< چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 15 >

پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — 1
سەن ئىسرائ‍ىللارغا مۇنداق دېگىن: — سىلەر ماكانلىشىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە تەقدىم قىلىپ بېرىدىغان زېمىنغا كىرگەن چېغىڭلاردا، 2
ئەگەر پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان، ئۇنىڭغا خۇشبۇي بولسۇن دەپ بىرەر ھەدىيە-قۇربانلىق قىلماقچى بولساڭلار، قۇربانلىق كالا ياكى قوي-ئۆچكە پادىسىدىن بولسۇن. ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولسۇن، قەسەمنى ئادا قىلىش قۇربانلىقى بولسۇن، ئىختىيارىي قۇربانلىق ياكى سىلەرگە بېكىتىلگەن ھېيتلاردىكى زۆرۈر قۇربانلىق بولسۇن، 3
قۇربانلىق سۇنغۇچى كىشى پەرۋەردىگارغا ئاتىغىنىغا بىر ئاشلىق ھەدىيەسىنى قوشۇپ كەلتۈرسۇن. كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى باشقا قۇربانلىق قوزا بولسا، ئۇنداقتا ئاشلىق ھەدىيەسى زەيتۇن مېيىدىن بىر ھىننىڭ تۆتتىن بىرى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرى بولسۇن؛ ئۇنىڭغا يەنە شاراب ھەدىيەسى سۈپىتىدە تۆتتىن بىر ھىن شارابنى قۇشۇپ سۇنسۇن. 4
5
قۇربانلىقىڭ قوچقار بولسا، سەن ئۇنىڭغا ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە ئۈچتىن بىر ھىن زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسى بولسۇن 6
ۋە شاراب ھەدىيەسى سۈپىتىدە تۆتتىن بىر ھىن شارابنى قۇشۇپ سۇنسۇن؛ بۇلار پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقارسۇن دەپ سۇنۇلسۇن. 7
ئەگەر سەن پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ياكى قەسەم ئادا قىلىش قۇربانلىقى ياكى ئىناقلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە تورپاق ئاتىغان بولساڭ، 8
ئۇنداقتا تورپاققا ئاشلىق ھەدىيە سۈپىتىدە يېرىم ھىن زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن ئەفاھنىڭ ئوندىن ئۈچىنى، 9
شاراب ھەدىيە سۈپىتىدە يېرىم ھىن شارابنى قوشۇپ سۇنغىن؛ بۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ ئوتتا سۇنۇلۇپ، خۇشبۇي چىقارسۇن دەپ كەلتۈرۈلسۇن. 10
ھەربىر سۇنۇلغان تورپاق، قوچقار، قوزا ياكى ئوغلاققا نىسبەتەن مۇشۇنداق قىلىنسۇن. 11
سىلەر سۇنىدىغىنىڭلارنىڭ سانى بويىچە، ھەرخىل قۇربانلىقنىڭ سانىغا قاراپ شۇنداق قىلىسىلەر. 12
شۇ زېمىندا تۇغۇلغانلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقارسۇن دەپ، ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق قىلماقچى بولسا ئەنە شۇنداق قىلسۇن. 13
شۇنىڭدەك سىلەر بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان مۇساپىر ياكى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد سىلەر بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقانلار بولسا، خۇشبۇي چىقارسۇن دەپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، سىلەر قانداق قىلغان بولساڭلار، ئۇلارمۇ شۇنداق قىلسۇن. 14
پۈتكۈل جامائەتكە، مەيلى سىلەر بولۇڭلار ياكى سىلەر بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان مۇساپىر بولسۇن، ھەممىڭلار ئۈچۈن ئوخشاش بىر بەلگىلىمە بولىدۇ؛ سىلەر ئۈچۈن دەۋرمۇ-دەۋر ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ؛ پەرۋەردىگار ئالدىدا سىلەر قانداق بولساڭلار، مۇساپىرلارمۇ شۇنداقتۇر. 15
سىلەرگىمۇ، ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارغىمۇ ئوخشاش بىر قانۇن-بەلگىلىمە، ئوخشاش بىر ھۆكۈم بولسۇن. 16
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — 17
سەن ئىسرائ‍ىللارغا سۆز قىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: — «سىلەر مەن سىلەرنى ئەكىرىدىغان زېمىنغا يېتىپ بارغاندا، 18
شۇ يەردىن چىققان ئاشلىقنى يەيدىغان چېغىڭلاردا، پەرۋەردىگارغا بىر «كۆتۈرمە ھەدىيە» تەقدىم قىلىڭلار. 19
سىلەر ھەربىر يېڭى خېمىردىن پىشقان نانلاردىن بىرىنى «كۆتۈرمە ھەدىيە» قىلىپ تەقدىم قىلىڭلار؛ سىلەر ئۇنى تەقدىم قىلغاندا خۇددى خاماننىڭ «كۆتۈرمە ھەدىيە»سىگە ئوخشاش بولسۇن. 20
دەۋردىن-دەۋرگە سىلەر دەسلەپكى ھوسۇلدىن چىققان خېمىردىن بىر ناننى «كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە پەرۋەردىگارغا سۇنۇڭلار. 21
ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلار بىلمەي ئېزىپ گۇناھ قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغان بۇ بارلىق ئەمىرلىرىگە ئەمەل قىلمىغان بولساڭلار، 22
يەنى پەرۋەردىگار بۇيرۇغان كۈندىن ئېتىبارەن بارلىق ئەۋلادلىرىڭلارغىچە پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن سىلەرگە بۇيرۇغان بارلىق ئىشلىرىغا ئەمەل قىلمىغان بولساڭلار، 23
جامائەت شۇنداق بىرەر گۇناھنىڭ بىلمەي ئۆتكۈزۈلگەنلىكىدىن خەۋەرسىز بولسا، ئۇنداقتا پۈتكۈل جامائەت پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقارسۇن دەپ ياش بىر تورپاقنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنسۇن ھەمدە قائىدە-نىزام بويىچە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئاشلىق ھەدىيە بىلەن شاراب ھەدىيەنى قوشۇپ سۇنسۇن، ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر تېكىنى گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنسۇن. 24
شۇ يول بىلەن كاھىن پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈپ، بۇ گۇناھ ئۇلاردىن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ چۈنكى بۇ بىلمەي ئۆتكۈزۈپ قويغان گۇناھ ۋە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىلمەي ئۆتكۈزۈپ قويغان گۇناھى ئۈچۈن قۇربانلىق، يەنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق ۋە گۇناھ قۇربانلىقىنى بىرلىكتە پەرۋەردىگار ئالدىغا سۇنغان. 25
بۇ گۇناھ پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ ھەممىسىدىن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، چۈنكى بۇ پۈتكۈل خەلق بىلمەي تۇرۇپ ئۆتكۈزۈپ قويغان گۇناھتۇر. 26
ئەگەر بىر كىشى بىلمەستىن گۇناھ قىلىپ قويغان بولسا، ئۇ بىر ياشلىق بىر چىشى ئوغلاقنى گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنسۇن. 27
كاھىن شۇ يول بىلەن بىلمەي گۇناھ قىلىپ قويغان ئادەم ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرسە ئۇنىڭ پەرۋەردىگار ئالدىدا بىلمەي ئۆتكۈزگەن گۇناھى ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. 28
بىلمەي بىرەر سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويغان بارلىق كىشىلەرگە، مەيلى شۇ زېمىندا تۇغۇلغان ئىسرائ‍ىللار بولسۇن ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارغا بولسۇن، — سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا ئوخشاش بىر قانۇن-بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ. 29
لېكىن يۈرىكىنى قاپتەك قىلىپ ئىش كۆرگەن كىشى، مەيلى ئۇ زېمىندا تۇغۇلغان بولسۇن ياكى مۇساپىر بولسۇن، پەرۋەردىگارغا ھاقارەت كەلتۈرگەن بولىدۇ؛ ئۇ ھامان ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. 30
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى مەنسىتمىگەنىكەن، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانىكەن؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ چوقۇم ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ گۇناھى ئۆزىنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ. 31
ئىسرائ‍ىللار چۆل-جەزىرىدىكى ۋاقىتلىرىدا، بىر كىشىنىڭ شابات كۈنىدە ئوتۇن تەرگەنلىكى بايقالدى. 32
ئوتۇن تېرىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالغانلار ئۇنى مۇسا، ھارۇن ۋە پۈتكۈل جامائەتنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. 33
ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەكلىكى تېخى كۆرسىتىلمىگەچكە، ئۇلار ئۇنى قاماپ قويدى. 34
پەرۋەردىگار مۇساغا: — ئۇ ئادەم ئۆلتۈرۈلمىسە بولمايدۇ؛ پۈتۈن جامائەت ئۇنى بارگاھنىڭ تېشىغا ئەپچىقىپ چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرسۇن، — دېدى. 35
ئاندىن پۈتۈن جامائەت ئۇ ئادەمنى بارگاھ سىرتىغا ئەپچىقىپ، خۇددى پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغاندەك، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى. 36
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — 37
سەن ئىسرائ‍ىللارغا مۇنداق دېگىن، ئۇلار ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ چۆرىسىگە چۇچىلارنى تۇتسۇن ھەم بۇرجىكىدىكى چۇچىلىرىنىڭ ھەربىرىگە كۆك شوينا تىكىپ قويسۇن؛ 38
بۇ خىل چۇچىلار سىلەرنىڭ ئۇنى تىكىپ تۇرۇشۇڭلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ ئۇنى كۆرگەندە پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەمرلىرىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇپ، ئۇلارغا ئەمەل قىلىشىڭلار ئۈچۈن بۇ سىلەرگە بىر ئەسلەتمە بولىدۇ؛ شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ ھازىرقىدەك ئۆزۈڭلارنىڭ كۆڭلۈڭلار ۋە كۆزۈڭلارنىڭ كەينىگە كىرىپ، قاتىراپ بۇزۇقلۇق قىلىپ كەتمەسلىكىڭلار، 39
مېنىڭ بارلىق ئەمرلىرىمنى ئەستە تۇتۇشۇڭلار ھەم ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ، خۇدايىڭلارغا ئاتاپ پاك-مۇقەددەس بولۇشۇڭلار ئۈچۈن بولسۇن. 40
مەن خۇدايىڭلار بولۇش ئۈچۈن سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ مەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردۇرمەن. 41

< چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 15 >