< چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 12 >

مەرىيەم بىلەن ھارۇن مۇسانىڭ ھەبەشلىك قىزنى خوتۇنلۇققا ئالغىنى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قارشى سۆز قىلدى ‹چۈنكى ئۇ ھەبەشلىك بىر قىزنى ئالغانىدى›. 1
ئۇلار: — پەرۋەردىگار پەقەت مۇسا بىلەنلا سۆزلىشىپ، بىز بىلەن سۆزلەشمەپتىمۇ؟ — دېيىشتى. بۇ گەپنى پەرۋەردىگار ئاڭلىدى. 2
مۇسا دېگەن بۇ ئادەم ئىنتايىن كەمتەر-مۆمىن ئادەم بولۇپ، بۇ تەرەپتە يەر يۈزىدىكىلەر ئارىسىدا ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغىنى يوق ئىدى. 3
پەرۋەردىگار مۇسا، ھارۇن ۋە مەرىيەمگە تۇيۇقسىز: — سىلەر ئۈچۈڭلار جامائەت چېدىرىغا كېلىڭلار، — دېدى. ئۈچىلىسى چىقىپ كەلدى. 4
ئاندىن پەرۋەردىگار [ئەرشتىن] بۇلۇت تۈۋرۈكى ئىچىدە چۈشۈپ، جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىدا توختاپ، ھارۇن بىلەن مەريەمنى قىچقىرىۋىدى، ئۇلار ئالدىغا كەلدى. 5
ئۇ ئۇلارغا: — ئەمدى سىلەر گېپىمنى ئاڭلاڭلار، ئەگەر سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا پەيغەمبەر بولسا، مەن پەرۋەردىگار ئالامەت كۆرۈنۈشتە ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى ئايان قىلىمەن، چۈشىدە ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىمەن. 6
لېكىن قۇلۇم مۇساغا نىسبەتەن ئۇنداق ئەمەس؛ ئۇ بارلىق ئائىلەم ئىچىدە تولىمۇ سادىقتۇر؛ 7
مەن ئۇنىڭ بىلەن تېپىشماق ئېيتىپ ئولتۇرماي، يۈزمۇ يۈز تۇرۇپ بىۋاسىتە سۆزلىشىمەن؛ ئۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ قىياپىتىنى كۆرەلەيدۇ. ئەمدى سىلەر نېمىشقا قۇلۇم مۇسا توغرۇلۇق يامان گەپ قىلىشتىن قورقمىدىڭلار؟ — دېدى. 8
پەرۋەردىگارنىڭ ئوتلۇق غەزىپى ئۇلارغا قوزغالدى ۋە ئۇ كېتىپ قالدى. 9
شۇنىڭ بىلەن بۇلۇت جامائەت چېدىرى ئۈستىدىن كەتتى، ۋە مانا، مەريەم خۇددى ئاپئاق قاردەك پېسە-ماخاۋ بولۇپ كەتتى؛ ھارۇن بۇرۇلۇپ مەريەمگە قارىۋىدى، مانا، ئۇ پېسە-ماخاۋ بولۇپ قالغانىدى. 10
ھارۇن مۇساغا: — ۋاي خوجام! نادانلىق قىلىپ گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغانلىقىمىز سەۋەبىدىن بۇ گۇناھنى بىزنىڭ ئۈستىمىزگە ئارتمىغايسەن. 11
ئۇ خۇددى ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن چىققاندىلا بەدىنى يېرىم چىرىك، ئۆلۈك تۇغۇلغان بالىدەك بولۇپ قالمىغاي! — دېدى. 12
شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارغا: — ئى تەڭرى، ئۇنىڭ كېسىلىنى ساقايتىۋەتكەن بولساڭ، — دەپ نىدا قىلدى. 13
پەرۋەردىگار مۇساغا: — ئەگەر ئاتىسى ئۇنىڭ يۈزىگە تۈكۈرگەن بولسا، ئۇ يەتتە كۈن خىجىلچىلىق ئىچىدە تۇرغان بولاتتى ئەمەسمۇ؟ ئەمدى ئۇ بارگاھنىڭ سىرتىغا يەتتە كۈن قاماپ قويۇلسۇن، ئاندىن ئۇ قايتىپ كەلسۇن، — دېدى. 14
شۇنىڭ بىلەن مەريەم بارگاھ سىرتىغا يەتتە كۈن قاماپ قويۇلدى، تاكى مەريەم قايتىپ كەلگۈچە خەلق يولغا چىقماي تۇرۇپ تۇردى. 15
ئاندىن كېيىن خەلق ھازىروتتىن يولغا چىقىپ، پاران چۆلىدە بارگاھ قۇردى. 16

< چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 12 >