< چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 19 >

پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — 1
여호와께서 모세와 아론에게 일러 가라사대
مەن پەرۋەردىگار ئەمر قىلغان قانۇن-بەلگىلىمە شۇكى: — سەن ئىسرائ‍ىللارغا بۇيرۇغىن، ئۇلار بېجىرىم، نۇقسانسىز، بويۇنتۇرۇق سېلىنمىغان قىزىل ياش سىيىردىن بىرنى سېنىڭ يېنىڭغا ئەكەلسۇن. 2
여호와의 명하는 법의 율례를 이제 이르노니 이스라엘 자손에게 일러서 온전하여 흠이 없고 아직 멍에 메지 아니한 붉은 암송아지를 네게로 끌어 오게 하고
سەن سىيىرنى كاھىن ئەلىئازارغا تاپشۇر، ئۇ ئۇنى چېدىرگاھنىڭ سىرتىغا ئەپچىقسۇن، ئاندىن بىرسى سىيىرنى ئۇنىڭ ئالدىدا بوغۇزلىسۇن. 3
너는 그것을 제사장 엘르아살에게 줄 것이요 그는 그것을 진 밖으로 끌어 내어서 자기 목전에서 잡게 할것이며
كاھىن ئەلىئازار بارمىقىنى قانغا مىلەپ، جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا قارىتىپ يەتتە مەرتەم چاچسۇن. 4
제사장 엘르아살은 손가락에 그 피를 찍고 그 피를 회막 앞을 향하여 일곱번 뿌리고
ئاندىن بىرسى ئەلىئازارنىڭ كۆز ئالدىدا پۈتكۈل سىيىرنى كۆيدۈرسۇن، يەنى ئۇنىڭ تېرىسى، گۆشى، قېنى ۋە تېزەكلىرىنى كۆيدۈرسۇن. 5
그 암소를 자기 목전에서 불사르게 하되 그 가죽과 고기와 피와 똥을 불사르게 하고
كاھىن كېدىر ياغىچى، زوفا ئۆسۈملۈكى ۋە قىزىل رەختنى سىيىر كۆيدۈرۈلىدىغان ئوتقا تاشلىسۇن. 6
동시에 제사장은 백향목과, 우슬초와, 홍색실을 취하여 암송아지를 사르는 불 가운데 던질 것이며
ئاندىن كاھىن ئۆز كىيىمىنى يۇسۇن ۋە بەدىنىنى سۇدا يۇسۇن، ئاندىن كېيىن بارگاھقا كىرىشكە بولىدۇ؛ لېكىن كاھىن كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. 7
제사장은 그 옷을 빨고 물로 몸을 씻은 후에 진에 들어갈 것이라 그는 저녁까지 부정하리라
سىيىرنى كۆيدۈرگەن كىشىمۇ كىيىملىرىنى سۇ بىلەن يۇيۇپ، ئۆز بەدىنىنى سۇدا يۇسۇن، ئاندىن ئۇ كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. 8
송아지를 불사른 자도 그 옷을 물로 빨고 물로 그 몸을 씻을 것이라 그도 저녁까지 부정하리라
پاك بىر ئادەم سىيىرنىڭ كۈلىنى يىغىپ بارگاھنىڭ سىرتىدىكى پاك بىر يەرگە قويسۇن؛ ئۇ ئىسرائىل جامائىتى ئۈچۈن «ناپاكلىقنى چىقارغۇچى سۇ»نى ياساشقا شۇ يەردە ساقلانسۇن، ئۇ بىر «گۇناھنى پاكلىغۇچى»دۇر. 9
이에 정한 자가 암송아지의 재를 거두어 진 밖 정한 곳에 둘지니 이것은 이스라엘 자손 회중을 위하여 간직하였다가 부정을 깨끗케 하는 물을 만드는데 쓸 것이니 곧 속죄제니라
سىيىرنىڭ كۈلىنى يىغىشتۇرغان ئادەم ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى يۇسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. بۇ ئىسرائ‍ىللارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارغا مەڭگۈلۈك قانۇن-بەلگىلىمە بولىدۇ. 10
암송아지의 재를 거둔 자도 그 옷을 빨 것이며 저녁까지 부정하리라 이는 이스라엘 자손과 그 중에 우거하는 외인에게 영원한 율례니라
ــ ئۆلۈككە، يەنى ھەرقانداق ئۆلگەن كىشىنىڭ جەسىتىگە تېگىپ كەتكەن ھەربىر كىشى يەتتە كۈن ناپاك سانىلىدۇ. 11
사람의 시체를 만진 자는 칠일을 부정하리니
ئۇ ئادەم ئۈچىنچى كۈنى [ئاشۇ سۇ] بىلەن ئۆزىنى پاكلىسۇن، ھەمدە يەتتىنچى كۈنىمۇ پاكلىسۇن، ئاندىن ئۇ پاك سانىلىدۇ؛ ئەگەر ئۇ ئۈچىنچى كۈنى ھەمدە يەتتىنچى كۈنى ئۆزىنى پاكلىمىسا، پاك سانالمايدۇ. 12
그는 제 삼일과 제 칠일에 이 잿물로 스스로 정결케 할 것이라 그리하면 정하려니와 제 삼일과 제 칠일에 스스로 정결케 아니하면 그냥 부정하니
ھەرقانداق ئادەم ئۆلۈككە، يەنى ھەرقانداق ئۆلگەن كىشىنىڭ جەسىتىگە تېگىپ كەتسە، ھەمدە ئۆزىنى پاكلىمىسا، پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرىنى بۇلغىغان بولىدۇ؛ شۇ كىشى ئىسرائىل ئارىسىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ چۈنكى «ناپاكلىقنى چىقارغۇچى سۇ» ئۇنىڭغا سېپىلمىگەچكە، ئۇ ناپاك سانىلىدۇ؛ ئۇنىڭ ناپاكلىقى تېخىچە ئۈستىدە تۇرىدۇ. 13
누구든지 죽은 사람의 시체를 만지고 스스로 정결케 아니하는 자는 여호와의 성막을 더럽힘이라 그가 이스라엘에서 끊쳐질 것은 정결케 하는 물을 그에게 뿌리지 아니하므로 깨끗케 되지 못하고 그 부정함이 있음이니라
ئەگەر بىرەر كىشى بىر چېدىر ئىچىدە ئۆلۈپ قالغان بولسا، ئۇ توغرۇلۇق قانۇن-بەلگىلىمە مۇنداق بولىدۇ: — شۇ چېدىرغا كىرگەن ھەربىرسى ۋە چېدىردا تۇرۇپ قالغانلارنىڭ ھەربىرى يەتتە كۈن ناپاك سانىلىدۇ. 14
장막에서 사람이 죽을 때의 법은 이러하니 무릇 그 장막에 들어가는 자와 무릇 그 장막에 있는 자가 칠일 동안 부정할 것이며
ھەربىر ئوچۇق تۇرغان، ئاغزى يېپىلمىغان قاچا-قۇچىلارنىڭ ھەممىسى ناپاك سانىلىدۇ. 15
무릇 뚜껑을 열어 놓고 덮지 아니한 그릇도 부정하니라
شۇنىڭدەك دالادا قىلىچ-شەمشەر بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەرگە، ياكى ئۆزى ئۆلۈپ قالغاننىڭ ئۆلۈكىگە، ياكى ئادەمنىڭ ئۇستىخىنىنىغا ياكى قەبرىسىگە تەگكەن ھەربىر كىشى يەتتە كۈنگىچە ناپاك سانىلىدۇ. 16
누구든지 들에서 칼에 죽이운 자나 시체나 사람의 뼈나 무덤을 만졌으면 칠일동안 부정하리니
كىشىلەر بۇ ناپاك كىشى ئۈچۈن «پاكلاندۇرغۇچى قۇربانلىق»نىڭ كۈلىدىن ئازراق ئېلىپ كومزەككە سېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئېقىن سۇ قۇيسۇن. 17
그 부정한 자를 위하여 죄를 깨끗하게 하려고 불사른 재를 취하여 흐르는 물과 함께 그릇에 담고
ئاندىن پاك بىر كىشى زوفا ئۆسۈملۈكىنى ئېلىپ شۇ سۇغا تەگكۈزۈپ ئۇنى چېدىرغا ۋە ئىچىدىكى بارلىق قاچا-قۇچىلارغا ھەم شۇ يەردە تۇرغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئۈستىگە سېپىپ قويسۇن، ۋە يەنە ئۇنى ئۇستىخانغا، ئۆلتۈرۈلگۈچىگە ياكى قەبرىگە تەگكەن كىشىنىڭ ئۈستىگە سېپىپ قويسۇن. 18
정한 자가 우슬초를 취하여 그 물을 찍어서 장막과 그 모든 기구와 거기 있는 사람들에게 뿌리고 또 뼈나 죽임을 당한 자나 시체나 무덤을 만진 자에게 뿌리되
ئۈچىنچى كۈنى ۋە يەتتىنچى كۈنى ھېلىقى پاك ئادەم [پاك بولمىغان ئادەملەرنىڭ] ئۈستىگە شۇ سۇنى سېپىپ قويسۇن؛ شۇنداق قىلغاندا، يەتتىنچى كۈنىگە كەلگەندە ئۇ كىشى پاكلانغان بولىدۇ؛ ئاندىن ئۇ كىشى كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بەدىنىنى سۇدا يۇسۇن، كەچ كىرگەندە ئۇ پاك سانىلىدۇ. 19
그 정한 자가 제 삼일과 제 칠일에 그 부정한 자에게 뿌려서 제 칠일에 그를 정결케 할 것이며 그는 자기 옷을 빨고 물로 몸을 씻을 것이라 저녁이면 정하리라
لېكىن ناپاك بولۇپ قېلىپ، ئۆزىنى پاكلىمىغان كىشى پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس جايىنى بۇلغىغىنى ئۈچۈن، جامائەت ئارىسىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ «ناپاكلىقنى چىقارغۇچى سۇ» ئۇنىڭ ئۈستىگە سېپىلمىگەن، شۇڭا ئۇ ناپاك سانىلىدۇ. 20
사람이 부정하고도 스스로 정결케 아니하면 여호와의 성소를 더럽힘이니 그러므로 총회 중에서 끊쳐질 것이니라 그는 정결케 하는 물로 뿌리움을 받지 아니하였은즉 부정하니라
بۇ ئىسرائ‍ىللارغا مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بولىدۇ. «ناپاكلىقنى چىقارغۇچى سۇ»نى سەپكەن كىشى بولسا ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى يۇسۇن ۋە «ناپاكلىقنى چىقارغۇچى سۇ»غا تەگكەن كىشى كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. 21
이는 그들의 영영한 율례니라 정결케 하는 물을 뿌린 자는 그 옷을 빨 것이며 정결케 하는 물을 만지는 자는 저녁까지 부정할 것이며
ناپاك كىشى تەگكەن ھەرقانداق نەرسىمۇ ناپاك سانىلىدۇ؛ بۇ نەرسىلەرگە تەگكەن كىشىلەرمۇ كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. 22
부정한 자가 만진 것은 무엇이든지 부정할 것이며 그것을 만지는 자도 저녁까지 부정하리라

< چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 19 >