىڭنى تىلەيمەن، — دېدى. 16
17
سەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئانى تاللىغىن، — دېدى پەرۋەردىگار مۇساغا، — ئۇنىڭدا روھىم بار، سەن قولۇڭنى ئۇنىڭ بېشىغا قوي، 18
ئۇنى كاھىن ئەلىئازار ۋە بارلىق جامائەتنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزۇپ ۋەزىپىگە قوي. 19
سەن پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى ئۇنىڭ گېپىگە كىرىشى ئۈچۈن ئۆزۈڭنىڭ ئىززەت-شۆھرىتىڭدىن بىر قىسمىنى ئۇنىڭغا بەرگىن. 20
ئۇ كاھىن ئەلىئازارنىڭ ئالدىدا تۇرسۇن، [ئەلىئازار] ئۇرىمنىڭ ھۆكۈمىنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇنىڭ ئۈچۈن يول سورىسۇن؛ ئىسرائىل خەلقى، يەنى پۈتكۈل جامائەت ئۇنىڭ بۇيرۇقى بىلەن چىقىدۇ، ئۇنىڭ بۇيرۇقى بىلەن كىرىشى كېرەك. 21
شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىش كۆرۈپ، يەشۇئانى باشلاپ كېلىپ، كاھىن ئەلىئازارنىڭ ۋە بارلىق جامائەتنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزدى؛ 22
[ئەلىئازار] قولىنى ئۇنىڭ بېشىغا قويۇپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بۇيرۇغىنىدەك ۋەزىپىگە قويدى. 23

< چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 27 >