< چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 24 >

بالائام پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائ‍ىللارغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرگەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىپ، ئالدىنقى [ئىككى] قېتىمقىدىكىدەك سېھىر ئىشلىتىشكە بارمىدى، بەلكى يۈزىنى چۆل-باياۋان تەرەپكە قاراتتى. 1
بالائام بېشىنى كۆتۈرۈپ ئىسرائ‍ىللارنىڭ قەبىلە بويىچە چېدىرلاردا ئولتۇراقلاشقانلىقىنى كۆردى، خۇدانىڭ روھى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشتى. 2
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاغزىغا كالام سۆزىنى ئېلىپ مۇنداق دېدى: — «بېئورنىڭ ئوغلى بالائام يەتكۈزىدىغان كالام سۆزى، كۆزى ئېچىلمىغان ئادەمنىڭ ئېيتىدىغان كالام سۆزى، 3
يەنى تەڭرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغۇچى، ھەممىگە قادىرنىڭ ئالامەت كۆرۈنۈشىنى كۆرگۈچى، مانا ئەمدى كۆزى ئېچىلىپ دۈم يىقىلغان كىشى يەتكۈزگەن كالام سۆزى: — 4
ئاھ ياقۇپ، چېدىرلىرىڭ نەقەدەر گۈزەل، تۇرالغۇلىرىڭ نەقەدەر گۈزەل، ئاھ ئىسرائىل! 5
گويا كېڭەيگەن دەريا ۋادىلىرىدەك، خۇددى دەريا بويىدىكى باغلاردەك، گويا پەرۋەردىگار تىكىپ ئۆستۈرگەن ئۇد دەرەخلىرىدەك، دەريا بويىدىكى كېدىر دەرەخلىرىدەك؛ 6
سۇلار ئۇنىڭ سوغىلىرىدىن ئېقىپ چىقىدۇ، ئەۋلادلىرى سۈيى مول جايلاردا بولىدۇ؛ پادىشاھى ئاگاگدىن ئېشىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئۈستۈن قىلىنىپ گۈللىنىدۇ. 7
تەڭرى ئۇنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان، ئۇنىڭدا ياۋا بۇقىنىڭ كۈچى باردۇر؛ دۈشمەن ئەللەرنى ئۇ يەپ كېتىدۇ، ئۇستىخانلىرىنى ئېزىپ تاشلايدۇ، ئوقيا ئېتىپ ئۇلارنى تېشىپ تاشلايدۇ. 8
ئۇ باغىرلاپ ياتسا، ئەركەك شىردەك، ياتسا ھەم چىشى شىردەك، كىم ئۇنى قوزغىتىشقا پېتىنار؟ كىم ساڭا بەخت-بەرىكەت تىلىسە، بەخت-بەرىكەت تاپىدۇ. كىم سېنى قارغىسا، قارغىشقا كېتىدۇ». 9
بالاق بالائامغا ئاچچىقلىنىپ، قولىنى قولىغا ئۇرۇپ كەتتى؛ بالاق بالائامغا: — مەن سىلىنى دۈشمىنىمنى قارغاپ بېرىشكە قىچقىرتقانىدىم ۋە مانا، سىلى ئۈچ قېتىم پۈتۈنلەي ئۇلارغا ئامەت تىلىدىلە! 10
ئەمدى تېزدىن يۇرتلىرىغا قېچىپ كەتسىلە؛ مەن ئەسلىدە سىلىنىڭ ئىززەت-ھۆرمەتلىرىنى كاتتا قىلاي دېگەنىدىم، مانا پەرۋەردىگار سىلىنى بۇ كاتتا ئىززەت-ھۆرمەتكە نائىل بولۇشتىن توسۇپ قويدى، — دېدى. 11
بالائام بالاققا: — مەن ئەسلىدە ئۆزلىرىنىڭ ئەلچىلىرىگە: 12
«بالاق ماڭا ئۆزىنىڭ ئالتۇن-كۈمۈشكە لىق تولغان ئۆز ئۆيىنى بەرسىمۇ، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنىدىن ھالقىپ، ئۆز مەيلىمچە ياخشى-يامان ئىش قىلالمايمەن؛ پەرۋەردىگار ماڭا نېمە دېسە، مەن شۇنى دەيمەن» دېگەن ئەمەسمىدىم؟ 13
ئەمدى مەن ئۆز خەلقىمگە قايتىمەن؛ كەلسىلە، مەن ئۆزلىرىگە بۇ خەلقنىڭ كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا سىلىنىڭ خەلقلىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەي، — دېدى. 14
ئۇ كالام سۆزىنى ئاغزىغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: — بېئورنىڭ ئوغلى بالائام يەتكۈزىدىغان كالام سۆزى، كۆزلىرى ئېچىلمىغان كىشى ئېيتقان كالام سۆزى، 15
تەڭرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغۇچى، ھەممىدىن ئالىينىڭ ۋەھىيلىرىنى بىلگۈچى، ھەممىگە قادىرنىڭ ئالامەت كۆرۈنۈشىنى كۆرگۈچى، مانا ئەمدى كۆزى ئېچىلغان دۈم يىقىلىغان كىشى يەتكۈزىدىغان كالام سۆزى: — 16
مەن ئۇنى كۆرىمەن، لېكىن ھازىر ئەمەس؛ مەن ئۇنىڭغا قارايمەن، لېكىن يېقىن يەردىن ئەمەس؛ ياقۇپتىن چىقار بىر يۇلتۇز، كۆتۈرۈلەر ئىسرائىلدىن بىر شاھانە ھاسا؛ چېقىۋېتەر ئۇ موئابنىڭ چېكىسىنى، بارلىق شېتلەرنىڭ بېشىنى يانجىيدۇ. 17
ئېدوم ئۇنىڭغا تەۋە بولىدۇ، يەنە تېخى دۈشمىنى سېئىرلار ئۇنىڭغا تەۋە بولىدۇ؛ ئىسرائىل بولسا باتۇرلۇق قىلىدۇ. 18
ياقۇپتىن چىققان بىرى سەلتەنەت سۈرىدۇ، شەھەردە قالغان ھەممەيلەننى يوقىتىدۇ». 19
ئاندىن بالائام ئامالەكنى كۆرۈپ، مۇنداق كالام سۆزىنى ئېيتتى: — «ئامالەك ئىدى ئەسلى ئەللەر ئارىسىدا باش، ئەمدى ھالاكەتتۇر تەقدىر-قىسمىتى». 20
ئاندىن بالائام كېنىيلەرنى كۆرۈپ مۇنداق كالام سۆزىنى ئېيتتى: — «سېنىڭ ماكانىڭ مۇستەھكەم بولۇپ، چاڭگاڭ قورام تاش ئىچىدە بولسىمۇ، 21
لېكىن سىلەر كېنىيلەر ھالاك قىلىنىپ تۇرىسىلەر؛ تاكى ئاشۇر سىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ كەتكۈچە». 22
بالائام يەنە كالام سۆزىنى داۋام قىلىپ مۇنداق دېدى: — «ئاھ ، تەڭرى بۇ ئىشلارنى قىلغان چېغىدا، كىم تىرىك قېلىشقا قادىر بولار؟ 23
كىتتىم تەرەپلىرىدىن كېمىلەر كېلىپ، زۇلۇم-زەخمەت سالىدۇ ئاشۇرغا، زۇلۇم-زەخمەت سالىدۇ ئېبەرگە؛ لېكىن [كىتتىمدىن كەلگۈچى] ئۆزىمۇ ھالاكەتكە يۈزلىنەر. 24
شۇنىڭ بىلەن بالائام ئورنىدىن قوپۇپ ئۆز يۇرتىغا قايتتى؛ بالاقمۇ ئۆز يولىغا ماڭدى. 25

< چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 24 >