< چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 14 >

شۇنىڭ بىلەن بارلىق جامائەت داد-پەرياد كۆتۈرۈپ يىغلىدى؛ ئۇلار كېچىچە يىغا-زار قىلىشىپ چىقتى. 1
ئىسرائ‍ىللار مۇسا بىلەن ھارۇنغا تاپا-تەنە قىلىپ: — بىز بالدۇرلا مىسىردا ئۆلۈپ كەتسەك بوپتىكەن! مۇشۇ چۆل-جەزىرىدە ئۆلۈپ كەتسەك بوپتىكەن! 2
پەرۋەردىگار نېمىشقا بىزنى قىلىچ ئاستىدا ئۆلسۇن، خوتۇن بالا-چاقىلىرىمىز بۇلىنىپ، [دۈشمەننىڭ] ئولجىسى بولسۇن دەپ بىزنى بۇ يەرگە باشلاپ كەلگەندۇ؟ ئۇنىڭدىن كۆرە، مىسىرغا قايتىپ كەتكىنىمىز ياخشى ئەمەسمۇ؟ — دەپ غوتۇلداشتى. 3
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر-بىرىگە: — باشقىدىن بىر باشلىق تىكلەپ مىسىرغا قايتىپ كېتەيلى، — دېيىشتى. 4
مۇسا بىلەن ھارۇن پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتى ئالدىدا يىقىلىپ دۈم ياتتى. 5
شۇ يەرنى چارلاپ كەلگەنلەر ئىچىدىكى نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا بىلەن يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەب كىيىملىرىنى يىرتىپ، 6
پۈتۈن ئىسرائىل جامائەتچىلىكىگە: — بىز چارلاپ كېلىشكە ئۆتۈپ بارغان زېمىن ئىنتايىن بەك ياخشى زېمىن ئىكەن. 7
ئەگەر پەرۋەردىگار بىزدىن سۆيۈنسە، بىزنى شۇ زېمىنغا، يەنى ھەسەل بىلەن سۈت ئېقىپ تۇرىدىغان شۇ زېمىنغا باشلاپ بېرىپ، ئۇنى بىزگە بېرىدۇ. 8
سىلەر پەقەت پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلماڭلار! ئۇ زېمىنىدىكىلەردىن قورقماڭلار، چۈنكى ئۇلار بىزگە نىسبەتەن بىر غىزادۇر؛ ئۇلارنىڭ پاناھدارلىرى ئۇلاردىن كەتتى، پەرۋەردىگار بولسا بىز بىلەن بىللە؛ ئۇلاردىن قورقماڭلار، — دېدى. 9
ھالبۇكى، پۈتكۈل جامائەت تەرەپ-تەرەپتىن: — ئۇ ئىككىسىنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتەيلى، دېيىشتى. لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى جامائەت چېدىرىدا ئىسرائ‍ىللارغا ئايان بولدى. 10
پەرۋەردىگار مۇساغا: — بۇ خەلق مېنى قاچانغىچە مەنسىتمەيدۇ؟ گەرچە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا شۇنچە مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى ياراتقان بولساممۇ، لېكىن ئۇلار ماڭا قاچانغىچە ئىشىنىشمەيدىكەن؟ 11
مەن ئۇلارنى ۋابا بىلەن ئۇرۇپ يوقىتىمەن، شۇنىڭ بىلەن سېنى ئۇلاردىن تېخىمۇ چوڭ ۋە قۇدرەتلىك بىر ئەل قىلىمەن، — دېدى. 12
مۇسا بولسا پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى: — «بۇنداق بولىدىغان بولسا بۇ ئىشنى مىسىرلىقلار ئاڭلاپ قالىدۇ، چۈنكى سەن ئۇلۇغ قۇدرىتىڭ بىلەن بۇ خەلقنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئېلىپ چىققانىدىڭ؛ 13
ۋە مىسىرلىقلار بۇ ئىشنى شۇ زېمىندىكى خەلقلەرگىمۇ ئېيتىدۇ. ئۇ زېمىندىكى ئاھالىمۇ سەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇ خەلقنىڭ ئارىسىدا ئىكەنلىكىڭنى، سەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارنىڭ ئالدىدا يۈزمۇيۈز كۆرۈنگەنلىكىڭنى، سېنىڭ بۇلۇتىڭ دائىم ئۇلارغا سايە چۈشۈرۈپ كەلگەنلىكىنى، شۇنداقلا سېنىڭ كۈندۈزى بۇلۇت تۈۋرۈكىدە، كېچىسى ئوت تۈۋرۈكىدە ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭغانلىقىڭنى ئاڭلىغانىدى. 14
ئەمدى سەن بۇ خەلقنى خۇددى بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگەندەك ئۆلتۈرۈۋەتسەڭ، سېنىڭ نام-شۆھرىتىڭنى ئاڭلىغان ئەللەرنىڭ ھەممىسى: 15
«پەرۋەردىگار بۇ خەلقنى ئۆزى ئۇلارغا بېرىشكە قەسەم قىلغان زېمىنغا باشلاپ بارالمايدىغانلىقى ئۈچۈن، شۇڭا ئۇلارنى ئەشۇ چۆل-جەزىرىدە ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ» دەپ قالىدۇ. 16
ئەمدى ئۆتۈنىمەنكى، رەببىم قۇدرىتىڭنى جارى قىلدۇرغايسەن، ئۆزۈڭنىڭ: 17
«پەرۋەردىگار ئاسانلىقچە ئاچچىقلانمايدۇ، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى تېشىپ تۇرىدۇ؛ ئۇ گۇناھ ۋە ئىتائەتسىزلىكنى كەچۈرىدۇ، لېكىن گۇناھكارلارنى ھەرگىز گۇناھسىز دەپ قارىمايدۇ، ئاتىلارنىڭ قەبىھلىكىنى ئاتىسىدىن بالىسىغىچە، ھەتتا نەرۋە-چەۋرىلىرىگىچە ئۇلارنىڭ ئۈستىگە يۈكلەيدۇ» دېگىنىڭدەك قىلغايسەن. 18
مېھرىي-شەپقىتىڭنىڭ كەڭرىلىكى بويىچە، مىسىردىكى چاغدىن تاكى ھازىرغىچە دائىم كەچۈرۈپ كەلگىنىڭدەك، بۇ خەلقنىڭ قەبىھلىكىنى كەچۈرگەيسەن!». 19
پەرۋەردىگار: — «بوپتۇ، سەن دېگەندەك ئۇلارنى كەچۈردۈم. 20
لېكىن ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، پۈتكۈل يەر يۈزى مەن پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى بىلەن تولىدۇ. 21
ھالبۇكى، مېنىڭ جۇلايىمنى، مىسىردا ۋە چۆل-جەزىرىدە كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلىرىمنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ مېنى مۇشۇنداق ئون قېتىملاپ سىناپ يەنە ئاۋازىمغا قۇلاق سالمىغانلار، 22
مەن قەسەم ئىچىپ ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا مىراس قىلىپ بېرىمەن دېگەن ئۇ زېمىننى ھەرگىز كۆرەلمەيدۇ؛ مېنى مەنسىتمىگەنلەردىن بىرىمۇ ئۇ يۇرتنى كۆرەلمەيدۇ. 23
لېكىن ئۆزىدە باشقىچە بىر روھنىڭ بولغىنى، پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭا ئەگەشكىنى ئۈچۈن قۇلۇم كالەبنى ئۇ كىرگەن يەرگە باشلاپ كىرىمەن؛ ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ ئۇ يەرگە مىراسخور بولىدۇ. 24
‹شۇ چاغدا ئامالەكلەر بىلەن قانائانىيلار [تاغلىق] جىلغىلاردا تۇرۇۋاتاتتى› — ئەتە سىلەر يولۇڭلاردىن بۇرۇلۇپ، قىزىل دېڭىزغا بارىدىغان يول بىلەن مېڭىپ چۆلگە سەپەر قىلىڭلار» — دېدى. 25
پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: 26
— مەن مېنىڭ يامان گېپىمنى قىلىپ غوتۇلدىشىدىغان بۇ رەزىل جامائەتكە قاچانغىچە چىدىشىم كېرەك؟ ئىسرائ‍ىللارنىڭ مېنىڭ يامان گېپىمنى قىلغانلىرى، شۇ [توختاۋسىز] غوتۇلداشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلىدىم. 27
سەن ئۇلارغا: — پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، خەپ، مەن سىلەرگە قۇلىقىمغا كىرگەن سۆزلىرىڭلار بويىچە مۇئامىلە قىلمايدىغان بولسام! 28
سىلەرنىڭ ئۆلۈكۈڭلار مۇشۇ چۆلدە ياتىدۇ؛ سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر، يەنى يېشى يىگىرمىدىن ئاشقان، مېنىڭ يامان گېپىمنى قىلىپ غوتۇلدىغانلارنىڭ ھەممىسى پۈتۈن سانى بويىچە 29
سىلەرگە قول كۆتۈرۈپ [قەسەم قىلىپ]، تۇرالغۇڭلار قىلىپ بېرىمەن دېگەن زېمىنغا ھېچ كىرەلمەيدۇ؛ پەقەت يەفۇنمەهنىڭ ئوغلى كالەب بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئالا كىرىدۇ. 30
سىلەرنىڭ كىچىك بالىلىرىڭلار، يەنى «بۇلىنىپ، دۈشمەننىڭ ئولجىسى بولۇپ قالىدۇ» دېيىلگەنلەرنى مەن باشلاپ كىرىمەن، ئۇلار سىلەر كەمسىتكەن ئۇ زېمىندىن بەھرىمەن بولىدۇ. 31
بىراق سىلەر بولساڭلار، سىلەر يىقىلىپ، ئۆلۈكۈڭلار بۇ چۆلدە قالىدۇ. 32
سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بۇزۇقلۇق-ۋاپاسىزلىقىڭلارنىڭ ئەلىمىنى تارتىپ، ئۆلۈكۈڭلار چۆلدە يوقالغۇچە، بۇ چۆلدە قىرىق يىل سەرگەردان بولۇپ يۈرىدۇ. 33
سىلەرنىڭ شۇ زېمىننى چارلىغان كۈنلىرىڭلارنىڭ سانى بويىچە، قىرىق كۈننىڭ ھەربىر كۈنىنى بىر يىل ھېسابلاپ، قەبىھلىكلىرىڭلارنى قىرىق يىل ئۆز ئۈستۈڭلارغا ئېلىپ يۈرىسىلەر؛ شۇ چاغدا مېنىڭ ئۆزۈڭلاردىن ياتلاشقىنىمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىسىلەر» — دېگىن. 34
مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دېگەنىكەنمەن، يىغىلىپ ماڭا قارشى چىققان بۇ رەزىل خەلق جامائىتىگە مەن چوقۇم شۇنداق قىلىمەن؛ ئۇلار مۇشۇ چۆل-جەزىرىدە يەۋېتىلىدۇ، شۇ يەردە ئۆلىدۇ. 35
مۇسا ئۇ زېمىننى چارلاپ كېلىشكە ئەۋەتكەنلەر قايتىپ كەلگەندە، ئۇ زېمىن توغرۇلۇق يامان خەۋەر ئېلىپ كېلىش بىلەن پۈتۈن جامائەتنى غوتۇلدىتىپ، مۇسانىڭ يامان گېپىنى قىلغۇزغانلار، 36
يەنى ئۇ زېمىن توغرۇلۇق يامان خەۋەر ئەكەلگەن بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ۋابا كېسىلى تېگىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۆلدى. 37
زېمىننى چارلاپ كېلىشكە بارغان ئادەملەر ئىچىدىن پەقەت نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا بىلەن يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەبلا ھايات قالدى. 38
مۇسا بۇ گەپلەرنى پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىگە ئېيتىۋىدى، ھەممىسى بەك ھەسرەت چەكتى. 39
ئۇلار ئەتىگەن تاڭ ئاتقاندا تۇرۇپ تاغقا چىقىپ: — مانا بىز كەلدۇق! پەرۋەردىگار ئېيتقان يۇرتقا چىقىپ ھۇجۇم قىلايلى؛ چۈنكى بىز گۇناھ قىلدۇق، — دېيىشتى. 40
— سىلەر يەنە نېمىشقا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىسىلەر؟ — دېدى مۇسا، — بۇ ئىش غەلىبىلىك بولمايدۇ! 41
پەرۋەردىگار ئاراڭلاردا بولمىغاچقا، دۈشمەننىڭ قىلىچى ئاستىدا ئۆلۈپ، مەغلۇپ بولماسلىقىڭلار ئۈچۈن ھۇجۇمغا چىقماڭلار. 42
چۈنكى ئامالەكلەر بىلەن قانائانىيلار ئۇ يۇرتتا، سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا تۇرىدۇ؛ سىلەر قىلىچ ئاستىدا ئۆلۈپ كېتىسىلەر؛ چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگاردىن تېنىپ كەتتىڭلار، پەرۋەردىگار سىلەر بىلەن بىللە بولمايدۇ. 43
لېكىن، گەرچە پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ۋە مۇسا بارگاھتىن قوزغالمىغان بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئۆز مەيلىچە تاغقا چىقىپ ھۇجۇمغا ئۆتتى. 44
شۇنىڭ بىلەن ئامالەكلەر بىلەن شۇ تاغدا تۇرۇشلۇق قانائانىيلار چۈشۈپ ئۇلارنى تاكى خورماھغىچە قوغلاپ، بىتچىت قىلىپ قىرغىن قىلدى. 45

< چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 14 >