< چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 11 >

ۋە شۇنداق بولدىكى، خەلق غوتۇلدىشاتتى، ئۇلارنىڭ غوتۇلداشلىرى پەرۋەردىگارنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ ئىنتايىن رەزىل ئاڭلاندى؛ ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىدى ۋە ئۇنىڭ غەزىپى قوزغالدى؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئوت-يالقۇنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇتىشىپ، بارگاھنىڭ چېتىدىكى بەزىلەرنى كۆيدۈرۈشكە باشلىدى. 1
خەلق بۇ چاغدا مۇساغا يالۋۇرىۋىدى، مۇسا پەرۋەردىگاردىن تىلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئوت پەسىيىپ ئۆچتى. 2
پەرۋەردىگارنىڭ ئوتى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇتاشقانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئۇ يەرگە «تابەراھ» دەپ ئات قويدى. 3
ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شالغۇت كىشىلەرنىڭ نەپسى تاقىلداپ كەتتى، ئىسرائ‍ىللارمۇ يەنە يىغلاشقا باشلىدى: «ئەمدى بىزگە كىم گۆش بېرىدۇ؟ 4
ھېلىمۇ ئېسىمىزدىكى، بىز مىسىردىكى چاغلاردا پۇل خەجلىمەي تۇرۇپمۇ بېلىق يېيەلەيتتۇق، يەنە تەرخەمەك، تاۋۇز، پىياز ۋە كۈدە پىياز بىلەن سامساقمۇ بار ئىدى. 5
مانا بۇ يەردە ھازىر كۆز ئالدىمىزدا ماننادىن باشقا ھېچنېمە يوق، ئەمدى بىزنىڭ جېنىمىزمۇ قۇرۇپ كېتىۋاتىدۇ» دېيىشتى. 6
ماننا گويا يۇمغاقسۈت ئۇرۇقىغا، كۆرۈنۈشى گويا كەھرىۋاغا ئوخشايتتى. 7
كىشىلەر ئۇيان-بۇيان چېپىپ ئۇنى يىغىپ، بەزىدە يارغۇنچاقتا ئېزىپ، بەزىدە ھاۋانچىدا سوقۇپ، يا بەزىدە قازاندا پىشۇرۇپ نان قىلىپ يەيتتى؛ تەمى زەيتۇن مايلىق توقاچلارغا ئوخشايتتى. 8
كېچىدە بارگاھقا شەبنەم چۈشكەندە، ماننامۇ شۇنىڭ ئۈستىگە چۈشەتتى. 9
مۇسا خەلقنىڭ ئائىلىمۇ-ئائىلە ھەربىرى ئۆز چېدىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا يىغا-زار قىلىشىۋاتقىنىنى ئاڭلىدى؛ بۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى قاتتىق قوزغالدى، بۇ ئىش مۇسانىڭ نەزىرىدىمۇ يامان كۆرۈندى. 10
مۇسا پەرۋەردىگارغا: — سەن بۇ بارلىق خەلقنىڭ ئېغىر يۈكىنى ماڭا ئارتىپ قويۇپ، مەن قۇلۇڭنى نېمىشقا بۇنداق قىينايسەن؛ نېمىشقا مەن سېنىڭ ئالدىڭدا ئىلتىپات تاپمايمەن؟ 11
يا مەن بۇ پۈتۈن خەلققە ھامىلىدار بولۇپ، ئۇلارنى تۇغدۇممۇ؟ سەن تېخى ماڭا: «سەن ئۇلارنى مەن قەسەم ئىچىپ ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا مىراس قىلغان شۇ يەرگە يەتكۈزگۈچە، خۇددى باققان ئاتىسى ئەمچەكتىكى بوۋاقنى باغرىغا ئالغاندەك باغرىڭغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ ماڭ» دەۋاتىسەن؟ 12
مەن بۇ خەلققە نەدىن گۆش تېپىپ بېرەلەيمەن؟ چۈنكى ئۇلار ماڭا يىغلاپ: «سەن بىزگە يېگۈدەك گۆش تېپىپ بەر!» دېيىشمەكتە. 13
مەن بۇ خەلقنى كۆتۈرۈشنى يالغۇز ئۈستۈمگە ئېلىپ كېتەلمەيدىكەنمەن، بۇ ئىش ماڭا بەك ئېغىر كېلىۋاتىدۇ. 14
ئەگەر سەن ماڭا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلماقچى بولساڭ، مەن ئۆتۈنۈپ قالاي، بۇ خاراب ھالىتىمنى ماڭا كۆرسەتمەي، ئىلتىپات قىلىپ مېنى ئۆلتۈرۈۋەت! — دېدى. 15
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: — ئىسرائىل ئاقساقاللىرى ئىچىدىن، سەن يېنىمغا تونۇيدىغان خەلق ئاقساقاللىرى ۋە بەگلەردىن يەتمىشنى تاللاپ يىغقىن، ئۇلارنى جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئەكەل. ئۇلار سېنىڭ بىلەن بىللە شۇ يەردە تۇرسۇن. 16
مەن شۇ يەرگە چۈشۈپ سېنىڭ بىلەن سۆزلىشىمەن؛ ۋە سېنىڭ ئۈستۈڭدە تۇرۇۋاتقان روھنى ئېلىپ ئۇلارنىڭ ئۈستىگىمۇ بۆلۈپ قويىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سەن بىلەن بىللە خەلقنى كۆتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئاندىن سەن ئۇنى ئۆزۈڭ يالغۇز كۆتۈرمەيدىغان بولىسەن. 17
سەن خەلققە مۇنداق دېگىن: «ئەتە گۆش يىيىشكە تەييارلىنىپ ئۆزەڭلەرنى [خۇداغا] ئاتاپ پاكلاڭلار؛ چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ قۇلىقىنى ئاغرىتىپ يىغلاپ: «ئەمدى كىم بىزگە گۆش بېرىدۇ؟ ئاھ، مىسىردىكى ھالىمىز بەك ياخشى ئىدى!» دېگەنىدىڭلار ئەمەسمۇ؟ پەرۋەردىگار دەرۋەقە سىلەرگە گۆش بېرىدۇ، سىلەر ئۇنىڭدىن يەيسىلەر. 18
سىلەر بىر كۈن، ئىككى كۈن ئەمەس، بەش كۈن، ئون كۈن ئەمەس، يىگىرمە كۈنمۇ ئەمەس، 19
بەلكى پۈتۈن بىر ئاي يەيسىلەر، تاكى بۇرنىڭلاردىن ئېتىلىپ چىقىپ ھۆ بولغۇچە يەيسىلەر؛ چۈنكى سىلەر ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان پەرۋەردىگارنى مەنسىتمەي، ئۇنىڭ ئالدىدا يىغلاپ تۇرۇپ: «بىز نېمە ئۈچۈن مىسىردىن چىقتۇق؟» — دېدىڭلار». 20
مۇسا: — مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان بۇ خەلقتىن يولغا چىقالايدىغان ئەركەكلەر ئالتە يۈز مىڭ تۇرسا، سەن تېخى: «مەن ئۇلارنى گۆش يەيدىغان، ھەتتا پۈتۈن بىر ئاي گۆش يەيدىغان قىلىمەن» دەيسەن؛ 21
ئەمىسە قوي، كالا پادىلىرىنىڭ ھەممىسى سويۇلسا ئۇلارغا يېتەمدۇ؟ ياكى دېڭىزدىكى ھەممە بېلىق ئۇلارغا تۇتۇپ بېرىلسە، ئۇلارنىڭ يىيىشىگە يىتەرمۇ؟ — دېدى. 22
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇساغا: — پەرۋەردىگارنىڭ قولى قىسقا بولۇپ قاپتىمۇ؟ ئەمدى كۆرۈپ باققىنە، مېنىڭ ساڭا دېگەن سۆزۈم ئەمەلگە ئاشۇرۇلامدۇ-يوق؟ — دېدى. 23
شۇنىڭ بىلەن مۇسا چىقىپ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى خەلققە يەتكۈزدى ۋە خەلق ئىچىدىكى ئاقساقاللاردىن يەتمىش ئادەمنى تاللاپ يىغىپ ئۇلارنى جامائەت چېدىرىنىڭ ئەتراپىدا تۇرغۇزدى. 24
ئاندىن پەرۋەردىگار بۇلۇت ئىچىدىن چۈشۈپ، مۇسا بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇنىڭدىكى روھتىن ئېلىپ يەتمىش ئاقساقالغا قويدى؛ روھ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قونۇشى بىلەن ئۇلار بېشارەت بېرىشكە كىرىشتى. لېكىن شۇ ۋاقىتتىن كېيىن ئۇلار ئۇنداق قىلمىدى. 25
لېكىن ئۇ چاغدا ئۇلاردىن ئىككى ئادەم بارگاھتا قالدى؛ بىرسىنىڭ ئىسمى ئەلداد، ئىككىنچىسى مېداد ئىدى ‹ئۇلار ئەسلىدە ئاقساقاللارنىڭ ئارىسىدا تىزىملانغانىدى، لېكىن ئىبادەت چېدىرىغا چىقماي قالغانىدى›. روھ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىمۇ قوندى ۋە ئۇلار بارگاھ ئىچىدە بېشارەت بېرىشكە باشلىدى. 26
ياش بىر يىگىت يۈگۈرۈپ كېلىپ مۇساغا: — ئەلداد بىلەن مېداد بارگاھتا بېشارەت بېرىۋاتىدۇ، — دېدى. 27
مۇسانىڭ خىزمەتكارى، مۇسا تاللىغان سەرخىل يىگىتلىرىدىن بىرى، نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا قوپۇپ: — ئى خوجام مۇسا، ئۇلارنى توسۇغايلا، — دېدى. 28
لېكىن مۇسا ئۇنىڭغا: — سەن مېنىڭ سەۋەبىمدىن ھەسەت قىلىۋاتامسەن؟ پەرۋەردىگارنىڭ پۈتۈن خەلقى پەيغەمبەر بولۇپ كەتسە ئىدى، پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ روھىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قويسا ئىدى! — دېدى. 29
شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنىڭ ھەممىسى بارگاھقا قايتىپ كېتىشتى. 30
ئەمدى پەرۋەردىگار ئالدىدىن بىر شامال چىقىپ، ئۇ دېڭىز تەرەپتىن بۆدۈنىلەرنى ئۇچۇرتۇپ كېلىپ، بارگاھنىڭ ئەتراپىغا يېيىۋەتتى؛ بۆدۈنىلەر بارگاھنىڭ ئۇ تەرىپىدىمۇ بىر كۈنلۈك يول، بۇ تەرىپىدىمۇ بىر كۈنلۈك يول كەلگۈدەك يەر يۈزىنى ئىككى گەز ئېگىزلىكتە كەلگۈدەك قاپلىدى. 31
خەلق ئورنىدىن تۇرۇپ پۈتكۈل شۇ كۈنى، شۇ كېچىسى ۋە ئەتىسى پۈتۈن كۈن بۆدۈنە تۇتۇپ يىغدى، ئەڭ ئاز دېگەنلىرىمۇ ئالاھازەل ئىككى خومىر يىغدى؛ ئۇلار بۇلارنى بارگاھنىڭ تۆت ئەتراپىغا ئۆزلىرى ئۈچۈن يېيىشتى. 32
ئۇلار گۆشنى چايناپ ئېزىپ بولماي، گۆش تېخى چىشلىرى ئارىسىدا تۇرغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئۇلارغا قوزغىلىپ، خەلقنى ئىنتايىن ئېغىر بىر ۋابا بىلەن ئۇردى. 33
شۇڭا كىشىلەر شۇ يەرنى «قىبروت-ھاتتاۋاھ» دەپ ئاتىدى؛ چۈنكى ئۇلار شۇ يەردە نەپسى تاقىلدىغان كىشىلەرنى يەرلىككە قويغانىدى. 34
كېيىن خەلق قىبروت-ھاتتاۋاھتىن يولغا چىقىپ ھازىروتقا كېلىپ، ھازىروتتا توختىدى. 35

< چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 11 >