< چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 26 >

ۋابادىن كېيىن پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازارغا سۆز قىلىپ: — 1
سىلەر پۈتكۈل ئىسرائ‍ىللارنىڭ جامائىتى ئىچىدە يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنى ئاتا جەمەتى بويىچە ھېسابلاپ ساناقتىن ئۆتكۈزۈڭلار، — دېدى. 2
شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن كاھىن ئەلىئازار موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدە، يەنى يېرىخونىڭ يېنىدىكى ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدا ئىسرائ‍ىللار بىلەن سۆزلىشىپ ئۇلارغا: 3
«پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ۋە مىسىردىن چىققان ئىسرائ‍ىللارغا بۇيرۇغىنى بويىچە، سىلەردىن يىگىرمە ياشتىن ئاشقانلارنىڭ ھەممىسى [تىزىملىنىپ] ساناقتىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك» دەپ ئۇقتۇردى. [تىزىملىتىلغان سانلار مۇنداق بولدى]: — 4
ئىسرائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبەن ئىدى. رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرى، يەنى ھانۇقنىڭ نەسلىدىن بولغان ھانۇق جەمەتى؛ پاللۇنىڭ نەسلىدىن بولغان پاللۇ جەمەتى؛ 5
ھەزرون نەسلىدىن بولغان ھەزرون جەمەتى؛ كارمى نەسلىدىن بولغان كارمى جەمەتى. 6
بۇلار رۇبەننىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ئۇلاردىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگىنى جەمئىي قىرىق ئۈچ مىڭ يەتتە يۈز ئوتتۇز كىشى بولدى. 7
پاللۇنىڭ ئوغلى ئېلىئاب؛ 8
ئېلىئابنىڭ ئوغۇللىرى نىمۇئەل، داتان، ئابىرام ئىدى. داتان بىلەن ئابىرام ئەسلىدە جامائەت ئىچىدىن چاقىرىلغان مۆتىۋەرلەر بولسىمۇ، كوراھ گۇرۇھىدىكىلەر پەرۋەردىگار بىلەن تاكاللاشقاندا، ئۇلار بىلەن بىرلىشىپ مۇسا ۋە ھارۇن بىلەن تاكاللاشقانىدى. 9
يەر ئاغزىنى ئېچىپ ئۇلارنى كوراھ بىلەن بىرگە يۇتۇپ كەتكەن؛ شۇ چاغدا كوراھ گۇرۇھىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆلگەن؛ باشقىلارغا ئىبرەت بولسۇن دەپ، ئوت ئۇنىڭ ئىككى يۈز ئەللىك ئادىمىنى يۇتۇپ كەتكەن. 10
لېكىن كوراھنىڭ ئەۋلادلىرى ئۆلۈپ كەتمىگەن. 11
شىمېئوننىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەت بويىچە، نەمۇئەلنىڭ نەسلىدىن بولغان نەمۇئەل جەمەتى؛ يامىن نەسلىدىن بولغان يامىن جەمەتى؛ ياقىن نەسلىدىن بولغان ياقىن جەمەتى؛ 12
زەراھ نەسلىدىن بولغان زەراھ جەمەتى؛ سائۇل نەسلىدىن بولغان سائۇل جەمەتى. 13
بۇلار شىمېئوننىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، جەمئىي يىگىرمە ئىككى مىڭ ئىككى يۈز ئادەم چىقتى. 14
گاد قەبىلىسىدىن، جەمەت بويىچە، زەفون نەسلىدىن بولغان زەفون جەمەتى؛ ھاگگى نەسلىدىن بولغان ھاگگى جەمەتى؛ شۇنى نەسلىدىن بولغان شۇنى جەمەتى؛ 15
ئوزنى نەسلىدىن بولغان ئوزنى جەمەتى؛ ئېرى نەسلىدىن بولغان ئېرى جەمەتى؛ 16
ئارود نەسلىدىن بولغان ئارود جەمەتى؛ ئارئەلى نەسلىدىن بولغان ئارئەلى جەمەتى. 17
بۇلار گاد ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ئۇلار جەمەتلىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي قىرىق مىڭ بەش يۈز ئادەم چىقتى. 18
يەھۇدانىڭ ئوغۇللىرى ئېر بىلەن ئونان ئىدى؛ بۇ ئىككىسى قانائان زېمىنىدا ئۆلۈپ كەتكەن. 19
يەھۇدانىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەتى بويىچە، شىلاھنىڭ نەسلىدىن بولغان شىلاھ جەمەتى؛ پەرەزنىڭ نەسلىدىن بولغان پەرەز جەمەتى؛ زەراھنىڭ نەسلىدىن بولغان زەراھ جەمەتى. 20
پەرەزنىڭ ئەۋلادلىرى ھەزروننىڭ نەسلىدىن بولغان ھەزرون جەمەتى؛ ھامۇلنىڭ نەسلىدىن بولغان ھامۇل جەمەتى. 21
بۇلار يەھۇدانىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ئۇلار جەمەت بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي يەتمىش ئالتە مىڭ بەش يۈز ئادەم چىقتى. 22
ئىسساكارنىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەت بويىچە، تولانىڭ نەسلىدىن بولغان تولا جەمەتى؛ پۇئاھنىڭ نەسلىدىن بولغان پۇئاھ جەمەتى؛ 23
ياشۇبنىڭ نەسلىدىن بولغان ياشۇب جەمەتى؛ شىمروننىڭ نەسلىدىن بولغان شىمرون جەمەتى. 24
بۇلار ئىسساكارنىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ئۇلار جەمەت بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي ئاتمىش تۆت مىڭ ئۈچ يۈز ئادەم چىقتى. 25
زەبۇلۇننىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەتى بويىچە، سەرەدنىڭ نەسلىدىن بولغان سەرەد جەمەتى؛ ئېلون نەسلىدىن بولغان ئېلون جەمەتى؛ جاھلىيەلنىڭ نەسلىدىن بولغان جاھلىيەل جەمەتى. 26
بۇلار زەبۇلۇننىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ئۇلار جەمەت بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي ئاتمىش مىڭ بەش يۈز ئادەم چىقتى. 27
يۈسۈپنىڭ ئوغۇللىرى: — جەمەت بويىچە، ماناسسەھ بىلەن ئەفرائىم ئىدى. 28
ماناسسەھنىڭ ئەۋلادلىرى: — ماكىرنىڭ نەسلىدىن بولغان ماكىر جەمەتى ‹ماكىردىن گىلېئاد تۆرەلگەن›، گىلېئادنىڭ نەسلىدىن بولغان گىلېئاد جەمەتى ئىدى. 29
تۆۋەندىكىلەر گىلېئادنىڭ ئەۋلادلىرى: — يەئەزەرنىڭ نەسلىدىن بولغان يەئەزەر جەمەتى؛ ھەلەكنىڭ نەسلىدىن بولغان ھەلەك جەمەتى؛ 30
ئاسرىيەلنىڭ نەسلىدىن بولغان ئاسرىيەل جەمەتى؛ شەكەمنىڭ نەسلىدىن بولغان شەكەم جەمەتى؛ 31
شەمىدانىڭ نەسلىدىن بولغان شەمىدا جەمەتى؛ ھەفەرنىڭ نەسلىدىن بولغان ھەفەر جەمەتى. 32
ھەفەرنىڭ ئوغلى زەلوفىھاد ئوغۇل پەرزەنت كۆرمەي قىز پەرزەنت كۆرگەن؛ زەلوفىھادنىڭ قىزلىرىنىڭ ئىسمى ماھلاھ، نوئاھ، ھوگلاھ، مىلكاھ، تىرزاھ ئىدى. 33
بۇلار ماناسسەھنىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي ئەللىك ئىككى مىڭ يەتتە يۈز ئادەم چىقتى. 34
تۆۋەندىكىلەر ئەفرائىمنىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەتى بويىچە: — شۇتىلاھنىڭ نەسلىدىن بولغان شۇتىلاھ جەمەتى؛ بەكەرنىڭ نەسلىدىن بولغان بەكەر جەمەتى؛ تاھاننىڭ نەسلىدىن بولغان تاھان جەمەتى. 35
شۇتىلانىڭ ئەۋلادلىرى ئېراننىڭ نەسلىدىن بولغان ئېران جەمەتى. 36
مانا بۇلار ئەفرائىم ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ھەرقايسى جەمەتلەر بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي ئوتتۇز ئىككى مىڭ بەش يۈز ئادەم چىقتى. جەمەتلىرى بويىچە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. 37
بىنيامىننىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەتى بويىچە، بېلانىڭ نەسلىدىن بولغان بېلا جەمەتى؛ ئاشبەلنىڭ نەسلىدىن بولغان ئاشبەل جەمەتى؛ ئاھىرامنىڭ نەسلىدىن بولغان ئاھىرام جەمەتى؛ 38
شەفۇفامنىڭ نەسلىدىن بولغان شۇفام جەمەتى؛ ھۇفامنىڭ نەسلىدىن بولغان ھۇفام جەمەتى. 39
ئارد بىلەن نائامان بېلانىڭ ئوغۇللىرى ئىدى؛ ئاردنىڭ نەسلىدىن بولغان ئارد جەمەتى؛ نائاماننىڭ نەسلىدىن بولغان نائامان جەمەتى. 40
بۇلار بىنيامىننىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، جەمەت بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي قىرىق بەش مىڭ ئالتە يۈز ئادەم چىقتى. 41
تۆۋەندىكىلەر داننىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، جەمەت بويىچە، شۇھامنىڭ نەسلىدىن بولغان شۇھام جەمەتى؛ جەمەت بويىچە بۇلار داننىڭ جەمەتلىرى ئىدى. 42
شۇھامنىڭ ھەممە جەمەتى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي ئاتمىش تۆت مىڭ تۆت يۈز ئادەم چىقتى. 43
ئاشىرنىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەت بويىچە، يىمناھنىڭ نەسلىدىن بولغان يىمناھ جەمەتى؛ يېشۋىنىڭ نەسلىدىن بولغان يېشۋى جەمەتى؛ بېرىياھنىڭ نەسلىدىن بولغان بېرىياھ جەمەتى. 44
بېرىياھنىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەت بويىچە، ھەبەرنىڭ نەسلىدىن بولغان ھەبەر جەمەتى؛ مالكىئەلنىڭ نەسلىدىن بولغان مالكىئەل جەمەتى. 45
ئاشىرنىڭ قىزىنىڭ ئىسمى سېراھ ئىدى. 46
بۇلار ئاشىر ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، ئۇلار جەمەت بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي ئەللىك ئۈچ مىڭ تۆت يۈز ئادەم چىقتى. 47
نافتالىنىڭ ئەۋلادلىرى، جەمەت بويىچە، ياھزىئەلنىڭ نەسلىدىن بولغان ياھزىئەل جەمەتى؛ گۇنىنىڭ نەسلىدىن بولغان گۇنى جەمەتى؛ 48
يەزەرنىڭ نەسلىدىن بولغان يەزەر جەمەتى؛ شىللەمنىڭ نەسلىدىن بولغان شىللەم جەمەتى. 49
بۇلار نافتالىنىڭ جەمەتلىرى بولۇپ، جەمەت بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي قىرىق بەش مىڭ تۆت يۈز ئادەم چىقتى. 50
يۇقىرىقىلار ئىسرائ‍ىللاردىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر بولۇپ، جەمئىي ئالتە يۈز بىر مىڭ يەتتە يۈز ئوتتۇز ئادەم چىقتى. 51
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — 52
زېمىن مۇشۇلارغا رويخەتكە ئېلىنغان سان بويىچە مىراس قىلىپ تەقسىم قىلىنسۇن. 53
مىراسنى ئادەم سانى كۆپ قەبىلىلەرگە كۆپرەك، ئادەم سانى ئاز قەبىلىلەرگە ئازراق بۆل؛ مىراس رويخەتتىن ئۆتكۈزۈلگەن ئادەم سانىغا قاراپ ھەربىر ئادەمگە بۆلۈپ بېرىلسۇن. 54
ھالبۇكى، زېمىن چەك تاشلىنىش يولى بىلەن بۆلۈنسۇن؛ ئۇلار مىراسقا ئۆزلىرىنىڭ ئاتا جەمەت-قەبىلىسىنىڭ نامى بويىچە ۋارىسلىق قىلسۇن. 55
مىراس ئۇلارغا چەك تاشلاش يولى بىلەن ئادەم سانىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە قاراپ ھەربىر [ئائىلە-جەمەتكە] بۆلۈپ بېرىلسۇن. 56
تۆۋەندىكىلەر ئاتا جەمەت بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن لاۋىيلار: — گەرشوننىڭ نەسلىدىن بولغان گەرشون جەمەتى؛ كوھاتنىڭ نەسلىدىن بولغان كوھات جەمەتى؛ مەرارىنىڭ نەسلىدىن بولغان مەرارى جەمەتى. 57
بۇلار لاۋىيلارنىڭ جەمەتلىرى: — لىبنى جەمەتى، ھېبرون جەمەتى، ماھلى جەمەتى، مۇشى جەمەتى، كوراھ جەمەتى. كوھاتتىن ئامرام تۆرەلگەن. 58
ئامرامنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى يوكەبەد بولۇپ، لاۋىينىڭ مىسىردا تۇغۇلغان قىزى ئىدى؛ ئۇ ئامرامغا ھارۇن، مۇسا ۋە ئۇلارنىڭ ئاچىسى مەريەمنى تۇغۇپ بەرگەن. 59
ھارۇندىن ناداب، ئابىھۇ، ئەلىئازار، ئىتامار تۆرەلگەن. 60
لېكىن ناداب بىلەن ئابىھۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا غەيرىي بىر ئوتنى سۇنغاندا ئۆلۈپ كەتكەن. 61
لاۋىيلار ئىچىدە بىر ئايلىقتىن ئاشقان بارلىق ئەركەكلەر ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي يىگىرمە ئۈچ مىڭ ئادەم چىقتى. ئۇلار ئىسرائ‍ىللار ئىچىدە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلمىگەن، چۈنكى ئۇلارغا ئىسرائ‍ىللار ئىچىدە ھېچقانداق مىراس [زېمىن] بۆلۈپ بېرىلمىگەن. 62
يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئادەملەر موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدە، يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدىكى ئىئوردان دەرياسى بويىدا مۇسا بىلەن كاھىن ئەلىئازار تەرىپىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىسرائ‍ىللاردۇر. 63
بىراق بۇ ئادەملەر ئىچىدە مۇسا بىلەن كاھىن ھارۇن ئىلگىرى سىناي چۆلىدە ساناقتىن ئۆتكۈزگەندە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن بىرمۇ ئادەم يوق ئىدى. 64
چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلار توغرىسىدا: «ئۇلار چۆلدە ئۆلمەي قالمايدۇ» دەپ ئېيتقانىدى. شۇڭا، يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەب بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئادىن باشقا بىرىمۇ قالمىغان. 65

< چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 26 >