< چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 13 >

پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: — 1
مەن ئىسرائ‍ىللارغا مىراس قىلىپ بەرگەن قانائان زېمىنىنى چارلاپ كېلىشكە ئادەملەرنى ئەۋەتكىن؛ ھەربىر ئاتا جەمەتكە تەۋە قەبىلىدىن بىردىن ئادەم چىقىرىلسۇن، ئۇلار ئۆز قەبىلىسىدىكى ئەمىر بولسۇن، — دېدى. 2
مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، ئۇلارنى پاران چۆلىدىن يولغا سالدى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسرائ‍ىللارنىڭ باشلىرى ئىدى. 3
تۆۋەندىكىلەر ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى: — رۇبەن قەبىلىسىدىن زاككۇرنىڭ ئوغلى شاممۇيا، 4
شىمېئون قەبىلىسىدىن خورىنىڭ ئوغلى شافات، 5
يەھۇدا قەبىلىسىدىن يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەب، 6
ئىسساكار قەبىلىسىدىن يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئىگال، 7
ئەفرائىم قەبىلىسىدىن نۇننىڭ ئوغلى ھوشىيا، 8
بىنيامىن قەبىلىسىدىن رافۇنىڭ ئوغلى پالتى، 9
زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن سودىنىڭ ئوغلى گاددىيەل، 10
يۈسۈپ قەبىلىسىدىن، يەنى ماناسسەھ قەبىلىسىدىن سۇسىنىڭ ئوغلى گاددى، 11
دان قەبىلىسىدىن گىماللىنىڭ ئوغلى ئاممىيەل، 12
ئاشىر قەبىلىسىدىن مىكائىلنىڭ ئوغلى سەتۇر، 13
نافتالى قەبىلىسىدىن ۋوفسىنىڭ ئوغلى ناھبى، 14
گاد قەبىلىسىدىن ماكىنىڭ ئوغلى گېئۇئەل. 15
مانا بۇلار مۇسا چارلاپ كېلىڭلار دەپ قانائان زېمىنىغا ئەۋەتكەن ئادەملەرنىڭ ئىسمى. مۇسا نۇننىڭ ئوغلى ھوشىيانى يەھوشۇيا دەپ ئاتىدى. 16
مۇسا ئۇلارنى چارلاپ كېلىشكە قانائانغا سەپەرۋەر قىلىپ: — سىلەر مۇشۇ يەردىن نەگەۋ چۆلى تەرەپكە قاراپ مېڭىڭلار، ئاندىن تاغلىق رايونغا چىقىڭلار. 17
ئۇ يەرنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى، ئۇ يەردىكىلەرنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقىنى، ئاز ياكى كۆپلۈكىنى كۆرۈپ بېقىڭلار؛ 18
ئۇلار تۇرۇۋاتقان يەرنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى، ياخشى-يامانلىقىنى كۆرۈڭلار؛ ئۇلار تۇرۇۋاتقان شەھەرلەرنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى، بارگاھلىق شەھەر ياكى سېپىل-قەلئەلىك شەھەر ئىكەنلىكىنى؛ 19
ئۇ يەرنىڭ مۇنبەت ياكى مۇنبەتسىز ئىكەنلىكىنى، دەل-دەرەخلىرىنىڭ بار-يوقلۇقىنى كۆرۈپ كېلىڭلار. يۈرەكلىكرەك بولۇپ، مېۋە-چىۋىلىرىدىن ئالغاچ كېلىڭلار، — دېدى. بۇ چاغ دەل ئۈزۈم پىشىپ قالغان ۋاقىت ئىدى. 20
ئۇلار شۇ تەرەپلەرگە چىقىپ، زېمىننى زىن چۆلىدىن تارتىپ تاكى ھامات ئېغىزىنىڭ يېنىدىكى رەھوبقىچە بېرىپ چارلاشتى. 21
ئۇلار جەنۇب تەرەپتە ھېبرونغا باردى، ئۇ يەرلەردە ئاناقىيلارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئاھىمان، شىشاي، تالماي دېگەنلەر ئولتۇرۇشلۇق ئىدى. ئەسلىدە ھېبرون شەھىرى مىسىردىكى زوئان شەھىرىدىن يەتتە يىل ئىلگىرى ياسالغانىدى. 22
ئۇلار «ئەشكول جىلغىسى»غا كەلدى، ئۇ يەردە بىر ساپ ئۈزۈمى بار بىر ئۈزۈم شېخىنى كېسىپ، بىر بالداققا ئېسىپ ئىككى ئادەمگە كۆتۈرگۈزۈپ ماڭدى؛ ئۇلار ئازراق ئانار بىلەن ئەنجۈرمۇ ئېلىپ قايتىپ كەلدى. 23
ئىسرائ‍ىللار شۇ يەردە كېسىۋالغان ئەشۇ ئۈزۈم سەۋەبىدىن ئۇ يەر «ئەشكول جىلغىسى» ‹«[ئۈزۈم ساپىقى جىلغىسى]»› دەپ ئاتالدى. 24
ئۇلار قىرىق كۈندىن كېيىن ئۇ يەرلەرنى چارلاپ تۈگىتىپ، قايتىپ كەلدى. 25
ئۇلار كېلىپ، پاران چۆللۈكىدىكى قادەشتە مۇسا، ھارۇن ۋە پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇلار ئىككىيلەنگە ھەم پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىگە مەلۇمات بەردى ھەم زېمىننىڭ مېۋىلىرىنى ئۇلارغا كۆرسەتتى. 26
ئۇلار مۇساغا مەلۇمات بېرىپ: — بىز ئۆزلىرى بېرىڭلار دېگەن يەرلەرگە باردۇق، راستتىنلا سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان يەر ئىكەن، مانا بۇلار شۇ يەرنىڭ مېۋىلىرى. 27
بىراق ئۇ يەردىكىلەر بەك كۈچتۈڭگۈر ئىكەن، شەھەرلەر سېپىللىق بولۇپ ھەم پۇختا-ھەيۋەتلىك ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىز ئۇ يەردە ئاناقىيلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىمۇ كۆردۇق. 28
ئامالەكلەر جەنۇب تەرەپتە تۇرىدىكەن؛ ھىتتىيلار، يەبۇسىيلار، ئامورىيلار تاغلاردا تۇرىدىكەن؛ قانائانىيلار دېڭىز بويلىرىدا ۋە ئىئوردان دەرياسى بويلىرىدا تۇرىدىكەن، — دېدى. 29
كالەب مۇسانىڭ ئالدىدا كۆپچىلىكنى تىنچىتىپ: — بىز دەرھال ئاتلىنىپ بېرىپ ئۇ يەرنى ئىگىلەيلى! چۈنكى بىز چوقۇم غالىپ كېلىمىز — دېدى. 30
لېكىن ئۇنىڭ بىلەن بىللە چىققان باشقىلار بولسا: — ئۇلار بىزدىن كۈچلۈك ئىكەن، شۇڭا ئۇلارغا ھۇجۇم قىلساق بولمايدۇ، — دېيىشتى. 31
ئاندىن چارلىغۇچىلار ئۆزلىرى چارلاپ كەلگەن زېمىننىڭ ئەھۋالىدىن ئىسرائ‍ىللارغا يامان مەلۇمات بېرىپ: — بىز كىرىپ چارلاپ ئۆتكەن زېمىن بولسا ئۆز ئاھالىسىنى يەيدىغان زېمىن ئىكەن؛ بىز ئۇ يەردە كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى يوغان ئادەملەر ئىكەن. 32
بىز ئۇ يەرلەردە «نەفىلىيلەر» دېگەن [گىگانت] ئادەملەرنى كۆردۇق ‹دەرۋەقە ئاناقىيلارنىڭ ئەۋلادلىرى نەفىلىيلەردىن چىققاندۇر›؛ بىز ئۆزىمىزگە قارىساق چېكەتكىدەك تۇرىدىكەنمىز، بىز ئۇلارغىمۇ شۇنداق كۆرىنىدىكەنمىز، — دېدى. 33

< چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 13 >