< نەھەمىيا 8 >

يەتتىنچى ئايغا كەلگەندە، ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى ئۆز شەھەرلىرىگە كېلىپ ئورۇنلىشىپ بولدى. بۇ چاغدا پۈتۈن خالايىق خۇددى بىر ئادەمدەك بولۇپ «سۇ قوۋۇقى» ئالدىدىكى مەيدانغا يىغىلىپ، تەۋراتشۇناس ئەزرادىن پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن ئىسرائىلغا تاپىلىغان تەۋرات-قانۇن كىتابىنى كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. 1
يەتتىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى كاھىن ئەزرا تەۋرات-قانۇن كىتابىنى جامائەتكە، يەنى ئەر-ئاياللار، شۇنداقلا ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ چىقتى؛ 2
«سۇ قوۋۇقى»نىڭ ئالدىدىكى مەيداندا، ئەتىگەندىن چۈشكىچە، ئەر-ئاياللارغا، شۇنداقلا ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان كىشىلەرگە ئوقۇپ بەردى. پۈتكۈل جامائەتنىڭ قۇلاقلىرى تەۋرات-قانۇن كىتابىدىكى سۆزلەردە ئىدى. 3
تەۋراتشۇناس ئەزرا مەخسۇس مۇشۇ ئىشقا ھازىرلانغان ياغاچ مۇنبەرگە چىقىپ تۇردى؛ ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە تۇرغىنى ماتتىتىيا، شېما، ئاناياھ، ئۇرىيا، ھىلقىيا بىلەن مائاسېياھلار ئىدى؛ سول تەرىپىدە تۇرغىنى پىدايا، مىشائەل، مالكىيا، ھاشوم، ھاشباددانا، زەكەرىيا بىلەن مەشۇللام ئىدى. 4
ئەزرا پۈتكۈل خالايىقنىڭ كۆز ئالدىدا كىتابنى ئاچتى، چۈنكى ئۇ پۈتۈن خالايىقتىن ئېگىزدە تۇراتتى؛ ئۇ كىتابنى ئاچقاندا، بارلىق خالايىق ئورنىدىن قوپتى. 5
ئەزرا ئۇلۇغ خۇدا بولغان پەرۋەردىگارغا مەدھىيەلەر ئوقۇۋىدى، بارلىق خالايىق قوللىرىنى كۆتۈرۈپ جاۋابەن: «ئامىن! ئامىن!» دېيىشتى؛ ئاندىن تىزلىنىپ، پىشانىسىنى يەرگە يېقىپ، پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى. 6
ئاندىن كېيىن لاۋىيلاردىن يەشۇيا، بانى، شەرەبىيا، يامىن، ئاككۇب، شاببىتاي، خودىيا، مائاسېياھ، كېلىتا، ئازارىيا، يوزاباد، ھانان ۋە پېلايالار خالايىققا تەۋرات قانۇنىنى چۈشەندۈردى؛ جامائەت ئۆرە تۇراتتى. 7
ئۇلار جامائەتكە كىتابتىن خۇدانىڭ تەۋرات-قانۇنىنى جاراڭلىق ئوقۇپ بەردى ۋە ئوقۇلغاننى چۈشىنىۋېلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ مەنىسى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدا ئېنىق تەبىر بەردى. 8
ۋالىي نەھەمىيا بىلەن تەۋراتشۇناس كاھىن ئەزرا ۋە خەلققە قانۇننىڭ مەنىسىنى ئۆگىتىدىغان لاۋىيلار پۈتكۈل جامائەتكە: ــ بۈگۈن خۇدايىڭلار بولغان پەرۋەردىگارغا ئاتالغان مۇقەددەس كۈندۇر، يىغا-زار قىلماڭلار! ــ دېدى. چۈنكى خالايىقنىڭ ھەممىسى تەۋرات قانۇنىدىكى سۆزلەرنى ئاڭلاپ يىغا-زار قىلىپ كېتىشكەنىدى. 9
ئاندىن [نەھەمىيا] ئۇلارغا: ــ سىلەر بېرىپ نازۇ-نېمەتلەرنى يەپ، شەربەتلەرنى ئىچىڭلار، ئۆزىگە [يىمەك-ئىچمەك] تەييارلىيالمىغانلارغا يېمەك-ئىچمەك بۆلۈپ بېرىڭلار؛ چۈنكى بۈگۈن رەببىمىزگە ئاتالغان مۇقەددەس بىر كۈندۇر. غەمكىن بولماڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ شادلىقى سىلەرنىڭ كۈچۈڭلاردۇر، دېدى. 10
لاۋىيلارمۇ: ــ بۈگۈن مۇقەددەس كۈن بولغاچقا، تىنچلىنىڭلار، غەمكىن بولماڭلار! ــ دەپ جامائەتنى تىنچلاندۇردى. 11
جامائەت قايتىپ بېرىپ، يەپ-ئىچىشتى، باشقىلارغىمۇ يىمەك-ئىچمەك ئۈلەشتۈرۈپ بەردى، شاد-خۇراملىققا چۆمدى؛ چۈنكى ئۇلار بېرىلگەن تەلىم سۆزلىرىنى چۈشەنگەنىدى. 12
ئەتىسى خالايىق ئىچىدىكى قەبىلە كاتتىۋاشلىرى، كاھىنلار ۋە لاۋىيلار تەۋراتشۇناس ئەزرانىڭ يېنىغا يىغىلىپ، تەۋرات قانۇنىدىكى سۆزلەرنى تېخىمۇ چۈشىنىپ پەم-پاراسەتكە ئېرىشمەكچى بولدى. 13
ئۇلار تەۋرات قانۇنىدا پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن ئىسرائىللارغا يەتتىنچى ئايدىكى ھېيتتا كەپىلەردە تۇرۇشى كېرەكلىكى پۈتۈلگەنلىكىنى ئۇقتى، 14
شۇنداقلا ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان بارلىق شەھەرلەردە ۋە يېرۇسالېمدا: «سىلەر تاغقا چىقىپ، زەيتۇن شېخى بىلەن ياۋا زەيتۇن شاخلىرىنى، خاداس ئۆجمە شاخلىرىنى، خورما دەرەخلىرىنىڭ شاخلىرىنى ۋە يوپۇرماقلىرى باراقسان دەرەخ شاخلىرىنى ئەكىلىپ، تەۋراتتا يېزىلغىنىدەك كەپىلەرنى ياساڭلار» دېگەنلىكىنى تارقىتىپ جاركالاشنى بۇيرۇغانلىقىنى ئۇقتى. 15
شۇنىڭ بىلەن خالايىق چىقىپ شاخ ئەكىلىپ ئۆزلىرى ئۈچۈن، ھەربىرى ئۆيلىرىنىڭ ئۆگزىلىرىدە، ھويلىلىرىدا، خۇدانىڭ ئۆيىدىكى ھويلىلاردا، «سۇ قوۋۇقى»نىڭ چوڭ مەيدانىدا ۋە «ئەفرائىم دەرۋازىسى»نىڭ چوڭ مەيدانىدا كەپىلەرنى ياساپ تىكتى. 16
سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ كەلگەن پۈتكۈل جامائەت كەپىلەرنى ياساپ تىكتى ۋە شۇنداقلا كەپىلەرگە جايلاشتى؛ نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئانىڭ كۈنلىرىدىن تارتىپ شۇ كۈنگىچە ئىسرائىللار ئۇنداق قىلىپ باقمىغانىدى. ھەممەيلەن قاتتىق خۇشال بولۇشتى. 17
بىرىنچى كۈندىن ئاخىرقى كۈنگىچە [ئەزرا] ھەركۈنى خۇدانىڭ تەۋرات-قانۇن كىتابىنى ئوقۇدى. ئۇلار يەتتە كۈن ھېيت ئۆتكۈزدى؛ سەككىزىنچى كۈنى بەلگىلىمە بويىچە تەنتەنىلىك ئىبادەت يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى. 18

< نەھەمىيا 8 >